ئامېرىكا «مۇھاجىرلار گېزىتى» خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ يىل ياغقان تۇنجى قاردا، يەنى شۇ جاي ۋاقتى 9 – چىسلا سەھەردە نيۇيوركتا قېلىنا قار يېغىۋاتقاندا، جۇڭگولۇق ساقچى سەيگوگۇاڭ ھايات چېغىدا خىزمەت قىلغان ۋىلاجانو كۆۋرۈك باشقۇرۇش ئورنىدىكى خىزمەتداشلىرى ئەتىگەندىلا برۇكلىن خاممېرتون باغچا چوڭ يولىدىكى دەپنىخانىغا يېتىپ كېلىشتى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە MTAنىڭ ھەرقايسى تارماقلىرىدىن يېتىپ كېلىشكەن ساقچىلار، شەھەرلىك ساقچى باش ئىدارىسى، قاتناش ساقچىلىرى، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول گۇرۇپپىسى، ساقچى ئىدارىسى جىددىي قۇتقۇزۇش ۋە ياردەم بېرىش تارماقلىرى قاتارلىق خېلى كۆپ تارماقلاردىكى قانۇن ئىجرا قىلىش خادىملىرى بولۇپ 300 گە يېقىن ئادەم يېغىۋاتقان قارغا قارىماي، خىزمەت ئۈستىدە قۇربان بولغان سەيگوگۇاڭنىڭ دەپنە مۇراسىمىغا قاتناشتى.
MTAكۆۋرۈك ۋە تونېل رەئىسى جامېس فورتۇناتو دەپنە مۇراسىمىغا قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن كىشىلەرگە مۇنداق دېدى، سەيگوگۇاڭ ۋەزىپىسىگە سادىق ساقچى، ئۇ مۇنەۋۋەر خىزمەت پوزىتسىيەسى بىلەن خىزمەت قىلدى، ئەزەلدىن ھورۇنلۇق قىلىپ باقمىدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، سەيگوگۇاڭ ئۆزىنىڭ MTAغا سادىق ساقچى بولغانلىقىدىن پەخرلىنىدۇ.
سەيگوگۇاڭنىڭ 23 ياشلىق قىزى تىففانى دەپنە مۇراسىمىغا قاتتىق يىغلىدى ۋە ئېچىندى، ئۇ مۇنداق دېدى، «مەن بۇ كۈننىڭ مۇنچە تېز يېتىپ كېلىدىغانلىقىنى ئەزەلدىن ئويلاپ باقمىغان، كەلگۈسىدىكى دادىسىز كۈنلەرنى قانداق ئۆتكۈزۈشنى مەن زادىلا بىلەلمىدىم، ئۆينىڭ ھەممىلا يېرىدە دادامنىڭ سىماسى بار، بۇ سىمالارنى كۆرسەملا دادام كۆز ئالدىمدا نامايان بولىدۇ».
تىففانى مۇنداق دېدى، ئۇنىڭ دادىسى قۇربان بولۇشتىن بۇرۇن ئائىلىسىدىكىلەر ئۈچۈن تېخىمۇ ناھايىتى مۇكەممەل بىر ساياھەت پىلانىنى تۈزۈپ قويغان ئىكەن، بىراق بۇ قېتىمقى رەھىمسىز سوقۇلۇش سەۋەبلىك ئۇنىڭ دادىسى ئۇلارنىڭ يېنىغا قايتىپ كېلەلمىگەن، ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن ساياھەت داۋامىدا خوشال كۈلكىلەردىن ئەمدى مەڭگۈ بەھرلىنەلمەيدىكەن، ھەر يىلى بىر ئائىلە كىشىلەر جۇڭگولۇقلار كوچىسىغا جەم بولۇپ غىزالانغاندىكى يېڭى يىللىق كەيپىيات ھازىرغىچە ئۇلارنىڭ ئېسىدە ئىكەن.
سەيگوگۇاڭنىڭ ئايالى مىچېل بەك ئازابلىنىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن ئۆز قەلبىنى ئىپادىلەشكە ئامالسىز قالغان. MTAكۆۋرۈك ۋە تونېلغا مەسئۇل ساقچى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لوپېز ئۇنىڭ بىر پارچە باياناتىنى ئوقۇپ بەرگەن. سەي خانىم مۇنداق دېگەن، ئۇ ئېرى بىلەن بىرگە 35 يىل ياشىغان، ئۇ كۆڭلى ناھايىتى ياخشى ھەم بەك ئىنچىكە ئىش قىلىدىغان ئادەم ئىكەن، ھايات ۋاقتىدا ئۇ ساياھەت قىلىشقا بەكمۇ ئامراق بولۇپ، تۇرمۇشنى قىزغىن سۆيىدىكەن، ئۇ بالىلىرىنى ئېلىپ يىراق يەرلەرگە بېرىپ ساياھەت قىلىشنى ياخشى كۆرىدىكەن، شۇنداقلا ئۇ ھەم بىر ئۇستا ئاشپەز ئىكەن.
مىچېل بۇرۇنقى ئىشلارنى ئەسلەپ مۇنداق دېدى: بىر ئائىلە كىشىلىرى دائىم جۇڭگولۇقلار كوچىسىغا بېرىپ غىزالىنىدىكەن، ئۇنىڭ ئېرى بولىڭ توپى مۇسابىقىسىگە قاتناشقان، ھەر كۈنى ئۆيگە قايتقان ۋاقتىدا ئۇ ئائىلىسىدىكىلەرگە ئۆزىنىڭ شۇ كۈنلۈك كەچۈرمىشلىرىنى ئېيتىپ بېرىدىكەن، ھەتتا نەچچە پارچە جەرىمانە تالونى كەسكەنلىكىنىمۇ دەپ بېرىدىكەن. مىچېل ئاخىرىدا مۇنداق دېدى، «بۈگۈن گەرچە بىزدىن ئايرىلغان بولساڭمۇ بىراق بىزنىڭ مۇھەببىتىمىز مەڭگۈلۈك، ئۇ يەردە ئوبدان دەم ئال، بىز سېنى مەڭگۈ سۆيىمىز».
ئاخىرىدا سەككىز نەپەر ساقچى سەيگوگۇاڭنىڭ جەسەت ساندۇقىنى كۆتۈرۈپ، دەپنە مۇراسىمىدىن ئاستا چىقىشتى، نەق مەيداندىكى بارلىق ساقچىلار سەيگوگۇاڭنىڭ جەسىتىگە ھۆرمەت بىلدۈرۈشتى، ساندۇق ناھايىتى ئېھتىيات بىلەن ماشىنىغا بېسىلدى، سەيگوگۇاڭنىڭ ئايالى ۋە ئۈچ بالىسى قاتتىق يىغا زارە قىلىشتى.
MTAنىڭ 62 ياشلىق ساقچىسى سەيگوگۇاڭ 2013 – يىل 10 – ئايدا، ۋىلاجانو كۆۋرۈكىدە كۆۋرۈك ئاستىدىكى برۇكلىنغا بارىدىغان بىر ماشىنا يولىنى قايتا ئاچماقچى بولغاندا، بىر ماشىنا ئۇنى قاتتىق سوقۇۋېتىپ، ئۇنىڭ داس سۆڭەك ۋە باش قىسمى ئېغىر يارىلىنىپ، كېيىن دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلىپ جىددىي قۇتقۇزغاندىن كېيىن ئىزچىل ھۇشسىز ھالەتتە يېتىپ، بۇلتۇر 12 – ئاينىڭ 29 – كۈنى ئايالى ۋە ئۈچ بالىسىنى يېتىم قىلىپ، بۇ دۇنيا بىلەن خوشلاشقان ئېدى.
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشۇۋېلىڭ ،ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved