سۈرەتتە چاۋشيەن خەلق ئارمىيەسىنىڭ ئىككىنچى باش قوماندانى خيون يوڭچول، ئوڭدىن بىرىنجى كىشى
يەرشارى تورى خەۋىرى: چاۋشيەن بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ 13-مايدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، كورېيە دۆلەتلىك ئاخبارات مەھكىمىسى 13-ماي مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: چاۋشيەن خەلق قورال كۈچى مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىسىتىرى خيون يوڭچول چاۋشيەننىڭ ئالىي رەھبىرى كىم جوڭئۇن بىلەن تاكاللىشىپ، ‹‹خانغا بىھۆرمەتلىك قىلىش جىنايىتى›› شەكىللەندۈرگەنلىكتىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن.
چاۋشيەن بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ كورېيە پارلامېنتىدىكى ئالاقىدار زاتنىڭ خەۋىرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە، دۆلەتلىك ئاخبارات مەھكىمىسى شۇ كۈنى پارلامېنت ئاخبارات كومىتېتىنىڭ بۇ سىرلىق دېلو ھەققىدىكى دوكلاتىدا ‹‹چاۋشيەن دائىرىلىرىنىڭ خيون يوڭچولنىڭ جامائەتنىڭ ئالدىدىلا زېنىت توپى بىلەن ئېتىپ ئۆلتۈرۈۋېتىلگەنلىكى›› بىلدۈرگەن.
ئىگىلىنىشىچە، خيون يوڭچول 2010-يىلى چاۋشيەن خەلق ئارمىيەسىنىڭ گېنېرالى بولغان، 2012-يىلى كىم جوڭئىل ئوردېنىغا ئېرىشكەن، شۇ يىلى 7-ئايدا چاۋشيەن خەلق ئارمىيەسىنىڭ باش ئىشتاب باشلىقى بولغان، 2014-يىلى 6-ئايدا چاۋشيەن خەلق قورال كۈچى مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى بولغان.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما تىك ئۇچارغا ئولتۇرۇپ ياپونىيە خىروشىما تىنچلىق باغچىسىغا يېتىپ بېرىپ، تىنچلىق باغچىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە گۈل چەمبىرەك تەقدىم قىلدى.
|
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن گىرېتسىيەدە زىيارەتتە بولدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved