ھەر خىل ئاشقۇن تەشكىلاتلار پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا ئىسلام دىنى بايرىقنى كۆتۈرۋېلىپ ھەر خىل زوراۋانلىق ۋەقەلىرى ئارقىلىق ساراسىمە سېلۋاتقان پەيىتتە، پۈتۈن دۆلەت نوپۇسىنىڭ ٪95 تى مۇسۇلمانلاردىن تەركىب تاپقان ھەمدە مۇسۇلمانلارنىڭ سانى دۇنيا بۇينچە 5-رەتكە تىزىلغان تۈركىيە قارىماققا كەمدىن -كەم دۇنيانىڭ نەزىرىنى ئۆزىگە تارتىدۇ. ئەگەر يەنە تۈركىيەنىڭ جۇغراپىيەلىك ئورنىنىڭ دۇنيانىڭ ‹‹ئوق -دورا ئىسكىلاتى ››بولغان بالقان يېرىم ئارىلى ، كافكاز رايونى ،پارىس قولتۇقى ۋە ئوتتۇرا شەرىقنىڭ كېسىشىش نوقتىسىغا جايلاشقانلىقنى نەزەرگە ئالغاندا قارايدىغان بولساق بۇ جايدا سوغوق مۇناسىۋەتلەر ئۇرشى مەزگىلدىلا زىددىيەت مەۋجۇت بۇلۇپ توقۇنۇشلار ئۈزۈلمەي يۈز بېرىپ تۇرغان . نۆۋەتتىكى ۋەزىيەت كۆرۈنۈشكە ھەقىقەتەنمۇ ناھايتى تەستە قولغا كېلىدۇ.
كەلگۈسىدە ئاساسلىق زىمىنى ئاسىيا قىتئەسىگە جايلاشقان تۈركىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئەزا دۆلىتىگە ئايلىنىدۇ . بۇ پۈتۈن خەلقئارالىق مۇناسىۋەت تارىخىدا ھەقىقەتەنمۇ كىشىنى جەلىب قىلدىغان بىر ئاالاھىدە مىىسال بۇلۇپ قالىدۇ . ئەلۋەتتە بۇ ۋاقىتتا دىننى ئاشقۇن ئىدىيەنىڭ تەسىر كۆرسىتىشىمۇ مۇقەرەر .
ئۇنداقتا تۈركىيە قانداق ھەل قىلغان ؟ تۈركىيەنىڭ 200يىلدىن يۇقىرى يېقىنقى زامان تارىخىغا قارايدىغان بولساق ئۇنىڭ مۇنداق ئىككى چوڭ كۆرىنەرلىك ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقارغانلىقنى كۆرۋالالايمىز:بىرى ئۇمۇميۈزلۈك دۇنيا ئېقىمىغا ماسلىشىش ئىستىراتىگىيەسى ، يەنە بىرى پۈتۈن كۆلەملىك ئېچۋىتىش .
تۈركىيەنىڭ دۇنيا ئېقىمغا ماسلىشىش ئىستىرتىگيەسىنى تىلغا ئالغىنمىزدا كۆپ قىىسىم كىىشىلەر بىرىنجى بۇلۇپ بىر كىشىنى ئەسكە ئالىىدۇ ــــــ مۇستاپا كامال. توغرا ، مۇستاپا كاماال رەھبەرلىك قىلغان دۇنيا ئېقىمغا ماسلىشىش ھەركىتى تۈركىيە ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا ھەقىقەتەنمۇ ئىنتاين چوڭ ئەھمىيەتكە ئىگە ، مۇستاپا كامالنىڭ دۆلەت ئاتىسى دەپ ھۆرمەتكە سازاۋەر بۇلشىمۇ ھەقىقەتەن ھەقلىق . بىراق بىزنىڭ بىلشىمىز كىرەك بولغىنى مۇستاپا كامال ھەرگىمۇ تۈركىيە تارىخىدىكى تۇنجى بۇلۇپ دۇنيا ئېقىمىغا ماسلىشىشنى ئوتتۇرغا قويغۇچى ئەمەس. 18-ئەسىرنىڭ ئاخىرى، ئوسمان تۈرۈك ئىمپىريەسى زاۋالىققا يۈزلەنگەندە ئوردا ئىچىدە سىياسىي ئۆزگۈرۈشلەر توختىماي يۈز بېرىپ تۇرغان ، شۇنىڭ بىلەن سىياسىي تۈزۈلمە باشقۇرۇش ئورگانلرى پالەچ ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان . غەرىب بىلەن بولغان رىقابەتنىڭ تەسىرىدە ئىمپىريە ئىشلەپچىقرىش سانائىتى كەينىگە چېكىىنگەن، سىرىتقا قەرىز بولغان سومما نەچچە ھەسسىلنىپ كۆپەيگەن.
شۇنىڭ ئوسمان تۈرۈك ئىمپىريەسى ئىقتىسادتىكى مۇستەقىللىقنى يۇقىتىپ پەقەت كۆرنۈشتىكى تېرتورىيە مۇستەقىللىقنى ساقلاپ قالغان . مۇشۇنداق ئەھۋالدا ، 1792-يىلى سەلىم 3 قوزغاتقان ھەربىي ئىشلار ئىسلاھاتى باشلىغان ، 1876-يىلىدىن1909-يىلغىچە خامىد 2 ئىسلاھات ئېلىپ بارغان ، 1909-يىلدىن 1918يىلغىچە تۈركىيە ياشلار پارتىيسى ئىسلاھات ئېلىپ بارغان ، مانا مۇشۇنداق قىلىپ ساپمۇ-ساق بىر ئەسىر جەريانىدا تۈركىيەدە ئىسلاھاتنىڭ قەدىمى ئۈزۈلمىىگەن. ئىسلاھات ئىمپىريە ئىقتىسادىنى ھېچقانداق ئالغا سىلجىتالمىغان ، بۇخىل ئەھۋالدا پۈتۈن خاراكتىرلىك مۇۋاپپىقيەتنى تىلغا ئېلىش ئەلۋەتتە بىھاجەت . يەنە كىلىپ بۇ خىل ئىسلاھاتلارنىڭ ھەممىسى ئاساسەن يۇقىرى ئورۇندىن باشلانغان ، بىراق ئاساسلىق خەلىقى دىھقان بولغان بىر جەمئىيەت ئۈچۈن ئېيىتقاندا قىسقا ۋاقىت ئىچىدە زامانىۋىلاشقان سانائەت تۈزۈلمىىسىگە ئايلىنالىشى ھەقىقەتنەمۇ مۇمكىن بولمايدۇ ، بىراق بۇ ئىسلاھاتلارنى ھېچقانداق رولى بولمىغان دىيىشكە بولمايدۇ ، ئەگەر ئوسمان تۈرۈك ئىمپىريەسىنىڭ 100يىلغا يېقىن داۋاملاشقان ئىسلاھات تەجرىبىسى بولمىغان بولسا تۈركىيە جەمئىيتىنىڭ دۇنيا ئېقىمىغا ماسلىشىشنى قۇبۇل قىلالىشى بىر مەسلىگە ئايلانغان بۇلاتتى ، مۇۋاپىقيەت قازنىشى تېخىمۇ مۈشكۈل بولغان بۇلاتتى.
تۈركىيەنىڭ دۇنيا ئېقىمىىغا ماسلىشىش ئىسلاھاتى بىر قەدەر بۇرۇن باشلانغان بۇلۇپ ھەم ئەزەلدىن ئۈزۈلۈپ قالمىغان، شۇ تۈپەيلى تۈركىيەنىڭ ئىسلاھات ئېلىپ برىش جەريانىدا يەنە بىر تەرەپتىن تەجرىبە -ساۋاقلارنى يەكۈنلەپ يېڭىچە بىلىمگە ئىگە بۇلۇپ ماڭغان . ئوسمان تۈرۈك ئىمپىريەسىنىڭ يۈز يىللىق ئىسلاھاتى ، مۇستاپا كامالنىڭ دۇنيا ئېقىمىىغا ماسلىشىش ئىسلاھاتى ، ئۇرۇشتىن كىيىنكى دىمكۇراتىكلىشىش ۋە ئىسلام دىنى قىممىتنىڭ ئۆز ئورنىنى تېپىشى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئوخشىمغان مەزگىل ئوخشىمغان مۇھىتتا زامانۋىلىشىش يولىنى تاللاش باسقۇچى بولغان. بىراق تاللىغان كونكىرىت يولنىڭ قانداق بۇلشىدىن قەتئىنەزەر ئىسلاھات باشتىن-ئاخىرى دۇنيا ئېقىمىغا ماسلىشش يۈنلىشىدە چىڭ تۇرغان ، مانا بۇ دىننى ئاشقۇن ئىدىيە دولقۇنلاپ تۇرغان جەمئىيەتنىڭ يىلتىزنى قومۇرۇپ تاشلىغان . ھەمدە بەزى بىر قىسىم تەدرىجى خاراكتىرلىك ئىسلاھات بەلگىلىك نىسبەتتە كىىشىلەرنىڭ دىننى ھىس -تۇيغۇسىنى غىدىقلاپ قۇيۇشىتن ساقلانغان .
باشقا كۆپلىىگەن ئۈچىنجى دۇنيا دۆلەتلىرىگە ئوخشاش تۈركىيەمۇ غەرىبنىڭ تەسىرى ئاستىدا زامانىۋىلىشىشقا يۈزلەنگەن، ئەڭ دەسلەپتىكى نۇرغۇن ئىسلاھاتلار ھەتتا سىرىتنىڭ بېسىمى بىلەن مەجبۇرىي ئىجرا قىلىنغان ، مەسلەن ئىسلاھاتنىڭ باشلىنىش نوقتىسى ئارمىيە قىلىپ بىكتىلگەن، ئەمىليەتتە مەقسەت تىرشىپ غەربىنىڭ تېخنىكسىنى ئۆگۈنۈش ھەمدە ئۆزىنىڭ يااراملىق كىمە -پاراخوتلىرنى ياساپ چىقىش ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن تۈركىيە غەرىبكە تەقلىد قىلىپ زامانىۋىلىشىش بىلەن بىرگە يەنە غەرىبنىڭ ھوقۇق زومگەرلىكىىگە قارشى تۇرشى كىرەك ئىدى. شۇنداق قىلىپ پۈتۈن ئۈچىنجى دۇنيا دۆلەتلىرىگە ئوخشاش تۈركىيەمۇ زامانىۋىلىشىش يولىدا زامانىۋىلىق بىلەن غەرىبلىشىش ، امانىۋىلىق بىلەن ئەنئەنىلىك ، زامانىۋىلىق بىلەن مىللەتچىلىك ئىدىيسى ئارسىدىكى قاتمۇ-قات زىددىيەتلەرنى ھەل قىلشى كىرەك بولغان .
بۇنىڭغا قارىتا كۆپلىگەن دۆلەتلەر بۇلۇپمۇ ئىسلام دۆلەتلىرنىڭ خەلقى ھەر دائىم دىننى قايتا گۈللەندۈرۈشنى تاللاپ زىددىيەتنى يۇقاتماقچى بۇلىدۇ، بۇ ئارىدا دىننى ئاشقۇن ئىدىيەنىڭ غەيرىي ئارمىيسى نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ بېشىنى ئاغرىتىدىغان مەسىلە بۇلۇپ قالدى. تۈركىيەمۇ بۇ دۆلەتلەرنىڭ سىرتىدا ئەمەس، بىراق تۈركىيەنىڭ ئۆزىنىڭ ئالاھىدە تەرپى بولسا : ئېچىۋىتىشتە چىڭ تۇرۇش.
![]() |
چاۋشيەن مەركىزى ئاگېنتلىقىنىڭ 7-ماي خەۋەر قىلىشىچە: كىم جوڭئۇن 6-ماي ئېچىلغان چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسىنىڭ 7- قۇرۇلتىيىدا ئىچىلىش نۇتقى سۆزلىگەن.
كىم جوڭئۇن مۇنداق دې...
|
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 5-ئاينىڭ 7-كۈنى، مېكسىكا، كولۇمبىيە، ئىسپانىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى پۇقرالار يىغىلىشقا قاتنىشىپ، نەشە چېكىشنىڭ قانۇنلاشتۇرۇلۇشىنى تەلەپ قىلدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved