جۇڭگو گومىنداڭ پارتىيەسىنىڭ پەخرىي مۇئاۋىن رەئىسى جياڭ شياۋيەن 13-ئاۋغۇست گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ جىڭچۈەن ناھىيەسىدە ئوماي ئانىنى تاۋاپ قىلدى.
13-ئاۋغۇست (دېھقانلار كالېندارى بويىچە 7-ئاينىڭ 18-كۈنى) ، ئوماي ئانا (غەربىي خان ئانا ) نىڭ دۇنياغا كەلگەن كۈنى . جۇڭگو گومىنداڭ پارتىيەسىنىڭ پەخرىي مۇئاۋىن رەئىسى جياڭ شياۋيەن گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ جىڭچۈەن ناھىيەسىدە ئوماي ئانىنى تاۋاپ قىلدى . شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ، گەنسۇ جىڭچۈەن ناھىيەسىدە دېڭىز بوغۇزى ئىككى قىرغىقى ئوماي ئانا يۇرتى مىللىي ئۆرپ-ئادەت ، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى . بۇ پائالىيەتتە ‹‹ئىككى قىرغاق يىلتىزداش ، مەنبەداش بولۇپ ، خۇاشيا ئانىنى ئورتاق تاۋاپ قىلىش ›› باش تېما قىلىنغان . گەنسۇنىڭ لياڭجىڭ شەھىرى جىڭچۈەن ناھىيەسى ئوماي ئانىنىڭ دۇنياغا كەلگەن جايى بولۇپ ، ئوماي ئانىغا تاۋاپ قىلىدىغان ئورۇن ، شۇنداقلا ئوماي ئانا مەدەنىيىتى تارقالغان جاي . بۇ يەردىكى ئوماي ئانا ئوردىسى غەربىي خەن سۇلالىسىنىڭ يۈەنفېڭيۈەن يىلى (مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 110-يىلى) قۇرۇلۇشقا باشلىغان .
![]() |
ئۈرۈمچى شەھىرىدە 1 – يانۋاردىن باشلاپ، تۇرالغۇ جامائەت فوندى ئارقىلىق ئۆي سېتىۋالغانلار تۇرالغۇ جامائەت فوندى يېڭى قەرز ئۆسۈم نىسبىتى بويىچە قەرز قايتۇرىدۇ.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك تۇرالغۇ جامائ...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved