رۇسىيە كۆپ خىل تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئامېرىكا ۋە ياۋروپانىڭ جازاسىغا تاقابىل تۇرماقچى

        ئۆتكەن يىلى 3-ئايدىن بۇيان، ئامېرىكا بىلەن ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئۇكرائىنا كىرزىسى سەۋەبلىك رۇسىيەگە نۇرغۇن جازالاش تەدبىرى قوللاندى، رۇسىيە ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب ئەللىرىنىڭ رۇسىيەگە قارىشى بىردەك قورشاۋىغا كىرىپ قالدى، دىپلوماتىيە جەھەتتىمۇ يىتىم قالاي دەپ قالدى.

        بۇ يىل دۇنيانىڭ تېررورلۇققا قارىشى ۋەزىيىتى روشەن كەسكىن بولدى، فرانسىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان غەرب ئەللىرى تېررورلۇقنىڭ زىيىنىغا ئۇچرىدى. مۇشۇنداق ئەھۋالدا رۇسىيە زۇڭتۇڭى پوتىن تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئوتتۇرغا چىقىپ، ئەپچىللىك بىلەن تاقابىل تۇرۇپ، كىرىزىسنى پۇرسەتكە ئايلاندۇرماقچى بولدى.

       2015-يىلىغا نەزەر سالغاندا، رۇسىيەنىڭ دىپلوماتىيەدىكى ئەڭ كۈچلۈك ھەرىكىتى تېررورلۇققا قارىشى تۇرۇش بولدى. پوتىن تېررورلۇققا قارىشى تۇرۇش مەسىلىسىدە يېتەرلىك كۈچ سەرپ قىلدى، كۆپ قېتىم تەدبىر قوللاندى.

بۇ يىل 9-ئايدا سۇرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن رۇسىيە سۈرىيەدىكى ئىسلام دۆلىتى ئەسەبىي تەشكىلاتىنىڭ نىشانلىرىغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلدى، بۇنى ئامېرىكا ھەمدە ئۇنىڭ ياۋروپادىكى ئىتتىپاقداشلىرى ئويلاپ باقمىغان ئىدى.

     بۇندىن بۇرۇن ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى تېررورلۇققا قارىشى تۇرۇش ئىتتىپاقىنىڭ سۈرىيەدىكى ھەرىكىتى تازا ئۈنۈم بەرمىگەن ئىدى ھەمدە ئوتتۇرا شەرقتىكى مۇساپىرلار دولقۇنى ئېلىپ كەلگەن ئىنسانپەرۋەرلىك كىرزىسى يامانلىشىپ ئېغىر مەسىلىگە ئايلاندى. ئامېرىكا ئىزچىل تۈردە سۈرىيەدىكى باشار ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، ئۆزلىرىنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش كويىدا بولۇپ كەلدى. مۇشۇنداق ۋاقىتتا، رۇسىيە كەسكىن ئەسكەر چىقىرىپ، تېررورلۇققا قارىشى تۇرۇشتىكى ھەققانىيلىق تۇغىنى ئامېرىكىدىن تارتىۋالماقچى بولدى.

      تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ قارىدى: رۇسىيەنىڭ بۇ تەدبىرى ئامېرىكا ئوتتۇرا شەرقتە ئۈستۈنلۈككە ئىگە ۋەزىيەتنى توسۇپ، باشار ھاكىمىيىتىنى مۇقىملاشتۇرۇش ئارقىلىق سۈرىيەنىڭ سىياسىي مۇساپىسىنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەمدە مۇشۇنداق قىلىش ئارقىلىق رۇسىيىنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى ھەربىي مەۋجۇتلۇقى ۋە ئىستراتېگىيەلىك تەڭپۇڭلاشتۇرۇش ئىقتىدارىنى مۇستەھكەملىشى ۋە كۈچەيتىشىگە پايدىلىق.

بۇ يىل 11-ئايدا پارىژدا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇم قىلىش دېلوسى دۇنيانى چۆچۈتتى، ھەتتا بەزى تاراتقۇلار تېررورلۇققا قارىشى تۇرۇشنى 3- دۇنيا ئورۇشى دەپ ئاتىدى. پوتىن مۇشۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، دىپلوماتىيە قورشاۋىدىن بۆسۈپ چىقىش ئۈستىدە ئىزدەنمەكتە.

       پارىژدىكى ھۇجۇم قىلىش دېلوسى يۈز بېرىپ ئۇزۇن ئۆتمەي، تۈركىيەدە 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنىدا، تېررورلۇققا قارىشى تۇرۇش مۇھىم قارالما بولدى. پوتىن يىغىن پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، رۇسىيەنىڭ سۈرىيەدىكى ھەربىي ھەرىكىتىدىن بۇيان تۇنجى قېتىم ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما بىلەن ئايرىم كۆرۈشتى، بۇ قېتىمقى كۆرۈشۈش-رۇسىيە ئامېرىكا رەھبەرلىرىنىڭ موز چېقىش تەدبىرى دەپ ئاتالدى.

20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنى ئاياغلىشىپ 2-كۈنى رۇسىيە: بۇندىن بۇرۇن سىناي يېرىم ئارىلىدا يۈز بەرگەن رۇسىيەنىڭ يولۇچىلار ئايروپىلانى چۈشۈپ كېتىش ۋەقەسى- ئايروپىلاندا پارتلاتقۇچ بۇيۇم بولغانلىقتىن كېلىپ چىققان دەپ جاكارلىدى.

      رۇسىيەنىڭ مۇشۇنداق ۋاقىتتا شۇ قېتىملىق ئايروپىلان ۋەقەسىنى تېررورلۇق ۋەقەسى دەپ بېكىتىشى رۇسىيەنىڭ ئۆزلىرىنى فىرانسىيە بىلەن بىرگە خەتەرگە يوللۇققان قېرىنداشلىق ئورۇنغا قويغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. شۇندىن كېيىن پوتىن بىر تەرەپتىن سۇرىيە دائىرىسىدىكى ئىسلام دۆلىتى نىشانلىرىغا زەربە بېرىش كۈچىنى كۈچەيتىش ھەققىدە بۇيرۇق بەرسە، يەنە بىر تەرەپتىن ئوتتۇرا يەر دېڭىزىدىكى رۇسىيە قىسىمىنى فىرانسىيەنىڭ گوگۇل نامىلىق ئاۋىياماتكىسى بىلەن بىرگە ئىتتىپاقلاشلارچە تېررورلۇققا قارىشى تۇرۇش ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇش ھەققىدە بۇيرۇق چۈشۈردى.

      تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: پوتىننىڭ بۇ تەدبىرى ۋەزىيەتكە قارىتا ئىش كۆرۈپ، كۆڭۈل قويۇپ ئورۇنلاشتۇرۇش ھېسابلىنىدۇ، بۇ غەربتىكى ئاساسلىق دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ياخشىلاپ، بۇ ئارقىلىق ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب ئەللىرىنىڭ رۇسىيە قارىشى تۇرۇش سېپىدە بىر يوچۇق ئېچىشنى مەقسەت قىلىدۇ.

         دەل رۇسىيە ئىسلام دۆلىتىگە زەربە بېرىشتەك تېررورلۇققا قارىشى تۇرۇش دولقۇنىنىڭ ئالدىدا كېتىۋاتقان مەزگىلدە، رۇسىيەنىڭ سۇ-24 بەلگىلىك ئۇرۇش ئايروپىلانى سۈرىيەگە يېقىن تۈركىيە چېگراسىدا تۈركىيە ئارمىيەسى تەرىپىدىن ئېتىپ چۈشۈرۈلدى.

تۈركىيەنىڭ بۇ تەدبىرى بەس-مۇنازىرە قوزغىدى. قانداق بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر بۇ ۋەقە رۇسىيەنىڭ ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى ھەربىي ۋە سىياسىي تەسىرىنى كېڭەيتىشىگە ياخشى پۇرسەت يارىتىپ بەردى.

       ھەربىي جەھەتتە رۇسىيە رۇسىيە بىلەن تۈركىيەنىڭ ھەربىي ئالاقىسىنى ئۈزىدىغانلىقىنى، سۈرىيەدىكى ھېمەيمىن ھاۋا ئارمىيەسى بازىسىغا ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنى كۆپەيتىپ ئەۋەتىدىغانلىقىنى ھەمدە بۇ بازىغا S-400 بەلگىلىك ھاۋا مۇداپىئە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسىنى تېزدىن ئورۇنلاشتۇرۇدىغانلىقىنى جاكارلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە رۇسىيەنىڭ 300 S- بەلگىلىك ھاۋا مۇداپىئە باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئورۇنلاشتۇرۇلغان موسكۋا نامىلىق چارلىغۇچى پاراخوتى سۈرىيەگە يېقىن لاتاكىيە دېڭىز قىرغىقى رايونىغا ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

      دىپلوماتىيە جەھەتتە، رۇسىيە تېررورلۇقنىڭ يانتاياقچىسىنىڭ كەينىمىزدىن قەستلىشىگە ئۇچرىدۇق، دەپ جاكارلاپ، خورلانغۇچى ۋە ھەققانىيەتچىلىك ئوبرازى جەھەتتە ھېسداشلىققا ئېرىشتى. ئاندىن كېيىن رۇسىيە تۈركىيە بىلەن ئىسلام دۆلىتىنىڭ تىل بىرىكتۈرۈپ نېفىت ئەتكەسچىلىكى قىلغانلىقىنى ئىسپات كۆرسىتىپ پاش قىلىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ دىپلوماتىيە ھۇجۇمى قوزغاپ، فىرانسىيە ، گېرمانىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ چۈشىنىشىنى قولغا كەلتۈردى. ئەمما ئامېرىكا دەسلەپتە تۈركىيەنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوغداش ھوقۇقى بار دېگەندەك مۈجمەل گەپ-سۆزلەرنى قىلدى، رۇسىيەنىڭ ئۇرۇش ئايروپىلانىنىڭ ئېتىپ چۈشۈرۈلگەنلىكى توغرىسىدا پوتىنغا ئەپسۇسلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى تۈركىيەنىڭ ھەرىكىتى ھەددىدىن ئېشىپ كەتتى، دەپ كۆرسەتتى، ئوتتۇرا شەرقتىكى بىرەر دۆلەتمۇ تۈركىيەگە يان باسمىدى.

    رۇسىيە مۇتەخەسسىسلىرى مۇنداق دەپ قارىدى: رۇسىيە بۇ قېتىمقى تىركىشىشتە مۇھىم نەتىجىگە ئېرىشتى. ئەگەر بۇندىن بۇرۇن S-400 ھاۋا مۇداپىئە باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى ئورۇنلاشتۇرسا ئورۇنسىز بولۇپ قالاتتى، بۇ قېتىم رۇسىيە ئوتتۇرا شەرق رايونىغا بىر خەنجەر ئورۇنلاشتۇردى.

ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئۇنىۋېرسال تەھلىلىدىن قارىغاندا، رۇسىيە نۆۋەتتىكى بىر قەدەر پايدىلىق ۋەزىيەتتىن پايدىلىنىپ، دىپلوماتىيە قېلىپىدا داۋاملىق خېلى ئىشلارنى قىلالايدىكەن.

     مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دەپ قارىدى: ئىسلام دۆلىتى ئەسەبىي تەشكىلاتى ھەمدە باشقا تېررورچى كۈچلەرنى قىسقا ۋاقىتتا يوقىتىش تەس، رۇسىيە كەلگۈسىدە تېررورلۇققا قارىشى تۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ ئۈنۈملۈك قورالدىن داۋاملىق پايدىلىنىپ دىپلوماتىيە قېلىپىنى كېڭەيتىدۇ. تېررورلۇق ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق دۈشمىنى، رۇسىيە تېررورلۇققا قارىشى تۇرۇش ئارقىلىق غەرب ئەللىرى بىلەن ئورتاق مەنپەئەت نۇقتىسىنى ئاسانلا تاپالايدۇ ھەمدە غەرب ئەللىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى يېقىنلاشتۇرالايدۇ. ئۇندىن باشقا تېررورلۇققا قارىشى تۇرۇش نۇرغۇن ساھەلەرگە چېتىلىدۇ. رۇسىيە غەرب ئەللىرى بىلەن ھەربىي، سىياسەت، ئىقتىساد قاتارلىق نۇرغۇن ئۇچرىشىش يوللىرىنى ئېچىپ، غەرب ئەللىرىنىڭ رۇسىيەگە قاراتقان بېسىمى ۋە جازاسىنى يېنىكلىتىشكە ئۈزلۈكسىز ئۇرۇنسا بولىدۇ.

      ئۇندىن باشقا رۇسىيە ئۇرۇش ئايروپىلانى ۋەقەسى رۇسىيە تۈركىيە مۇناسىۋىتى ۋە رايون ۋەزىيىتىگە زور ۋە چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇنداقلا بۇ رۇسىيەنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى ئىستراتېگىيەلىك نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىرادىسىنى يەنىمۇ چىڭىتىدۇ.

      ھازىر رۇسىيە بىلەن تۈركىيەنىڭ ئايروپىلان ۋەقەسى ماجىراسى ئاياغلاشمىدى، ۋەزىيەتنىڭ قانداق تەرەققىي قىلىشىغا بىر نېمە دېمەك تەس. شۇنى كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەسكى، بۇ ۋەقەدە رۇسىيە تەشەببۇسكار ئورۇندا تۇرماقتا. لېكىن شۇنىمۇ كۆرۈش كېرەككى، تۈركىيە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئەزاسى، ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرق ئىستراتېگىيەسىدىكى مۇھىم ئىجراچىسى، ئەگەر رۇسىيە تۈركىيەگە كەسكىن تەدبىر قوللانسا،ئامېرىكا ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى تۈركىيەنىڭ مۇداپىئەنى كۈچەيتىشىگە ياردەم بېرىشى ھەتتا پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ رۇسىيەگە جازا يۈرگۈزۈشى مۇمكىن.

     قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ، رۇسىيە بىلەن تۈركىيەنىڭ ماجىراسى ئوتتۇرا شەرق رايونى ۋەزىيىتىگە بىر قىيىنچىلىق ئېلىپ كەلدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە شۇنىمۇ كۆرۈش كېرەككى رۇسىيە بىلەن تۈركىيە مۇھىم قوشنىلار،ئىقتىسادى مۇناسىۋىتى ئىنتايىن يېقىن، توقۇنۇش داۋاملىق كەسكىنلەشسە ئىككى تەرەپنىڭ ئىقتىسادى ۋە خەلقئارادىكى ئوبرازىغا زىيان يەتكۈزىدۇ. شۇڭا يىراقتىن قارىغاندا، ئىككى دۆلەت بۇندىن كېيىن يارىشىش ئۈستىدە ئىزدىنىدۇ.

     ئۇندىن باشقا، ياۋروپا بىلەن ئامېرىكىدىكى چوڭ دۆلەتلەر نۇرغۇن ئىشلاردا نارازى بولدى، ھەتتا رۇسىيىنى يامان كۆردى، لېكىن رۇسىيە بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئىسلام دۆلىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قاتار قىيىن مەسىلىلەرگە ئورتاق يۈزلەنمىسە بولمايدۇ.

     شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى رۇسىيە كۆپ يوللار ۋە سەھنىلەردىن داۋاملىق پايدىلىنىپ، ياۋروپا ۋە ئامېرىكا بىلەن بولغان ئالاقە ۋە ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئۆز دۆلىتىنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداش، دىپلوماتىيە بوشلۇقىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن شارائىت يارىتىدۇ.

     يەنە شۇنىڭ بىلەن بىرگە شۇنىمۇ كۆرۈش كېرەككى، غەرب ئەللىرىنىڭ رۇسىيەنى جازالىشى ۋە قورشاۋغا ئېلىشى ھازىرچە ئۆزگەرمەيدۇ. بۇندىن كېيىن رۇسىيە يېڭىدىن سىرتنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرامدۇ يوق؟ رۇسىيە سىياسىي ۋە ئۇچۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى، داڭلىق سىياسىي تەھلىلچى مۇسىن مۇنداق دېدى: مۇشۇنداق بولۇش مۇمكىنچىلىكى تامامەن بار، لېكىن سىرتنىڭ بېسىمى رۇسىيەنىڭ ھەسسىلەپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ دۇنيا مۇساپىسىگە تەسىر كۆرسىتىشىگە تۈرتكە بولىدۇ، ئامېرىكا بىلەن ياۋروپا بۇ نۇقتىنى بىلىشى كېرەك.



خەتكۈچلەر:
16-12-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
30-05-2016
شىنخۇا تورى 23- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى نەچچە كۈن ئىلگىرى يىللىق دوكلات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: 2015- يىلى سەئۇدى ئەرەبسىتان ئاسىيا قىتئەسىدىكى دۆلەتلە...
30-05-2016
     شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 28-كۈنى، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى كىشىلەر كوچىلارغا چىقىپ، <ئاتلانتىك ئوكيان ھالقىغان سودا ۋە مەبلەغ سېلىش شېرىكلىك مۇناسىۋەت كېلىشىمى> (TTIP) شۇنداقلا ھۆكۈمەتنىڭ مالىي...
28-05-2016
    شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما تىك ئۇچارغا ئولتۇرۇپ ياپونىيە خىروشىما تىنچلىق باغچىسىغا يېتىپ بېرىپ، تىنچلىق باغچىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە گۈل چەمبىرەك تەقدىم قىلدى.
28-05-2016
    رۇسىيە NTV تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەنگلىيە، گېرمانىيە، ئىتالىيە، كانادا، ئامېرىكا، فرانسىيە ۋە ياپونىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يەتتە دۆلەت گۇرۇھىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ باشلىقلىرى پەقەت رۇسىيە مىنسكى كېلىشىمىنى تولۇق ئىجرا قى...
28-05-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن گىرېتسىيەدە زىيارەتتە بولدى.
28-05-2016
      شۇ يەر ۋاقتى 27-ماي، ئامېرىكا كالفورنىيە شىتاتى سانتىياگو، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ زۇڭتۇڭ نامزاتى ترامپ سانتىياگودا سايلام يىغىلىشى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، شۇ جايدىكى خەلق ئاممىسى قولىدا تاختىلارنى كۆت...
28-05-2016
شىنخۇا تورى 28- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     چاۋشيەن مەركىزى ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، چاۋشيەن خەلق ئارمىيەسىنىڭ ئەڭ ئالىي قوماندانى مۇنداق دېگەن: شۇ كۈنى كورىيە ئارمىيەسى چاۋشيەننى...
28-05-2016
يەر شارى تورى 28- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     ۋېيتنام تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ۋېيتنام ھۆكۈمىتى نەچچە كۈن ئىلگىرى 22 دۆلەت ۋە رايوندا تۇرۇشلۇق 80 دىن ئارتۇق ۋېيتناملىقىنى نەنشا تاقىم ئارى...
28-05-2016
ۋاڭيى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنىتلىقىنىڭ 27-ماي ئېيتىشىچە، جەنۇبىي ئوسېتىيەنىڭ رەھبىرى تىبىلوۋ ۋە پارلامېنىت رەئىسى بىبىلوۋ 26-ماي جەنۇبىي ئوسېتىيە 2017-يىلى رۇسىيەگە قوشۇلۇشقا ئوم...
27-05-2016
     5-ئاينىڭ 26-كۈنى، گىرېتسىيە بىلەن ماكېدونىيەنىڭ چېگرىسىدىكى كىچىك كەنت ئىدومېنى. مۇساپىرلار بۇ يەردىن ئايرىلىش ئۈچۈن ئاپتوبۇسنىڭ كېلىشىنى كۈتمەكتە. 24-مايدىن باشلاپ، گىرېتسىيە ساقچى تەرەپ، رەسمىي ھالدا گىرېتسىيە-...
Powered by Leglek