ياز ئۆتكۈزۈشتىكى ئەڭ ياخشى تاللىشىڭىز ــ تەڭرىتاغ بوغدا كۆلى

 بوغدا كۆلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ فۇكاڭ شەھىرى تەۋەسىدە بولۇپ، ئېگىز تاغدىكى كۆلنى مەركەز قىلغان ساياھەت رايونى. تەڭرىتاغ بوغدا چوققىسى دېڭىز يۈزىدىن 5 مىڭ 544 مېتىر ئېگىز بولۇپ، قىش - ياز قار بىلەن قاپلىنىپ تۇرىدۇ، كۆل يۈزى دېڭىز يۈزىدىن 1900 مېتىر ئېگىز. كۆل بويىدىكى قويۇق ئورمانلار، ياپيېشىل ئوت - چۆپلەر بۇ يەردە ئاجايىب گۈزەل تەبىئىي مەنزىرە ھاسىل قىلغان. جۇڭگو دۆلەت زېمىن بايلىقى مىنىستىرلىقىدىكى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ 2013-يىل 5-ئىيۇندىن 6-ئىيۇنغىچە تەكشۈرۈپ تەستىقلىشى بىلەن بوغدا كۆلى دۆلەت گېئولوگىيە باغچىسى قاتارىغا كىردى.

  ھاۋا كىلماتى

  بوغدا كۆلىنىڭ كىلىماتى تىپىك چوڭ قۇرۇقلۇق قۇرغاق ھاۋا كىلىماتىغا مەنسۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ قۇرغاق، كۈننىڭ يورۇتۇش ۋاقتى ئۇزۇن، ھۆل - يېغىن مىقدارى ئاز، يىللىق ھۆل - يېغىن مىقدارى ئارانلا 20-100 مىللىلىتىرغا يېتىدۇ، شىمالىي شىنجاڭنىڭ بولسا 100-500 مىللىلىتىرغا يېتىدۇ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپىراتۇرىسى 10-13 سېلسىيە گىرادۇسقىچە، شىمالىي شىنجاڭنىڭ 10 سېلسىيە گىرادۇستىن تۆۋەن بولىدۇ. ئەڭ يۇقىرى تېمپىراتۇرا 48.9 سېلسىيە گرادۇسقا، ئەڭ تۆۋەن تېمپىراتۇرا كۆكتوقايدا كۆرۈلىدىغان بولۇپ نۆلدىن تۆۋەن 51.5 سېلسىيە گرادۇس بولىدۇ.

  1990-يىل 8-ئايدا، ب د ت مائارىپ، پەن - مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ تەستىقى بىلەن، بوغدا كۆلى مەركەز قىلىنغان بوغدا چوققىسى «خەلقئارا ئادەم ۋە تەبىئەت بىئولوگىيە چەمبىرىكى قوغداش رايونى» قوغداش تورى قۇرۇلغان، بۇ رايوننىڭ كۆلمى 1600 كۋادرات كىلومېتىر.

  1993-يىلى، دۆلەت قۇرۇلۇش مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن «تەڭرىتاغ بوغدا كۆلىدىكى مەنزىرە رايونىنىڭ ئومۇمىي گەۋدە پىلانى» تەستىقلانغان.

  2000-يىلى، تەڭرىتاغ بوغدا كۆلى دۆلەت ساياھەت ئىدارىسى تەرىپىدىن 4A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى قىلىپ باھالانغان، بوغدا كۆلىدىكى ئىككى لىنىيەنىڭ ئېچىلىشى بىلەن، بوغدا كۆلى - داۋانچىڭ - تۇرپان ساياھەت لىنىيەسى شەكىللەنگەن.

  2004-يىلى جۇڭگو نەملىك يەرلەرنى قوغداش رايونى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن، 2007-يىلى دۆلەت ساياھەت ئىدارىسى تەرىپىدىن 5A دەرىجىلىك ساياھەت ئورنى قىلىپ بېكىتىلگەن.

  2006-يىل 2-ئايدا «يەر شارى ساياھەت گېزىتى» قاتارلىق 31 ئۆلكىدىكى شەھەر گېزىتلىرىدە بىرلا ۋاقىتتا «چەتئەللىكلەر بېرىشقا تېگىشلىك جۇڭگودىكى 50 جاي»نىڭ بىرى قىلىپ باھالانغان.

  2006-يىل 12-ئايدا خەلقئارا ساياھەت تەشكىلاتى تەرىپىدىن جۇڭگودىكى 15«ئەڭ ياخشى ساياھەت مەنزىرە رايونى»بولۇپ باھالانغان.

  2007-يىلى بەش ئا دەرىجىلىك ساياھەت رايونى قىلىپ بېكىتىلگەن.

  2013-يىلى دۇنيا مەدەنىي مىراسلار تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن.2014-يىلى 16-ئىيۇل، مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى تورىدا «4- تۈركۈمدىكى دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋەكىللىك تۈرىنىڭ تۈر تەۋسىيە قىلىش تىزىملىكى توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» ئېلان قىلىنىپ، شىنجاڭ بوغدا كۆلى باشقۇرۇش كومىتېتى ئىلتىماس قىلغان «ئوماي ئانا رىۋايىتى» مەزكۇر تۈر تىزىملىكىگە تاللانغان.

  2014-يىل 7-ئاينىڭ 23-كۈنى ساياھەتچىلەرگە مايا تېغى قانىلى رەسمىي ئېچىۋېتىلگەن.

  2014-يىل 3-سىنتەبىر، «تەڭرىتاغ بوغدا كۆلى گېئولوگىيەلىك ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئېكولوگىيەلىك قوغداشتىكى ئاچقۇچلۇق تېخنىكا ۋە ئۇنىڭ قوللىنىلىشى» ماقۇللانغان.

  5A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى ئۆلچەملەشتۈرۈلگەن سۈپەت دەرىجە سېستىمىسى بولۇپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ساياھەت ئىدارىسى تەشكىللىگەن مەملىكەتلىك ساياھەت مەنزىرە رايون دەرىجە سۈپىتىنى باھالاش كومىتېتى 4A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى ئارىسىدىن باھالاپ بېكىتكەندىن كىيىن، شەكىللەنگەن ساياھەت رايونى سۈپەت دەرىجىسى بولۇپ، نۆۋەتتىكى ساياھەت مەنزىرە رايونلىرىغا بېرىلگەن ئەڭ يۇقىرى دەرىجە ئۆلچىمى. 4A دەرىجىلىك ساياھەت رايونى بىلەن سېلىشتۇرغاندا ئىنسانىي تۇيغۇغا شۇنداقلا ئىنچىكىلىشىشكە تېخىمۇ بەكرەك ئەھمىيەت بەرگەن بولۇپ، ساياھەتچىلەرنىڭ پىسخىكىلىق ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش، ئادەمنى ئاساس قىلىشنى بەكرەك تەكىتلەيدۇ.



خەتكۈچلەر:
15-05-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
11-05-2016
   شاڭخەي دىسنېي باغچىسى ئەتىدىكى دۇنيا مەنزىرە رايونى. 5-ئاينىڭ 10-كۈنى شاڭخەي دېسنىي باغچىسىنىڭ يەنە بىر ئىچكى سىناق كۈنى. باغچىدا تىجارەت باشقۇرغۇچىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن 10 مىڭدىن ئارتۇق ئىچكى سىناققا قاتناشقۇچى ساياھ...
10-05-2016
    شاڭخەي دىسنېي باغچىسى جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى تۇنجى دىسنېي باش تېمىسىدىكى باغچا بولۇپ، 2016-يىلى 16-ئىيۇن رەسمىي ئېچىۋېتىلىدۇ. نۆۋەتتە باغچىنىڭ تىجارەت باشلاش مەزگىلى تەتۈر ساناققا قەدەم قويدى. باغچا مىچىل كوچىسى، ئاجاي...
09-05-2016
    شاڭخەي دىسنېي باغچىسى جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى تۇنجى دىسنېي باش تېمىسىدىكى باغچا بولۇپ، 2016-يىلى 16-ئىيۇن رەسمىي ئېچىۋېتىلىدۇ. نۆۋەتتە باغچىنىڭ تىجارەت باشلاش مەزگىلى تەتۈر ساناققا قەدەم قويدى. باغچا مىچىل كوچىسى، ئاجا...
09-05-2016
    ئاسىيا كىندىكى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى، 5-ئاينىڭ 3-كۈنى مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، 2016-يىللىدىكى جۇڭگو ساياھەت كۈنىنىڭ يېتىپ كېلىشىنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى ۋىلايە...
09-05-2016
    ئالدىنقى ھەپتە ئاخىرى بولسا 2016-يىللىق شىمالى ئامېرىكا يازلىق مەزگىلىنىڭ تۇنجى ھەپتە ئاخىرى، ھەريىللىق ئەڭ كەسكىن بولغان بېلەت كىرىمى تالىشىش جېڭى يەنە باشلاندى. بۇ يىل يازلىق مەزگىلدە يەنە مارۋېلنىڭ بىر سۇپېر قەھرىما...
09-05-2016
    ئۆزبېكىستان سەنئەت ساھەسىدىكى خانىش شۇنداقلا ئۆچمەس يۇلتۇز شاھزادە ئۆزىنىڭ بىر ھەپتىلىك كونسېرتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدى. ئەڭ ئاخىرقى كۈنىدىكى رەسىملەردىن بىرلىكتە ھۇزۇرلىنايلى.
09-05-2016
    مالايسىيا دېڭىز ئىشلىرى قانۇن ئىجرا قىلىش تارمىقىنىڭ ئەمەلدارى 8- ماي ئىپادە بىلدۈرۈپ، 2- ماي مالايسىيانىڭ ساباھ ئۆلكىسىدە يوقاپ كەتكەن كېمىنىڭ چۆكۈپ كەتكەنلىكىنى بايقىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولۇپ، ۋەقەگە ئۇچرىغان بۇ كېمى...
09-05-2016
    2000-يىللاردىن باشلاپ، كورىيەلىك چولپانلار جۇڭگوغا كىرىپ تەرەققىي قىلىشقا باشلىغان بولۇپ، كورىيەنىڭ كىنو ئارتىسلىرى، ناخشا-ئۇسسۇل چولپانلىرى جۇڭگو تاماشا ساھەسىدە كۆزگە كۆرۈنۈشكە باشلىغان. جاڭ نالا دەل شۇ چولپانلارنىڭ ...
08-05-2016
     شاڭخەي دۇڭپىڭ دۆلەت ئورمان باغچىسى جۇڭگونىڭ 3-چوڭ ئارىلى بولغان چۇڭمىڭ ئارىلىنىڭ ئوتتۇرا شىمالىي قىسمىغا جايلاشقان، بۇ باغچىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 5400 مو كېلىدىغان بولۇپ، تەبىئىي «ئوكسىگېنخانا» دېگەن نامى بار، ب...
07-05-2016
    ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ 5-مايدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: ئەنگلىيەدىكى تۇنجى تاغ پويىزى تېما قىلىنغان رېستۇران 13-ماي ئوردۇنتا شادلىق باغچىسىدا تىجارەت باشلايدۇ، شۇ ۋاقىتتا بۇ رېستۇراندىكى بارلىق تاماقل...
Powered by Leglek