18-مارت شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى ئۆزى پۇل تۆلەپ چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇيدىغانلارنىڭ ۋاسىتىچىلىك ئاپپاراتى سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن 12 ئورۇننى ئېلان قىلدى، بۇ ئورۇنلارنىڭ كۈچكە ئىگە ۋاقتى 2017-يىلى 7-مايغىچە بولىدۇ.
بۇ 12 ۋاسىتىچىلىك ئاپپاراتى ئايرىم-ئايرىم ھالدا: ئۈرۈمچى چيەنيې يۆياڭ ئۇچۇر مەسلىھەت چەكلىك شىركىتى، ئۈرۈمچى خۇايۈ ۋېييې مەسلىھەت سوراش باشقۇرۇش مۇلازىمەت چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ چىدې مائارىپ مەسلىھەت چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ خەلقئارا ئىقتىساد ھەمكارلىق شىركىتى، شىنجاڭ يىڭليەن ئۇچۇر مەسلىھەت مۇلازىمەت چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ ۋەنتوڭجيې چەت ئەلگە چىقىشتىن مەسلىھەت سوراش مۇلازىمەت چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تاشقى دوستلۇق ئالماشتۇرۇش مۇلازىمەت مەركىزى، شىنجاڭ شىندوڭفاڭ چەت ئەلگە چىقىشتىن مەسلىھەت سوراش چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ مېيسىن چەت ئەلگە چىقىشتىن مەسلىھەت سوراش مۇلازىمەت چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ رۈيتې يۈەنخاڭ مەدەنىيەت تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ ئاۋسترالىيە، ئامېرىكا، كاناداغا ئوقۇشقا چىقىدىغانلار مۇلازىمەت مەركىزى، شىنجاڭ لەنلۈشۇ خەلقئارالىق مائارىپ ئالماشتۇرۇش مەركىزى قاتارلىقلار.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved