رۇسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ 16-دېكابىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، «ئىسلام دۆلىتى» IS تەشكىلاتى قوراللىق كۈچلىرىنىڭ تۈركىيەدىن كېلىدىغان كۆپلىگەن تەمىنلەش لىنىيەسى يېقىندا سۈرىيە ئارمىيەسى تەرىپىدىن بىتچىت قىلىنغان. ئىران ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە دېيىلىشچە، رۇسىيە ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ ياردىمى ئاستىدا سۈرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيەسى IS قوراللىق كۈچلىرى ئىشلىتىۋاتقان، تۈركىيەدىن كېلىدىغان كۆپلىگەن تەمىنلەش لىنىيەلىرىنى ۋەيران قىلغان. ئۇنىڭدىن باشقا، سۈرىيە ئارمىيەسى ھەلەب ئۆلكىسىدە IS نىڭ نۇرغۇنلىغان بازىلىرىنى بىتچىت قىلغان.
سۈرىيە ئارمىيەسىنىڭ ئۇرۇش ئايروپىلانىدىن باشقا، رۇسىيە ئايروپىلانلىرىنىڭ ھاۋا ھۇجۇمىمۇ IS نىڭ ئارقا سەپ تەمىنلەش نۇقتىلىرىنى ئۈزۈپ تاشلاشقا ئىنتايىن زور ياردىمى بولغان. سۈرىيە زۇڭتۇڭى بەشار ئەسەدنىڭ تەكلىپى بىلەن، رۇسىيە 9-ئاينىڭ 30-كۈنىدىن باشلاپ، SU-24M, SU-25 ۋە SU-34 بەلگىلىك قاتارلىق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنى ئەۋەتىپ، سۈرىيەدىكى رادىكال تەشكىلاتقا زەربە بېرىشكە باشلىغان.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved