ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تۈنۈگۈن مۇنۇلارنى جاكارلىدى: ئامېرىكا تەدبىر قوللىنىپ، ۋيېتنامغا قاراتقان 30 يىللىق قىرغۇچى قوراللارنى سېتىشنى مەنئىي قىلىش بۇيرۇقىنى قىسمەن بىكار قىلىدۇ.
ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ باياناتچىسى پۇساكى قەرەللىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى كېررى شۇ كۈنى زىيارەتكە بارغان ۋيېتنامنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى قوشۇمچە دىپلوماتىيە مىنىستىرى فەن پىڭمىڭغا ئامېرىكىنىڭ تەدبىر قوللىنىپ، بۇندىن كېيىن ۋيېتنامغا دېڭىز بىخەتەرلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دۆلەت مۇداپىئە ئۈسكۈنىلىرىنى ئۆتۈنۈپ بېرىشكە يول قويىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
فەن پىڭمىڭ بۇندىن بىر قانچە كۈن بۇرۇن نىيۇيورك ئاسىيا ئىلمىي جەمئىيىتىدە سۆز قىلغاندا مۇنداق دېگەن ئىدى: ۋيېتنام بىلەن ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ نورماللاشقانلىقىغا 20 يىل بولۇپ قالدى، ئىككى دۆلەت 2013-يىلى ئومۇميۈزلۈك شېرىكلىك مۇناسىۋەت ئورناتتى، يەنىلا ۋيېتنامغا قورال سېتىشنى مەنئىي قىلىشنى ساقلاش نورمال ئەمەس.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved