2014-يىلى يەر شارى ئىقتىسادى يەنىلا چوڭقۇر تەڭشىلىپ، ئەسلىگە كېلىش سۈرئىتى يەنىلا ئاستا بولدى، يېڭى كونا زىددىيەتلەرنىڭ جىپسىلىشىشى يەر شارى ئىقتىسادىنى تېخىمۇ مۇرەككەپلەشتۈردى، تەمىنات ۋە ئېھتىياج زىددىيىتى ماي باھاسىنى قالايمىقانلاشتۇردى، پۇل سىياسىتىدىكى ئۆزگىرىش پۇل مۇئامىلە بازىرىنى مالىمان قىلدى، قېلىپتىكى ئۆزگىرىش ئەسلىگە كېلىشنى ئارقىغا چېكىندۈردى، تۆۋەندە بىز 2014-يىلى خەلقئارادا بولۇپ ئۆتكەن چوڭ مالىيە ۋەقەلىرگە قاراپ باقايلى:
1- ياۋروپا مەركىزىي بانكىسىنىڭ مەنپى پايدا نىسبىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشى
5-ئىيۇن ياۋروپا مەركىزىي بانكىسى بىر كېچىلىك پۇل ئامانەت پايدا نىسبىتىنى مىنوس %0.1 چۈشۈرگەنلىكىنى جاكارلاپ، يەر شارىدا مەنپى پايدا نىسبىتىنى تۇنجى يولغا قويغان ئاساسلىق بانكا بولۇپ قالدى، پۇل مۇئامىلە كىرزىسى بولۇپ ئالتە يىلدىن كېيىن ياۋروپا ئىقتىسادى قىيىن ئۆتكەلدىن تېخى ئۆتەلمىدى، ئەنئەنىۋى گېرمانىيە فىرانسىيە ماتورىنىڭ كۈچى يېتەرسىز بولدى، ئىتالىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە مەنپى ئېشىش كۆرۈلدى، ئۇنىڭدىن باشقا ياۋرو رايونىدا ئىشسىزلىق نىسبىتى يەنىلا %10 دىن يۇقۇرى بولدى، بۇنىڭ بىلەن ياۋروپا مەركىزىي بانكىسى ئامالسىز تەۋەككۇل قىلىشىقا مەجبۇر بولدى، ئەمما گېرمانيە قاتارلىق دۆلەتلەر بۇنداق قىلىش چەكلىمىسىز قەرز ئېلىشقا ئىلھام بېرىپ، قەرزى ئېغىر دۆلەتلەرنىڭ مالىيەنى رەتكە سېلىش ۋە قۇرۇلما خاراكتېرلىك ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشتىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرىۋېتىدۇ دەپ ئەندىشە قىلدى.
ئىككىنچى، كۆپ مىقدارلىق توۋارلار باھاسى چۈشۈپ كەتتى.
ئالتىنچى ئاينىڭ ئوتتۇرلىرى خەلقئارادا ماي باھاسى چۈشتى، يىل ئاخىرىغا بارغاندا تېخىمۇ چۈشتى، بازارنىڭ ئومۇمى ئەھۋالىدا تەمىنات ئېھتىياجدىن ئارتۇق بولغاچقا، كەلگۈسىدە ماي باھاسى يەنە چۈشۈشى مۇمكىن، ماي باھاسىنىڭ چۈشۈشى كۆپ مىقدارلىق توۋارلار ۋە ئاساسى مېتال باھاسىنىڭ تۆۋەنلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، كۆپ مىقدارلىق توۋارلار باھاسى بۇ يىل تەخمىنەن %20 چۈشۈپ، 4 يىلدن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە يېقىنلاشتى، بۇ ئۆزگىرىش دۇنيانىڭ ئىقتىسادىغا ئوخشاش بولمىغان تەسىر كۆرسەتتى، بىر جەھەتتىن رۇسىيە قاتارلىق بايلىق تىپىدىكى دۆلەتلەر ئېكىسپورت كىرىمىدىكى مەنبىيىدىن ئايرىلدى، يەنە بىر جەھەتتىن ئېنېرگيە ئىمپورتىغا تايىنىش دەرىجىسى بىر قەدەر يۇقۇرى دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادى ھەرىكەت تەننەرخى تۆۋەنلىدى.
3- ئالىبابا ئامېرىكىغا كىردى
19-سىنتەبىر ئالىبابا ئامېرىكا بىرژىسىغا كىردى ئۇنىڭ تۇنجى ساتقان پېيى 25 مىليارد 30 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، يەر شارىدىكى تۇنجى ئاشكارە سېتىلغان پاي كۆلىمىنى يېڭلىدى، بازارغا سېلىنغان تۇنجى كۈنىدىكى پاي قىممىتى 230 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، ئېلېكتىر سودا ماگىناتى ئامازون ۋە ئېبايسامدىن ئېشىپ كەتتى.
ئالىبابانىڭ بۇ مۆجىزىسى ئىنتىر تورى ۋە كۆچمە خەۋەرلىشىش تېخنىكىسىنىڭ سودا ئىنقىلاۋى قوزغاۋاتقانلىقىنى كۆرىستىپ بەردى، ئۇنىڭدىن باشقا 11- نويابىر جۇڭگودا توردا مال سېتىۋېلىش بايرىمى بولۇش بىلەن بىرگە يەنە پۈتۈن يەر شارىدىكى ئېلېكتىر سودا سەھنىسى، تەمىنات سودىگەرلىرى، ئىستېمالچىلار ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە قاتناشتى.
4- خەلق پۇلىنىڭ خەلقئارالىشىش مۇساپىسى تېزلىدى.
29-سىنتەبىر جۇڭگونىڭ تاشقى پېرىۋوت سودا مەركىزى جۇڭگو خەلق بانكىسىنىڭ ھوقۇق بېرىشى بىلەن 30-سىنتەبىردىن باشلاپ بانكىلار ئارا تاشقى پېرىۋوت بازىرىدا خەلق پۇلىنىڭ ياۋروغا قارىتىلغان بىۋاستە سودىسىنى باشلايدىغانلىقىنى جاكارلىدى، يەر شارىدىكى ئىككىنچى چوڭ تاشقى پېرىۋوت پۇلىدا بىۋاستە سودا قىلىش ئىشقا ئاشتى، بۇ خەلق پۇلىىنىڭ خەلقئارالىشىش قەدىمىنىڭ تېزلىگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ، مەلۇماتقا قارىغاندا بۇ يىل 8-ئايغىچە خەلق پۇلى يەر شارىدىكى 7- چوڭ پول بولغان، خەلق پۇلىنىڭ خەلقئارالىشىشى سودا پۇلىنىڭ پۇل مۇئامىلە پۇلى ۋە زاپاس پۇلغا يۈرۈش قىلىش مۇساپىسىنى بويلاپ مۇقىم ئىلگىرلىمەكتە.
5- دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ بۆلىنىشى گەۋدىلىك بولدى.
9-ئۆكتەبىر خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ لېدىرى راگاد خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى ۋە دۇنيا بانكىسىنىڭ يىللىق يىغىنىدا مۇنداق دېدى: دادىللىق بىلەن سىياسەت چىقىرىپ يەر شارى ئىقتىسادىنىڭ يېڭىدىن قاتمال ھالەتكە چۈشۈپ قېلىشىدىن ساقلىنىش كېرەك، بۇ تەشكىلات يەنە بۇ يىل ۋە كېلەر يىلى يەر شارى ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى كۆزلىمىسىنى تۆۋەنلەتتى، يېڭى كونا خەتەر جىپسىلاشقان شارائىتتا دۇنيا ئقتىسادى ئاستا ئېشىۋاتىدۇ، تەرەققىي تاپقان ئىقتىسادى گەۋدىلەرنىڭ بۆلۈنۈش ۋەزىيىتى گەۋدىلىك بولىۋاتىدۇ، ئامېرىكا كۈچلۈك ئېشىش ۋەزىيىتىنى ساقلاۋاتىدۇ، ياۋروپا بىلەن ياپونىيەنىڭ ئەھۋالى ناچار، يېڭىدىن گۈللەنگەن ئىقتىسادى گەۋدىلەرمۇ تېز ئېشىش سۈرئىتىنى تۆۋەنلەش، پۇل مۇئامىلە بازىرىدا داۋالغۇش بولۇش قاتارلىق خىرىسلارغا دۇچ كەلدى.
رايون سىياسىي توقۇنۇشى، ئېبولا يۇقۇمى قاتارلىقلار يەر شارى ئىقتىسادىغا يېڭى مۇقىمسىز ئامىللارنى ئېلىپ كەلدى، بىراق ھەرقايسى دۆلەتلەر قۇرۇلما خاراكتېرلىك ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك تېزلىتىپ، يېڭى ئېشىش نۇقتىلىرى ئۈستىدە ئىزدىنىشكە توغرا كېلىدۇ. جۇڭگو ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرماقتا، بۇ يەر شارىنىڭ ئىقتىسادىنى قايتا تەڭپۇڭلاشتۇرۇش، يېڭى قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلۇشنى كۈچلۈك ئۇزۇن مۇددەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بىلەن تەمىنلەيدۇ.
6-، ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇپ، كەڭ قورساق بولۇپ، ئىقتىسادىنى ئاشۇرۇش.
24-ئۆكتەبىر جۇڭگو، ھىندىستان، سىنگاپورنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۇنجى تۈركۈمدىكى 21 ئەزا دۆلەتنىڭ مالىيە مىنىستىرلىرى ۋە ھوقۇقلۇق ۋەكىللىرى بېيجىڭدا كېلىشىم ئىمزالاپ، ئاسىيا ئۇل ئەسلىھە مەبلەغ سېلىش بانكىسىنى بىرلىكتە قۇرۇشنى قارار قىلدى. ئاسىيا ئۆز-ئارا ھەمكارلىشىش ۋە ئىشىنىش تەدبىرلىرى يىغىنى، ئاسىيا ياۋروپا باشلىقلار يىغىنى، ئاسىيا تىنچ ئوكيان ئىقتىسادى ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ بىر قاتار يىغىنلىرىدىن 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلەر يىغىنىغىچە، ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش يەر شارىدىكى قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى. جۇڭگونىڭ پائال تۈرتكىسىدە، ئالتۇق كېسەك دۆلەتلەر تەرەققىيات بانكىسى، ئاسىيا مەبلەغ سېلىش بانكىسى، يىپەك يولى فوندى قاتارلىق مېخانىزملاردا بۇ يىل ماھىيەتلىك ئىلگىرىلەش بولدى. جۇڭگو تۆمۈر يول، ئۈسكۈنە ۋە ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى قاتارلىق ساھەلەردىكى ئۈستۈنلۈكىنى جارى قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، چەتئەللەردە يېڭى ھەمكارلىق، يېڭى تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، ئاقىنى راۋانلاشتۇرۇش ئارقىلىق كەڭ قوساقلىق بىلەن ئىقتىسادنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈردى.
7-، ئامېرىكا مىقدارلاشتۇرۇپ بوشىتىش سىياسىتىدىن چېكىندى.
29-ئۆكتەبىر ئامېرىكا قوشماشىتاتلىق زاپاس ساقلاش ئىدارىسى 3-نۆۋەتلىك مىقدارلاشتۇرۇپ بوشىتىشنى رەسمىي ئاياغلاشتۇردى. بۇ پۇل مۇئامىلە كىرزىسى يۈز بەرگەندىن بۇيان، ئامېرىكا تارىخىدا مىسلى كۆرۈلمىگەن پۇلنى بوشىتىش سىياسىتىنىڭ ئاياغلاشقاندىن دېرەك بېرىدۇ. 2008-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن بۇيان، ئامېرىكا قوشماشىتاتلىق زاپاس ساقلاش ئىدارىسى ئۈچ نۆۋەت مىقدارلاشتۇرۇپ بوشىتىش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، 4 تىرىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېقىن قىممەتتىكى مۈلۈكنى سېتىۋالدى. مىقدارلاشتۇرۇپ بوشىتىش سىياسىتى ئامېرىكا ئىقتىسادىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە مەلۇم تۈرتكىلىك رول ئوينىدى، لېكىن بۇنىڭدىن كېلىپ چىققان ئامېرىكا دوللىرىنىڭ پېرېۋوت نىسبىتىدە داۋالغۇش بولۇش، مۈلۈك كۆپۈكى كۆپ بولۇش، كاپىتال كۆپ مىقداردا كىرىش-چىقىش، كۆپ مىقدارلىق تاۋارلارنىڭ باھاسى تۆۋەنلەش قاتارلىق مەسىلىلەر باشقا ئىقتىسادى گەۋدىلەرگە خىرىس ئېلىپ كەلدى.
8-، ئابې شىنزۇ ئىقتىسادشۇناسلىقى تۈسىنى يوقاتتى.
8-دېكابىر ياپونىيە كابېنتى ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتقا قارىغاندا، بۇ يىلنىڭ 3-پەسىلدە ياپونىيەنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %0.5 تۆۋەنلىگەن، ئىقتىساد ئۇددا ئىككى پەسىل تۆۋەنلەپ، يەنە بىر قېتىم چېكىنگەن. گەرچە ئابې شىنزۇ تۇرۇشلۇق ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسى يىل ئاخىرىدا ئاۋام پالاتاسى سايلىمىدا غەلبە قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئىقتىسادىنىڭ چېكىنىشى ئابې شىنزۇ ئىقتىسادشۇناسلىقىنىڭ تۈسىنى يوقاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
9- رۇسىيە ئىقتىسادى سوغۇق ئېقىمغا ئۇچرىدى.
15-دېكابىر رۇسىيە مەركىزى بانكىسى ئېلان قىلغان مۆلچەردە مۇنداق دېيىلدى: 2015-، 2016-يىلى رۇسىيە ئىقتىسادى چېكىنىدۇ، بۇ يىل خەلقئارادا نېفىت باھاسى زور دەرىجىدە چۈشتى ۋە غەربنىڭ جازاسى رۇسىيەنىڭ ئېكسپورت كىرىمىنى ئازايتتى، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىدى، يەنە رۇبلىنىڭ تېز كۇرسى چۈشتى. پۇل پاخاللىق بېسىمى زورايدى. يىل بېشىدىن 29-دېكابىرغىچە رۇبلىنىڭ قىممىتىنىڭ چۈشۈشى %70تىن ئېشىپ كەتتى، رۇسىيە مەركىزى بانكىسى بۇ يىل 6 قېتىم ئۆسۈمنى ئۆستۈرۈپ، 1998-يىلىدىكى قەرز كىرزىسىدىن بۇيانقى ئەڭ ئېغىر پۇل مۇئامىلە خېيىم-خەتىرىگە تاقابىل تۇردى.
10-،جۇڭگونىڭ ئىقتىسادى مۇقىم ئاشتى.
جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ خىزمەت دوكلاتىدا بۇ يىللىق ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش كۆزلىمە نىشانى %7.5 ئەتراپىدا بولىدۇ دەپ بەلگىلەندى، مۆلچەرگە قارىغاندا، 2014-يىلى جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئومۇمىي مىقدارىنىڭ 10 تىرىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن ئېشىپ، ئامېرىكىدىن قالسا يەنە بىر ئىقتىسادى كۆلىمى مۇشۇ دەرىجىدە يەتكەن ئىقتىسادى گەۋدىگە ئايلىنىشىدىن ئۈمىد بار ئىكەن.
ئۇندىن باشقا دۇنيا بانكىسى ئېلان قىلغان دوكلاتتا مۇنداق دېيىلدى: ئەگەر سېتىۋېلىش ئەمەلىي كۈچى بويىچە ھېسابلىغاندا، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئومۇمىي مىقدارى بۇ يىل ئامېرىكىدىن ئېشىپ، 1-چوڭ ئىقتىسادى گەۋدىگە ئايلىنىدۇ. گەرچە ئىلىم ساھەسىنىڭ بۇ خىل ئۆلچىمىنىڭ ئوبيېكتىپلىقى مۇنازىرە قوزغىغان بولسىمۇ، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ يەر شارىغا بولغان تەسىر كۈچىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېشىشى ئورتاق تونۇشقا ئايلاندى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved