ھىندىستاندا پارلامېنت ئالدىدا تۇقۇنۇش يۈز بەردى

دۇنيا خەۋەرلىرى تورى 16-مارت خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: ھىندىستان پايتەختى يېڭى دېھلىدا يەر ئىسلاھاتىغا قارشى چىققان يۈزلىگەن نامايىشچى يولدا يۈرۈش قىلىپ، ساقچىلار تەرىپىدىن يۇقىرى بېسىملىق سۇ بىلەن چەكلەشكە ئۇچرىدى.
ئۆكتىچى پارتىيە قۇرۇلتىيى ئۆتكۈزگەن بۇ ھەرىكەتكە قاتناشقان يۈزلىگەن كىشى، ساقچىلار شەكىللەندۈرگەن چەمبەر سىزىقىدىن ھالقىپ پارلامېنت بىناسىغا قاراپ ماڭماقچى بولغان، ساقچىلار كالتەكلەر بىلەن نامايىشچىلارغا مۇداخىلە قىلىپ، چەمبەر سىزىقىدىن ھالقىپ ئۆتكەن كىشىلەرگە يۇقىرى بېسىملىق سۇ چاچتى، تۇقۇنۇشتا ساقچىلارنىڭ كۈچ ئىشلەتكەنلىكىنى ئاشكارىلاندى.
نامايىشچىلار، باش مىنىستىر نارېندىرا مودى ئوتتۇرغا چىقارغان لايىھەنىڭ دۆلەتتىكى مىليونلىغان دېھقانغا زىيان يەتكۈزىدىغانلىقىنى ئېيتماقتا. قۇرۇلتاي باياناتچىسى ئاناند شارما، دېھقانلارغا قارشى دەپ قارىغان قانۇننىڭ دۆلەتنىڭ يىمەكلىك بىخەتەرلىكىگە تەھدىد سالىدىغانلىقىنى ئېيتتى، ئۇ يەنە «بۇ ھۆكۈمەت دېھقانلارنىڭ يەر-زېمىنلىرىغا قول ئۇزىتىش يولىنى ئاچتى» دېدى.

ماي ئېيىدا ھاكىمىيەت بېشىغا چىققان ئوڭچىل پارتىيە رەھبىرى مودى، سايلامدىكى ۋەدىلىرىنىڭ بىرى بولغان خەتەرلىك ئاساسى خىزمەتلەر ئۈچۈن يەر-زېمىنلارنى ئومۇملاشتۇرۇشنى قولايلاشتۇرىدىغان بىر قانۇننى ئوتتۇرغا قويغان. قانۇن لايىھەسى، مودىنىڭ پارتىيىسى BJP نىڭ كۆپ سانلىق بولغان خەلق مەجلىسىدىن ئۆتكۈزۈلدى. ئاۋاز بېرىش ئەسناسىدا قۇرۇلتاي پارتىيىسى ئەزالىرى قارشىلىق بىلدۈرۈش مەقسىتىدە پارلامېنت زالىدىن ئايرىلدى. لاھىيەنىڭ قانۇنلىىشىشى ئۈچۈن ، BJP نىڭ ئاز سانلىق بولغان ۋىلايەتلەر كومىتىتىدىن ئۆتكۈزۈلۈشى كېرەك. بۇيەردە قۇرۇلتاي پارتىيىسى يېقىنقى ئون يىلدىن بۇيان كۆپ سانلىققا ئىگە.
يۇقارقى قانۇن لايىھەسى، مودىدىن بۇرۇنقى سولچىل ھۆكۈمەت چىقارغان قانۇنلارنى ئۆزگەرتىدۇ، ھۆكۈمەت قوللىغۇچىلىرى قانۇننىڭ كېچىكتۈرۈلۈپ مىليارد دوللارلىق قىممەتتىكى ئاساسى پىلانننىڭ يوق بولغانلىقىنى تىلغا ئالماقتا.
يېڭى قانۇنغا ئاساسلانغاندا، بۇنىڭدىن كېيىن شەخسى شىركەتلەر مۇداپىئە، تۇرالغۇ ۋە ئىنىرگىيە پىلانلىرى ئۈچۈن سېتىۋالىدىغان زېمىنلارنىڭ ئىگىلىرىنىڭ يۈزدە 80% نىڭ ماقۇللىقىنى ئېلىش ياكى شىرىكلەرگە ھەقلىرىنىڭ 4 ھەسسىسىنى تۆلەشكە مەجبۇر ئەمەس.



17-03-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
30-05-2016
شىنخۇا تورى 23- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى نەچچە كۈن ئىلگىرى يىللىق دوكلات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: 2015- يىلى سەئۇدى ئەرەبسىتان ئاسىيا قىتئەسىدىكى دۆلەتلە...
30-05-2016
     شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 28-كۈنى، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى كىشىلەر كوچىلارغا چىقىپ، <ئاتلانتىك ئوكيان ھالقىغان سودا ۋە مەبلەغ سېلىش شېرىكلىك مۇناسىۋەت كېلىشىمى> (TTIP) شۇنداقلا ھۆكۈمەتنىڭ مالىي...
28-05-2016
    شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما تىك ئۇچارغا ئولتۇرۇپ ياپونىيە خىروشىما تىنچلىق باغچىسىغا يېتىپ بېرىپ، تىنچلىق باغچىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە گۈل چەمبىرەك تەقدىم قىلدى.
28-05-2016
    رۇسىيە NTV تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەنگلىيە، گېرمانىيە، ئىتالىيە، كانادا، ئامېرىكا، فرانسىيە ۋە ياپونىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يەتتە دۆلەت گۇرۇھىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ باشلىقلىرى پەقەت رۇسىيە مىنسكى كېلىشىمىنى تولۇق ئىجرا قى...
28-05-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن گىرېتسىيەدە زىيارەتتە بولدى.
28-05-2016
      شۇ يەر ۋاقتى 27-ماي، ئامېرىكا كالفورنىيە شىتاتى سانتىياگو، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ زۇڭتۇڭ نامزاتى ترامپ سانتىياگودا سايلام يىغىلىشى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، شۇ جايدىكى خەلق ئاممىسى قولىدا تاختىلارنى كۆت...
28-05-2016
شىنخۇا تورى 28- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     چاۋشيەن مەركىزى ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، چاۋشيەن خەلق ئارمىيەسىنىڭ ئەڭ ئالىي قوماندانى مۇنداق دېگەن: شۇ كۈنى كورىيە ئارمىيەسى چاۋشيەننى...
28-05-2016
يەر شارى تورى 28- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     ۋېيتنام تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ۋېيتنام ھۆكۈمىتى نەچچە كۈن ئىلگىرى 22 دۆلەت ۋە رايوندا تۇرۇشلۇق 80 دىن ئارتۇق ۋېيتناملىقىنى نەنشا تاقىم ئارى...
28-05-2016
ۋاڭيى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنىتلىقىنىڭ 27-ماي ئېيتىشىچە، جەنۇبىي ئوسېتىيەنىڭ رەھبىرى تىبىلوۋ ۋە پارلامېنىت رەئىسى بىبىلوۋ 26-ماي جەنۇبىي ئوسېتىيە 2017-يىلى رۇسىيەگە قوشۇلۇشقا ئوم...
27-05-2016
     5-ئاينىڭ 26-كۈنى، گىرېتسىيە بىلەن ماكېدونىيەنىڭ چېگرىسىدىكى كىچىك كەنت ئىدومېنى. مۇساپىرلار بۇ يەردىن ئايرىلىش ئۈچۈن ئاپتوبۇسنىڭ كېلىشىنى كۈتمەكتە. 24-مايدىن باشلاپ، گىرېتسىيە ساقچى تەرەپ، رەسمىي ھالدا گىرېتسىيە-...
Powered by Leglek