تۈنۈگۈن ئوسكارنىڭ يۆنىلىشىنى بەلگىلىگۈچىنىڭ بىرى ئامېرىكا دۆلەتلىك باھالاش جەمىيىتى مۇكاپاتى مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلەر تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى. بۇ ھەم يىلدا بىر نۆۋەت ئۆتكۈزۈلىدىغان مۇكاپات تارقىتىش پەسىلىنىڭ رەسمىي باشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
بۇ يىللىق يازلىق پەسىلدە يەرشارىدا قىزغىن قويۇلغان «ئەسەبىي ماكىس4:ئەسەبىيلىشىش يولى» ھەرتۈرلۈك ئوسكار قاتارىدىكى قىزىق نۇقتىلىق فىلىملەرنى مەغلۇپ قىلىپ، ئەڭ نادىر فىلىم مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. ئوخشاشلا، بۇ فىلىم يەنە ئىلگىرى ئېلان قىلىنغان ئەنگىلىيە «كۆرۈش ۋە ئاڭلاش»، فرانسىيە «فىلىم قوللانمىسى» نىڭ يىللىق ئون نادىر فىلىم تىزىملىكىدە رەتكە تىزىلغان، سودا ۋە سەنئەت جەھەتتە قوش مۇۋاپىقىيەتكە ئېرىشكەن فىلىم دېيىشكە بولىدۇ.
ھازىر جۇڭگودا قىزغىن قويۇلىۋاتقان «مارسلىقلار» ئەڭ مۇنەۋەر رېژىسسور (رىدلېي سكوت)، ئەڭ مۇنەۋەر ئەر باش رولچى (مات دەيمون) ۋە ئەڭ نادىر ئۆزگەرتىلگەن سىنارىيە قاتارلىق ئۈچ تۈرلۈك مۇكاپاتقا ئېرىشىپ، ئەڭ چوڭ يەڭگۈچىگە ئايلاندى.
كۈەنتىن تارانتىنونىڭ ئەڭ يېڭى ئەسىرى «The Hateful Eight» «سەككىز بۇزۇق ئادەم» ئەڭ نادىر ئىجادى سىنارىيە مۇكاپاتىغا ئېرىشتى، كۈەنتىن تارانتىنونىڭ ئالدىنقى ئەسىرى «كېشەنسىز جەنگو» ئىلگىرى 2013-يىلى ئوسكار ئەڭ نادىر ئىجادىي سىنارىيە مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن، «سەككىز بۇزۇق ئادەم» نىڭ قايتا «جەنگو» نىڭ نەتىجىسىنى داۋاملاشتۇرۇش-داۋاملاشتۇرالماسلىقى ئېنىق ئەمەس. بۇندىن سىرت، «ئۆي» نىڭ ئايال باش رولچىسى برى لارسون ئەڭ مۇنەۋەر ئايال باش رولچى مۇكاپاتىغا ئېرىشتى، بۇ فىلىم بۇ يىل تورونتو كىنو بايرىمىدا خەلق تاللاش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. سىتەيلون «كرېد» قا تايىنىڭ ئەڭ مۇنەۋەر يانداش ئەر رولچى مۇكاپاتىغا ئېرىشتى؛ «ئەقىللىق ئالاھىدە خادىم ئەتىرىتى» ئەڭ نادىر كارتون ئۇزۇن فىلىم مۇكاپاتىغا ئېرىشتى؛ برەد پىت، رىيان گوسلىڭ، كرىستىئان بېل ۋە سىتېۋ كارېل قاتارلىقلار يىغىلغان «ھايانكەشلىك» ئەڭ نادىر كوللىكتىپ ئەسەر مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.
ئامېرىكا دۆلەتلىك باھالاش جەمىيىتى 1909-يىلى قۇرۇلغان، بۇ جەمىيەت دائىم تۇنجى بولۇپ مۇكاپات تارقىتىش يىلىدىكى چوڭ مۇكاپاتنى تارقىتىدۇ، ئەمما دەل بۇ مۇكاپاتنىڭ تارقىتىلىشى بىرقەدەر بۇرۇن بولغانلىقتىن، شۇڭا ئوسكار بىلەن ئۈستىمۇ-ئۈست بولۇپ قېلىش نىسبىتى ئانچە يۇقىرى ئەمەس. بىراق دۆلەتلىك باھالاش جەمىيىتى ئون چوڭ يىللىق ۋەقەلىك فىلىم، بەش ئەڭ نادىر ھۈججەتلىك فىلىم ۋە بەش ئەڭ نادىر چەتئەل تىلى فىلىمىنى باھالىغانلىقتىن، شۇڭا ئۇلار ئاساسىي جەھەتتىن ئوسكاردىكى قىزىق نۇقتىلىق فىلىم قاتارىغا كىرىدۇ.
![]() |
يىڭناغۇچسىمان مەخپىي تىڭشىغۇچ
كونۋېرتسىمان نۇسخىلىغۇچ
ئىستىرېئولوق ئاپپارات
يېرىم سۇ ئاستى پاراخوتى
مىكرو ئاپپارات
سەرەڭگە قېتىپ شەكىللىك...
|
![]() |
تۈنۈگۈن، مۇخبىرنىڭ بېيجىڭ شەھەرلىك مائارىپ كومىتېتى ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، بېيجىڭ شەھىرى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئاشخانا باشقۇرۇش ئۆلچەم تۈزۈشنى تەتقىق قىلىۋېتىپتۇ ھەم مەكتەپلەرنىڭ تاماق...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved