ياپونىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، شۇ يەر ۋاقتى 16-فېۋرال ياپونىيە ياماناشى ناھىيەسىنىڭ ياماناكاكو كەنتىدىكى كۆل بويىدا ‹‹ئالماس فۇجى›› مەنزىرىسى شەكىللەنگەن. بۇ مەنزىرە تاكى بىر مىنۇت ئەتراپىدا داۋاملاشقان.
شۇ كۈنى 300 دىن ئارتۇق كىشى كۆلنىڭ شەرقىي قىرغىقىدىكى ياماناكاكو پىكىر ئالماشتۇرۇش مەيدانى ئەتراپىدىكى كۆل بويىغا يىغىلغان، كۆپچىلىك فوتوئاپپاراتلىرىنى تەييار قىلىپ، ‹‹ئالماس فۇجى›› مەنزىرىسىنىڭ پەيدا بولۇشىنى كۈتكەن.
چۈشتىن كېيىن سائەت 4:30 ئەتراپىدا قۇياش فۇجى تېغىنىڭ چوققىسىغا چۈشۈپ، خۇددىي ئالماس كەبى نۇر چاچقان، كىشىلەر فوتوئاپپارات زاتۋورىنى بېسىپ بۇ گۈزەل دەقىقىنى خاتىرىلىۋالغان.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved