مۇخبىرنىڭ خەينەن ئۆلكىلىك مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلاردىن بىلىشىچە ،10-چېسىلا چۈشتىن بۇرۇن ،خەينەن چېڭ مەي ناھىيەكونا شەھەر تەرەققىيات رايونىدىكى شىنسەي مەكتىپى ئۇقۇغۇچىلارنى باھار سەيلىسىگە ئورۇنلاشتۇرغان ،سائەت 11دە ،بىر لىق ئۇقۇغۇچى باسقان يۇلۇچىلار ئاپتوبۇسى يانغا ئۆرۈلۈپ چۈشكەن ،نەتىجىدە 8 نەپەر باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى نەق مەيداندا قازا قىلغان .تېخىمۇ تەپسىلى ئەھۋاللارنى مۇخبىرىمىز يەنىمۇ ئىچكىرلەپ دەلىللىمەكتە .ماشىنىدا جەمئىي 46 ئادەم بار بۇلۇپ ، بۇلارنىڭ ئىچىدە 42نەپەر باشلانغۇچ مەكتەپ ئۇقۇغۇچىسى ،3 قنەپەر ئوقۇتقۇچى ۋە 1نەپەر شوپۇر بارئىكەن .
بۇندىن باشقا مەركىزى تېلىۋىزىيە ئىستاسىسنىڭ خەۋەر قىلىشىچە :
بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10 يېرىم ئەتراپىدا خەينەن چېڭ مەي ناھىيەسىدىكى بىر باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلىرنى باسقان ساياھەت ئاپتوبۇسى ۋېنچاڭغا ساياھەتكە مېڭىش يولىدا قاتناش ھادىسىسى كېلىپ چىققان ،نەتىجىدە نەخ مەيداندا 8 نەپەر ئوقۇغۇچى قازا قىلىپ ، 32 ئادەم يارلانغان ،يارلانغانلارنىڭ ئىچىدە 30نەپەر ئوقۇغۇچى ،ئىككى نەپەر ئوقۇتقۇچى بار ئىكەن .ھازېر يارىدارلار دوختۇرخانىغا ئاپېرىلىپ جىددى قۇتقۇزۇلماقتا ،ۋەقەنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبى تېخىمۇ ئىچكىرلەپ تەكشۈرۈلمەكتە .
خەينەندىكى باھار سەيلىسىگە چىقىش جەريانىدا يۈز بەرگەن قاتناش ۋەقەسىدە قازا قىلغۇچىلارنىڭ ئائىلە تاۋاباتى 100مىڭ يۈەن ھال سوراش پۇلىغا ئېرىشكەن .
ئىككى شەھەر ناھىيە ۋەقەدە قازا قىلغان ھەر بىر ئوقۇغۇچىنىڭ ئاائىلە تاۋاباتىغا ھازىرچە 100مىڭ يۈئەندىن ھال سوراش پۇلى تارقىتىپ بەرگەن.چېڭ مەي ناھىيەسى ئاللىقاچان ۋەقەگە مەسئۇل كىشىلەرنى تەكشۈرۈشنى باشلىۋەتكەن .
چېڭ مەي ناھىيەسى بىلەن ۋېنچاڭ شەھىرى جىددى بېرلەشمە تەكشۈرۈش ھەركىتى ئېلىپ بارغان . دەسلەپكى ئىگەللەشكە قارىغاندا ھادېسە يۈز بەرگەن مەكتەپ چېڭ مەي شىنسەي مەكتىپى بۇلۇپ ،2006-يىلى خەلىق ئىگىلىكىدىكى مەكتەپ بولۇپ تەستىقلانغان .4-ئاينىڭ 10-كۈنى مەزكۇر مەكتەپ يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلارنىڭ ھېچقانداق بىرسىگە دوكلات قىلماستىن ،ئۆز ئالدىغا 14 دانە يۇلۇچىلار ئاپتوبۇسىنى ئېجارە ئېلىپ مەكتەپتىكى 586 نەپەت ئوقۇغۇچىنى ۋېنچاڭغا باھار سەيلىسىگە ئېلىپ چىققان .چۈتىن بۇرۇن سائەت 11دە ،ئارىسىدىكى بىر ئاپتوبۇس ۋېنچاڭ شەھىرى دوڭگې بازىرى باۋفاڭ يول بۆلكىگە كەلگەندە يانغا ئۆرۈلۈپ چۈشكەن .نۆۋەتتە،چېڭ مەي ناھىيەسى ئىككى كىچىك ئەترەت تەشكىللىگەن بۇلۇپ ،بىر كىچىك ئەترەتكە ناھىيەلىك پارتېكوم شۈجىسى رەھبەرلىك قىلىپ نەخ مەيداندا قۇتقۇزۇشقا يېتەكچىلىك قىلغان، يەنە بىر كىچىك ئەترەتكە ناھىيەلىك مۇئاۋىن پارتېكوم شۈجىسى ۋە ناھىيە باشلىقى رەھبەرلىك قىلىپ ھال سوراش ئىشلىرىنى ئېلىپ بارغان .ھازېر ، چېڭ مەي ناھىيەسى مەكتەپكە قايتىپ كەلگەن بالىلارنىڭ سانىنى ئېنىقلاپ ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلىرىنى ئېلىپ كېتىشىگە ئوقتۇرۇش چۈشۈرۈپ ، ئادەم يىغىلىپ قالاايىمقانچىلىق يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئالغان .
تەكشۈرۈش:‹‹ھەقىقى پاكىت ›› نېمە ؟
بېخەتەرلىك ھادىسىسى كۆپلەپ يۈز بېرۋاتىدۇ ،باھار سەيلىسى بولسا ئوقۇغۇچىلارنىڭ گۈزەل ئىستەكلىرىگە ئايلانماقتا
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ،مەكتەپ ئااپتوموبېلى ۋە ئوقۇغۇچىلار ئولتۇرغان يۇلۇچى ئاپتوبۇسى قاتناش ۋەقەسىنىڭ كۆپلەپ يۇز بېرىشى ،جەمئىيەتنىڭ كۈچلۈك دېققىتىنى تارتىماقتا .شۇنداقلا كۆپلىگەن رايونلار ۋەقەنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبىنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ توپلىشىپ باھار سەيلىسىگە چىقىشىدىن كېلىپ چىققان دەپ غۇلغۇلا قىلىشماقتا .
قىسمەن ئىگەللىگەن ئەھۋاللارغا ئاساسلانغاندا ،ئوقۇغۇچى بالىلارنىڭ بېخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ،كۆپلىگەن مەكتەپلەر ئوقۇغۇچىلارنىڭ كوللىكتىپ ساياھەتكە چىقىشىنى يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلارنىڭ تەستىقلىشىغا ئىلتىماس سۇنىدىكەن ، بەزى جايلار ئوقۇغۇچىلارنى باھار سەيلىسىگە ئېلىپ چىقماسلىققا بۇيرۇق چۈشۈرگەن . بىر ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسىنىڭ دېيىشىچە ،تەستىقىلتىشقا ئىلتىماس سۇنۇشنىڭ ماھىيىتى بولسا ئەمىليەتتە ئوقۇغۇچىلارنىڭ باھار سەيلىسىگە چىقىشىنى چەكلەش ھېسابلىنىدىكەن ، چۈنكى تەستىقىتن ئۆتۈش ئاسان ئەمەس بۇلۇپ ، كۆپ ھاللاردا مەكتەپ تەستىق ئالالماي ئۆزلۈكىدىن ئىلتىماسىدىن ۋاز كېچىدىكەن .
باھەر سەيلىسگە ئورۇنلاشتۇرغان مەكتەپلەر بولسا ئالدىن بىر ئاي بۇرۇن كۆپلىگەن ئادەم ۋە ماددى كۈچ ئاجرىتىپ ئەتراپلىق تەييارلىق قىلىدىغان بۇلۇپ ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنى ئىگەللەش ،چوڭ يىغىن چاقىرىپ بىخەتەرلىك مەسىلىسى توغرىسىدا تەشۋىقات ئېلىپ بېرىش ۋە مۇداپىئە ئەسلىھەلىرىنى بىرگە ئېلىپ مېڭىش قاتارلىق بىر قاتار ئاۋارچىلىقلار تۈپەيلى ھازىر باھار سەيلىسىگە ئورۇنلاشتۇرۇشنى خالايدىغان مەكتەپلەر كۆپ ئازايغان.
![]() |
ئۈرۈمچى شەھىرىدە 1 – يانۋاردىن باشلاپ، تۇرالغۇ جامائەت فوندى ئارقىلىق ئۆي سېتىۋالغانلار تۇرالغۇ جامائەت فوندى يېڭى قەرز ئۆسۈم نىسبىتى بويىچە قەرز قايتۇرىدۇ.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك تۇرالغۇ جامائ...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved