بۆرەك يالغۇز ئەرلەر ئۈچۈنلا ناھايىتى مۇھىم ئەزا بولۇپ قالماستىن، بەلكى ئاياللار ئۈچۈنمۇ ئوخشاشلا مۇھىم ئەزادۇر. ئەرلەردە بۆرەك زەئىپلىكى كۆرۈلگەندەك ئوخشاشلا ئاياللاردىمۇ بۆرەك زەئىپلىكى كۆرۈلىدىغان بولۇپ، بۇنىڭ ئاياللارغا ئېلىپ كېلىدىغان ئاقىۋېتىمۇ ئېغىر بولىدۇ. مەسىلەن، تېز قېرىپ كېتىش، ئەمچەك ساڭگىلاش، چاچ چۈشۈش، جىنسىي ھەۋىسى سۇسلاپ كېتىش قاتارلىقلار. ئەگەر ھامىلىدار بولسا بۆرەك زەئىپلىكى تۇغۇلماقچى بولغان پەرزەنتكىمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ.
شۇڭا بىر قىسىم بۆرەك كېسەللىكىگە ياندىشىپ پەيدا بولىدىغان بۆرەك ئىقتىدارى ئاجىزلاش، بۆرەكنى زىيادە سوغۇق ئېلىپ كېتىش، ئۇرۇقدان يىگىلەش، بالدۇر ئىسپىرما كېتىش، ئاسان قايىم بولماسلىق، بەدەن ئاجىزلىقتىن بولغان يول يۈرگەندە ھاسىراش، ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ پەيدا بولغان ئەرلىك ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەنلىشى، مېڭە ۋە ئاشقازان ياخشى بولماسلىق، جىنسى ئىقتىدار ياخشى بولماسلىق، بۆرەك ئاجىزلىق، ئاسان چارچاش ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى تۆۋەنلەش، كىچىك تەرەت كۆپ بولۇش، پۇت ۋە بەل تېلىپ ئاغرىش، دائىم سوغوق تەرلەش، ئومۇمىي بەدەن ئاجىزلىق قاتارلىق كىسەللىكلەرنىڭ ۋاقتىدا ئالدىنى ئېلىش كېرەك.
بۆرەك ئاجىزلىشىنىڭ مېڭە جەھەتتىكى ئالامەتلىرى:ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى تۆۋەنلەش .مېڭە ئاجىزلىشىش ،دېققىتىنى مەركەزلۈشتۈرەلمەسىلىك ، خىزمەت ئۈنۈمى تۆۋەنلەش
بۆرەك ئاجىزلىشىشنىڭ كەيپىيات جەھەتتىكى ئىپادىسى:كەيپىيات تۇراقسىز بولۇش؛كەيپىياتنىڭ باشقۇرۇش تەسكە چۈشۈش ، باش قېيىش ، ئاسان ئاچچىقلىنىش ، جاھىل بولۇپ قېلىش ، خامۇش بولۇپ قېلىش
بۆرەك ئاجىزلىشىنىڭ ئىشەنچ - ئىرادە جەھەتتىكى ئالامەتلىرى:ئىشەنچسىز بولۇش كېرەك .ئۆزىگە ئىشەنمەسلىك بولۇپ قېلىش ، خىزمەت قىزغىنلىقى بولماسلىق ، تۇرمۇشتا قىزغىنلىق بولماسىلىق ، ياشاش نىشانى بولماسىلىق
![]() |
بالىلار نېمە سەۋەبتىن ‹‹ياغاچ قۇلاق›› بولۇپ قالىدۇ
مەريەمگۈل ئىمىت
بىر قىسىم ئاتا–ئانىلار بالىلىرىنى ‹‹گەپ ئاڭلىمايدىغان›› بولۇپ قالدى دەپ قاقشاپلا يۈرىدۇ. بەزى ئاتا–ئانىلار ئەتىدى...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved