شۇ يەر ۋاقتى 12-ئاينىڭ 3-كۈنى، ئامېرىكا كالىفورنىيە شتاتىنىڭ سان-بىناردىنو شەھىرىدىكى خەلق ئاممىسى شام نۇرى ئاستىدا يىغىلىش ئۆتكۈزۈپ، قوراللىق ۋەقەدە قازا قىلغانلار ئۈچۈن تەزىيە بىلدۈردى. 12-ئاينىڭ 2-كۈنى كالىفورنىيە شتاتىنىڭ جەنۇبى قىسمىدىكى سان-بىناردىنو شەھىرىدە «ئىچكى قۇرۇقلۇق رايونىنىڭ مەركىزى» دەپ ئاتىلىدىغان بىر مېيىپلارنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەركىزىدە قوراللىق ۋەقە يۈز بېرىپ، ئاز دېگەندىمۇ 14 نەپەر بىگۇناھ ئامما قازا قىلغان، 21 نەپەر كىشى يارىلانغان، ئىككى نەپەر جىنايەتچى ساقچىلار بىلەن ئېتىشىش جەريانىدا ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved