ئامېرىكىنىڭ كۆپتۈرمىچىلىكى چاۋشيەننى نارازى قىلىپ قويدى

      چاۋشيەن ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، ئۇلار ئامېرىكىنىڭ چاۋشيەننى «تەھدىت» پەيدا قىلدى دەپ كۆپتۈرمىچىلىك قىلىپ، ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونى ۋە دۇنيا تەۋەسىدە باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى سىستېما قۇرۇشقا يول ھازىرلىقىنى ئەيىبلىگەن.
     باھالاردا دېيىلىشىچە، تۈنۈگۈن ئېچىلغان ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ ئىسپات بېرىش يىغىندا، ئامېرىكا ئارمىيىسى «ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ ئاسىيادا ئۇچرايدىغان ئەڭ ئاساسلىق خىرىسى چاۋشيەن» «چاۋشيەن يادرو ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا پىلانى بولسا ئىغۋاگەرچىلىك ۋە تەھدىتنى ئىشقا ئاشۇرۇش» دېگەن ھەمدە چاۋشيەننى كۆپتۈرۈپ «باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئە كۆرۈش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش كېرەك»دەپ كۆرسەتكەن.
باھادا قارىلىشىچە، بۇ بىر قىسىم ئىشلاردا ئاشكارلىنىشچە ئامېرىكا چاۋشيەن «تەھدىت» پەيدا قىلدى دېگەننى باھانە قىلىپ، ئاسىيا ۋە پۈتۈن دۇنيا تەۋەسىدە باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئە كۆرۈش سىستېمىسىنى كېڭەيتمەكچى بولغان ھەمدە ئۆزلىرىنىڭ يوشۇرۇن رەقىبلىرىنى توسۇپ، ئۆزىنىڭ ھەربىي ئىشلاردىكى مەنپەئەتىنى قوغداشقا ئۇرۇنغان.
      باھالاردا يەنە كۆرسىتىلىشىچە، ھازىرقى شارائىتتا ئامېرىكا پۈتۈن دۇنيا تەۋەسىدىكى ئىستراتېگىيىسىنى كېڭەيتىپ، ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىغا باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى سىستېمىنى ئورۇنلاشتۇرۇش مەقسىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىكەن. دېيىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ ھەرىكىتى بولسا پۈتكۈل ياۋرۇ-ئاسىيا قۇرۇقلۇقىغا قارىتىلغان بولۇپ، ئامېرىكا كۈچلۈك بولغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا زەربە بېرىش سىستېمىسى ئارقىلىق ئۇرۇش قىلىش رايونىنى پۈتۈن دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەت ۋە رايونلارغىچە كېڭەيتىدىكەن.
      باھالاردا دېيىلىشىچە، ياپونىيە ئامېرىكا تەرىپىدىن ئورتاق تەرەققىي قىلىپ، باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى سىستېما ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ھوقۇقىغا ئېرىشىكەن. كېيىنچە نۇرغۇن يېڭى تىپتىكى باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار ياپونىيە قوغدىنىش ۋازارىتىنىڭ بازىسىغا ئورۇنلاشتۇرۇلىدىكەن، ھەمدە يەنە باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى سىستېما يۇسدۇن ھەربىي پاراخوتىغا ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، مەزكۇر پاراخوتنىڭ دېڭىزدىكى سۇ ئۇرۇش قىلىش كۆلىمى ئاساسى ھوقۇقىدىن ئارتىپ كېتىدىكەن.
باھالاردا دېيىلىشىچە، ئامېرىكا چاۋشيەننى «تەھدىت» پەيدا قىلدى دەپ كۆپتۈرۈۋەتكەن. يەنى كورىيە ئامېرىكىنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى سىستېمىسىنىڭ سېپىگە قوشۇلغان ھەتتا كورىيە ئاشكارا ھالدا تەشەببۇسكارلىق بولغان «چاۋشيەنگە قارشى كۈچ» بەرپا قىلىپ، ئۇزۇنغا قالماي ناھايىتى تېز باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى سىستېما بەرپا قىلىدىكەن. باھالاردا قارىلىشىچە، ئامېرىكا ئۆزىنىڭ پۈتۈن دۇنيا تەۋەسىدە باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى سىستېما ئورۇنلاشتۇرۇشى ئۈچۈن باھانە ئىزدىگەن، شۇنىڭ بىلەن چاۋشيەن «تەھدىت» سالدى دېگەن كۆز قاراش پەيدا بولغان.
      باھالاردا دېيىلىشىچە، تۈنۈگۈن رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرىنىڭ كۆرسىتىشىچە، رۇسىيە ئامېرىكىنىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ چېگرىسى ئەتراپىغا ئىستراتېگىيىلىك بومباردىمانچى ئايروپىلان ۋە ئاۋىئاماتكا توپىنى ئورۇنلاشتۇرۇشىنى خالىمايدىكەن.
باھالاردا قارىلىشىچە، ئامېرىكا ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىدا باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى سىستېما بەرپا قىلىپ مەزكۇر رايوننىڭ جىددىيلىكىنى ئاشۇرۇۋەتكەن ھەمدە يېڭىدىن قارشىلىق ۋە ھەربىي ئىشلار مۇسابىقىسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. قۇشۇمچە قىلىپ ئېيتقاندا، چاۋشيەن ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، ئۇلار ئامېرىكىنىڭ چاۋشيەننى «تەھدىت» پەيدا قىلدى دەپ كۆپتۈرمىچىلىك قىلىپ، ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونى ۋە دۇنيا تەۋەسىدە باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى سىستېما قۇرۇشقا يول ھازىرلىقىنى ئەيىبلىگەن.



خەتكۈچلەر:
18-02-2014
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: چىمبۇلاق تورى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
07-03-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 7- مارت خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە پەن-تېخنىكا ئۇچۇر تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇسىيەنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى روگوزىن فېدېراتسىيە كومىتېت ئەزالىرى يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن:...
07-03-2016
ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ 2-ئىيۇل ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇلتۇر 12-ئايغىچە، ياپونىيەدە مەملىكەت بويىچە ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئالىدىغان ئائىلە سانى 1 مىليون 634 مىڭ ئائىلىدىن ئېشىپ، تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى قىممەتنى يارا...
07-03-2016
شىنخۇا تورى 7- مارت خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى ئىراقنىڭ ئوتتۇرا قىسىمىدىكى بابىلۇن ئۆلكىسىنىڭ ئۆلكە مەركىزى شىلا شەھىرىدىكى بىر تەكشۈرۈش پونكىتى شۇ جاي ۋاقتى 6- مارت چۈشتىن كېيىن ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىش خاراكتېرلىك پارت...
02-03-2016
ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى ئاساسي قانۇن مەھكىمىسى 1-مارت پايتەخت بانگىدا، ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىنىڭ سابىق زۇڭلىسى، مۇستەقىل سايلام نامزاتى تۇۋادرانىڭ 2-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭ سايلىمىدا %62.69 ئاۋازغا ئېرىشىپ، ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇريىتىنىڭ...
02-03-2016
فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى،موسكىۋا،27-فېۋرال تېلىگىراممىسى:روسىيە دېپلوماتىيە مىنىستىرلىقى27-فېۋرال مۇنۇلارنى بىلدۈردى:روسىيەنىڭ دېپلوماتىيە مىنىستىرى سېرگىي لاۋروف ۋە ئامېرىكىنىڭ دۆلەت كاتىپى جون كېررى سۈرىيەدە ئۇرۇش توختىتىلغانلىقىد...
22-02-2016
سىنا تورى خەۋىرى، باغداش تورى تەرجىمىسى: چاۋشيەن مەركىزىي ئاگېنتلىقىنىڭ 21 - فېۋرال تەمىنلىگەن سۈرەتلىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، چاۋشيەننىڭ ئالىي رەھبىرى كىم جوڭئېن يېقىندا چاۋشيەن خەلق ئارمىيەسى ئاۋىئاتسىيەسىنىڭ ئۇچۇش مەشىقىنى كۆزدىن كەچ...
12-02-2016
   فىرانسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، فرانسىيىنىڭ غەربىدىكى چاررىنت ئۆلكىسىدە 11 -فېۋرال چۈشتىن بۇرۇن مەكتەپ ئاپتوبۇسى بىلەن يۈك ئاپتوموبىلى سوقۇلۇپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقەدە ئالتە ئادەم قازا قىلىپ، ئۈ...
12-02-2016
   مېكسىكىنىڭ شىمالىي قىسىمىدىكى بىر تۈرمىدە شۇ جاي ۋاقتى 11- فىۋرال زور كۆلەملىك قالايمىقانچىلىق كۆرۈلۈپ، ئاز دېگەندە 52 ئادەم قازا قىلىپ، 12 ئادەم يارىلانغان. يەرلىك دائىرلەرنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قېتىمقى قالايمىقانچىلىق ئىككى قار...
12-02-2016
پۇل-مۇئامىلە كىرىزىسى مەزگىلىدە، ياۋروپا رايونىنىڭ شىمالىدىكى ئەزا دۆلەتلەر غايەت زور سوممىدا ياردەم تەمىنلەپ، ياۋروپا مەركىزىي بانكىسىنىڭ بارلىق بەدەل تۆلەشتىن باش تارتماي ياۋرونى قۇتقۇزۇش ۋەدىسىنى قوللاپ، جەنۇبتىكى قوشنىلىرىنى قۇتقۇزۇپ...
12-02-2016
    شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىبى سىتولتىنبېرىگ 11- فىۋرال شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش شىتابىدا مۇنداق دېگەن: شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى دېڭىز ئۈستى ھەربىي كۈچلىرىنى ئەۋەتىپ، ياۋروپا ئ...
Powered by Leglek