ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا ‹‹تۆت›› نى ئۆلچەمگە يەتكۈزۈش كېرەك

جاڭ چۈنشيەن بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەلەپ قىلدى:
ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا ‹‹تۆت›› نى ئۆلچەمگە يەتكۈزۈش كېرەك

 


شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى مۇخبىرى جو يىفەن خەۋەر قىلىدۇ: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن 14 –، 15 – ئىيۇل بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: بايىنغولىن ئوبلاستى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى يۈكسەلدۈرۈشتە ‹‹تۆت››نى ئۆلچەمگە يەتكۈزۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تىرىشىپ باي – باياشات، خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىدىغان، تىنچ ۋە ئىناق بايىنغولىن بەرپا قىلىشى كېرەك.
جاڭ چۈنشيەن ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى 40 سېلسىيە گىرادۇسلۇق تومۇز ئىسسىققا قارىماي، لوپنۇر ناھىيەسى شىڭپىڭ يېزىسى داشى كەنتىگە باردى. جاڭ چۈنشيەن كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ساۋۇر مەڭلىك بىلەن كونا دوست، جاڭ چۈنشيەن 2010 – يىلى داشى كەنتىنى كۆزدىن كەچۈرگەندە، ساۋۇر مەڭلىكنىڭ ئۆيىگە بارغانىدى. شۇ چاغدا ساۋۇر مەڭلىك جاڭ چۈنشيەنگە كەنت ئاھالىسىنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمىنىڭ 12 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا ئىكەنلىكىنى ئېيتقانىدى. تۆت يىلدىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە داشى كەنتىنىڭ قىياپىتىدە ناھايىتى زور ئۆزگىرىش بولغانىدى. ساۋۇر مەڭلىك ئىپتىخارلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: تۆت يىلدىن بۇيان، كەنت ئاھالىسىنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمى بىر ھەسسىدىن كۆپرەك كۆپىيىپ، 25 مىڭ يۈەندىن ئاشتى. ھازىر كەنت ئاھالىسىنىڭ ئۆيلىرى تېخىمۇ ئازادە بولۇپ، ھەممە ئائىلىگە تەبىئىي گاز يەتكۈزۈلدى.


جاڭ چۈنشيەن دېھقان ئابلىكىم مۇسانىڭ ئۆيىگە بارغاندا، نەچچە يۇرتداش بىلەن پاراڭلاشتى. دېھقان ليۇ سۇنخې بىلەن ئابلىكىم مۇسا شۇ جايدىكى داڭقى چىققان ‹‹ياخشى قېرىنداش››لار ئىدى. ئەينى چاغدا، ليۇ سۇنخې ئابلىكىم مۇسانىڭ ياردىمىدە داشى كەنتىدە ئۆيلۈك – ئوچاقلىق بولدى، كېيىن ليۇ سۇنخې بېيىپ، ئابلىكىم مۇسانىڭ ئىشلەپچىقىرىشىغا ياردەملەشتى، ھازىر بۇ ئىككىسى بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك يېقىن ئۆتۈۋاتىدۇ، ئۇلارنىڭ ئۆيىدىكى تامغا ئېسىلغان سۈرەتلەر دەل بۇنىڭ شاھىدى.


كەنت ئاھالىسى جاڭ گۇيشيا مۇنداق دېدى: مىللەتلەر ئىتتىپاق بولمىسا، ھېچقانداق ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقارغىلى بولمايدۇ. ناھىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن ‹‹10 مىڭ ئائىلە بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ھەمكارلىشىش›› پائالىيىتىدە، ناھىيە بويىچە ھەممە ئائىلە ئوخشىمىغان مىللەت ئائىلىلىرى بىلەن ھەمكارلاشتى، ھەممىمىز ئوخشىمىغان مىللەتتىن بولغان ‹‹ئاكا – ئۇكا، ئاچا – سىڭىل››لار. كۆپچىلىك بىللە تېخنىكا ئۆگىنىمىز، دائىم سىردىشىپ بىرگە غىزالىنىپ خۇشال – خورام ياشايمىز.


كەنت ئاھالىسىنىڭ بېيىغانلىقىنى، روھىي قىياپىتىنىڭ ياخشىلانغانلىقىنى كۆرگەن جاڭ چۈنشيەن ناھايىتى خۇشال بولدى، ئۇ مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ 30 – ئاپرېل شىنجاڭدا خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرگەندە، 2009 – يىلى بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، داشى كەنتىگە بارغاندا بىر دېھقاننىڭ ‹‹ھەميانىمىز تولۇپ، چېھرىمىز نۇرلاندى››، دېگەنلىكى ئۆزىدە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغانلىقىنى ئالايىتەن تىلغا ئالدى. داشى كەنتىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى تەرەققىياتى شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ئاساسىي قاتلام ئاساسىنىڭ ياخشى بولۇشى ئۈچۈن، ئالدى بىلەن ئاساسىي قاتلام رەھبەرلىك بەنزىسى ياخشى بولۇشى كېرەك. كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ساۋۇر مەڭلىك بۇ كەنتتە 50 يىل ئىشلەپ، كەنت ئاھالىسىنى بېيىشقا يېتەكلىگەن ياخشى ئەزىمەت. داشى كەنتىنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ غەمخورلۇقى بىلەن، تېخىمۇ يۇقىرى نىشانغا قاراپ ئىزچىل تىرىشىپ، ‹‹شەرقتە <خۇاشى>، غەربتە داشى كەنتى›› بولۇش نىشانىغا بالدۇرراق يېتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.


ئارقىدىنلا جاڭ چۈنشيەن ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى داشى كەنتىدىكى مەسچىتكە باردى. مەسچىتنىڭ ئىمامى تۇرسۇن ھەسەن مۇنداق دېدى: تېلېۋىزور، رادىيو، گېزىتلەردىن پارتىيەنىڭ فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى دائىم ئۆگىنىمەن. ھەر ۋاق نامىزىمدىن كېيىن، 15 مىنۇت ۋاقىت سەرپ قىلىپ ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىغا پارتىيەنىڭ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى تەشۋىق قىلىپ چۈشەندۈرىمەن، كۆپچىلىك ناھايىتى بېرىلىپ ئاڭلايدۇ.
جاڭ چۈنشيەن ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى كورلا شەھىرى ئىتتىپاق كوچىسى نەشپۈتزارلىق مەھەللىسىگە بېرىپ، بۇ مەھەللىدىكى كۆچمە نوپۇستىكىلەرگە مۇلازىمەت قىلىش ۋە باشقۇرۇش ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى ھەم مەھەللىدە خىزمەت قىلىۋاتقان ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش پائالىيىتى خىزمەت گۇرۇپپىسى ئەزالىرى بىلەن سۆھبەتلەشتى.


تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا، جاڭ چۈنشيەن يەنە كورلا شەھىرى كۆنچى باغچىسى ‹‹ياڭگۇاڭ›› ساقچىخانىسى مۇنبىرىگە بېرىپ، بۇ ساقچىخانىنىڭ ئۇنىۋېرسال مۇنبىرىنىڭ خىزمىتىنى كۆزدىن كەچۈردى. ‹‹جىنفۇ›› ئالاھىدە يىپچىلىق شىركىتىگە بېرىپ، كارخانىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى. ‹‹خۇيجيا›› دەۋر مەيدانى ‹‹شىڭجيې›› شەھەر ئۇنىۋېرسال گەۋدىسى قۇرۇلۇش ئورنىدا، قۇرۇلۇشنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى ھەم ‹‹خېتۇلوشۇ›› مەيدانىغا بېرىپ، ‹‹شەھەردىكى كەنت›› ۋە كەپە ئۆيلەرنى ئۆزگەرتىش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى.


جاڭ چۈنشيەن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىۋېتىپ مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بايىنغولىن ئوبلاستلىق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى مەركەز ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ قارار، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنى سانائەتلەشتۈرۈشتە جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئالدىدا مېڭىش، يېڭىچە شەھەرلەشتۈرۈشتە جەنۇبىي شىنجاڭ، ھەتتا شىنجاڭنىڭ ئالدىدا مېڭىش، شەھەر – يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمىدە شىنجاڭنىڭ ئالدىدا مېڭىش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، ‹‹بەشلەشتۈرۈش››نى قەتئىي بوشاشماي ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى ۋە شەھەر – يېزا ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىدە 12 – بەش يىللىق يىرىك پىلاندىكى نىشاننى مۇددەتتىن ئىككى يىل بۇرۇن تاماملىدى، ئىقتىسادىي تەرەققىيات، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، ئىجتىمائىي مۇقىملىق، بولۇپمۇ ھەر دەرىجىلىك كادىرلارنىڭ روھىي ھالىتى ناھايىتى ياخشى بولدى.


جاڭ چۈنشيەن يېڭى ۋەزىيەتتىكى يېڭى ۋەزىپىلەرگە بىرلەشتۈرۈپ، بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدا ‹‹تۆت››نى ئۆلچەمگە يەتكۈزۈشنى تەلەپ قىلدى.
بىرىنچى، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ مۇقىملىقنى ساقلاش خىزمىتىنى ئۆلچەمگە يەتكۈزۈش كېرەك. خىزمەتلەرنىڭ كۆزلەش نۇقتىسى ۋە كۈچەش نۇقتىسىنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىككە قويۇپ، مۇقىملىق مەن بىلەن مۇناسىۋەتسىز دەيدىغان ئىدىيەنى قەتئىي تۈگىتىپ، مۇقىملىقنى ساقلاش توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرمىلارنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بايقاش، زەربە بېرىش، مۇداپىئەلىنىش، بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىنى تىرىشىپ ئاشۇرۇپ، ‹‹ئىككىنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىش››نى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. قاقشاتقۇچ زەربە بېرىش مەخسۇس ھەرىكىتىنى قىلچە بوشاشتۇرۇپ قويماي ياخشى تۇتۇپ، قاتتىق، توغرا زەربە بېرىش، زەربە بېرىش ئارقىلىق قورقۇتۇش كېرەك. بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ ئىجتىمائىي چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى قەتئىي قوغداش كېرەك.


ئىككىنچى، ئىقتىساد ۋە خەلق تۇرمۇشى خىزمىتىنى ئۆلچەمگە يەتكۈزۈش كېرەك. يېڭى ۋەزىيەتتە، بايىنغولىن ئوبلاستى ‹‹ئۈچتە ئالدىدا مېڭىش››تا قەتئىي تەۋرەنمەي، تۈر ئارقىلىق تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسى، سانائەتتە كۈچلۈك ئوبلاست بولۇش ئىستراتېگىيەسى، مەركىزىي شەھەر تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈش ۋە يېڭىچە شەھەرلەشتۈرۈشنى يەنە بىر بالداق يۇقىرى كۆتۈرۈش كېرەك. نېفىت، نېفىت – خىمىيە سانائىتىنى كۈچەيتىش ۋە زورايتىش كېرەك. كورلىنىڭ توقۇمىچىلىق، كىيىم – كېچەك شەھەرچىسى قۇرۇلۇشىنى نۇقتىلىق چىڭ تۇتۇپ، توقۇمىچىلىق ۋە كىيىم – كېچەك كەسىپلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.
ئۈچىنچى، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئۆلچەمگە يەتكۈزۈش كېرەك. پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، نېفىت، تەبىئىي گاز بايلىقىنى قېدىرىپ تەكشۈرۈش، ئېچىش ئىسلاھاتىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، ئارىلاشما مۈلۈكچىلىك ئىقتىسادىنى راۋاجلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، بايلىق ئېچىشتا يەرلىكلەرگە تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ياخشى نەپ يەتكۈزۈش كېرەك. ئىجتىمائىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، كۆچمە نوپۇسلارغا مۇلازىمەت قىلىش، باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىسلاھاتتا يېڭىلىق يارىتىش روھى ئارقىلىق، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.


تۆتىنچى، ئاساسىي قاتلام ئۇل قۇرۇلۇشىنى ئۆلچەمگە يەتكۈزۈش كېرەك. ئاساسىي قاتلامغا ئەھمىيەت بېرىش، ئاساسىي قاتلامنى كۈچەيتىش، ئاساسىي قاتلامغا مۇلازىمەت قىلىشتا باشتىن – ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، كەنت دەرىجىلىك ۋە مەھەللە تەشكىلات قۇرۇلۇشىنى نۇقتىلىق كۈچەيتىپ، يېزا – بازارلىق پارتكوم شۇجىلىرى ۋە كەنت، مەھەللە پارتىيە تەشكىلاتلىرىغا شۇجىنى ياخشى تاللاپ، كۈچلۈكلەرنى سەپلەش؛ ئاجىز، چېچىلاڭغۇ ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرىنى تەرتىپكە سېلىپ، ئاساسىي قاتلام كادىرلار قوشۇنىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام بازا قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش پائالىيىتىنى كۈچەپ ياخشى تۇتۇپ، ئەلنى مايىل قىلىشقا نۇقتىلىق كۈچەپ، تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تۈپتىن تۈزەشتىكى مۇھىم رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇش كېرەك. 



خەتكۈچلەر:
18-07-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
28-05-2016
    ئۆز مۇخبىرىمىز يۈسۈپچان ئەزىزى خەۋەر قىلىدۇ. 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 28-كۈنىگىچە شىنجاڭ يەرمەنكە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن 3-نۆۋەتلىك يىپەك يولى خەلقئارا يېمەك-ئىچمەك كۆرگەزمىسىگە ئۈرۈمچى سەھران خەلقئارا سودا چەكلىك ...
28-05-2016
2016-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 28-كۈنىگىچە شىنجاڭ يەرمەنكە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن 3-نۆۋەتلىك يىپەك يولى خەلقئارا يېمەك-ئىچمەك كۆرگەزمىسىدىكى يارقىن نوقتا- شىنجاڭ ئۇيغۇر نان مەدەنىيتى
27-05-2016
    كورلا كەچلىك گېزىتى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: 25-ماي مۇخبىر  ئوبلاست، شەھەرلىك يېمەكلىك دورا نازارەتچىلىك باشقۇرۇش تارماقلىرىدىن مۇنۇلارنى ئىگىلىدى، دۆلەت يېمەكلىك دورا نازارەتچىلىك باشقۇرۇش باش ئىدارىسى يېقىندا مېۋى...
26-05-2016
جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     ئامېرىكا «ۋاشىنگىتون كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 26-چېسلا خەۋەر قىلىشىچە، ھىندىستان پەن-تېخنىكا ۋە مۇھىت مەركىزى يېقىندا ئېلىپ بارغان ئەڭ يېڭى تەكشۈر...
26-05-2016
    5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 29-كۈنىگىچە ئۆتكۈزۈلىدىغان 3-نۆۋەتلىك يىپەك يولى خەلقئارا يېمەكلىك يەرمەنكىسى سودا يىغىنى ۋە 6-نۆۋىتلىك يىپەك يولى خەلقئارا يېمەك-ئىچمەك يەرمەنكىسى بۈگۈن شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىدە باشلاند...
24-05-2016
    ئامېرىكا پەن-تېخنىكا بىلوگى Quartz نىڭ خەلقئارالىق مەسلىھەتچىلىك شىركىتى McKinsey نىڭ تەتقىقاتىنى نەقىل كەلتۈرۈشىچە، يېقىنقى 3 يىلدا تېز تاماق ئىستېمال قىلىدىغان جۇڭگولۇقلار %15 كېمەيگەن.     بۇ تەكشۈرۈش 201...
22-05-2016
2016-يىلى 18-ماي، ئاقسۇ ۋىلايىتى توقسۇ ناھىيىسىدە «توقسۇ ناھىيەلىك گۆش كەپتىرى بېقىش بويىچە تەربىيەلەش ۋە چوڭقۇر پىششىقلاپ ئىشلەش بازىسى» نىڭ قۇرۇلۇش پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈش مۇراسىمى داغدۇغىلىق ھالدا ئۆتكۈزۈلدى.   &...
20-05-2016
    شىنجاڭ ئابىدە بىئو پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىچكىرى ئۆلكە بازىرىغا يۈرۈش قىلىش، شۇنداقلا ئوتتۇرا ئاسىيا بازىرىنى ئېچىش ئۈچۈن ئاكتىپ ھالدا ئىچكىرى ئۆلكە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادا ئۆتكۈزۈلگەن يەرمەنكى...
19-05-2016
شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 18-ماي، ئىتالىيە ناپلېس، شۇ جايدىكى پىسا ياسىغۇچى سودىگەر 2000 مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى پىسا ياساپ چىقىپ، 2015-يىلى يارىتىلغان دۇنيا بويىچە ئەڭ ئۇزۇن بولغان پىسا جىنىس رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلىغان. ئىگىلىنىشىچە، 2015-يىلى رې...
18-05-2016
    يېڭى مېۋىلەرنىڭ بازارغا چىقىشىغا ئەگىشىپ، ئۈرۈمچىدىكى ھەر كىلوگىرام باناننىڭ باھاسى 4-5 يۈەنگە چۈشۈپ، تارىختىكى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشتى.       5-ئاينىڭ 17-كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى شىخۇڭ يو...
Powered by Leglek