جازانى كېچىكتۈرۈش بىلەن ئۆلۈم جازاسى بېرىپ ئىككى يىل كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىش ئوخشاش بىر تۈرلۈك جازا بولماستىن، بەلكى ئوخشىمىغان جازانى ئىجرا قىلىشتىكى ئوخشىمايدىغان ئىككى خىل تۈزۈمدىن ئىبارەت. ئۇلارنىڭ ئاساسىي پەرقى تۆۋەندىكى تۆت تەرەپتە ئىپادىلىنىدۇ:
1. قوللىنىش شەرتى ئوخشىمايدۇ. ئۆلۈم جازاسى بېرىپ ئىككى يىل كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىش ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدىغان، لېكىن دەرھال ئىجرا قىلىش زۆرۈر بولمىغانلارغا قوللىنىلسا، جازا كېچىكتۈرۈش ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بىلەن تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدىغانلارغا قوللىنىلىدۇ؛
2. ئىجرا قىلىش ئۇسۇلى ئوخشىمايدۇ. جازا كېچىكتۈرۈلگەنلىرىنىڭ سىناق مۇددىتى جەمىيەتتە ئىجرا قىلىنىپ، ئۇلار جەمئىيەتتە سىنالسا، ئۆلۈم جازاسى بېرىپ ئىككى يىل كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىنغانلىرىنىڭ جازاسى تۈرمە ياكى ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش مەيدانلىرىدا ئىجرا قىلىنىپ، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىپ، ئۇلارنىڭ كېيىنكى ئىپادىسىگە قارىلىدۇ؛
3. مۇددىتى ئوخشىمايدۇ. جازا كېچىكتۈرۈشنىڭ مۇددىتى ھۆكۈم قىلىنغان جازانىڭ ئۇزۇن-قىسقىلىقىغا قاراپ بەلگىلىنىدۇ، ئۆلۈم جازاسىنى كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىشنىڭ مۇددىتى پەقەت ئىككى يىللا بولىدۇ؛
4. قانۇنىي ئاقىۋىتى ئوخشىمايدۇ. جازاسى كېچىكتۈرۈلگەنلىرىنىڭ دېلوسى ياكى ئىجرا قىلىنمايدۇ ياكى يېڭىدىن ئۆتكۈزگەن جىنايەتكە ھۆكۈم قىلىنغان جازا بىلەن قوشۇپ ئىجرا قىلىنىدۇ. ئۆلۈم جازاسى بېرىپ ئىككى يىل كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىنغانلىرىغا ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنىدۇ ياكى جازا قىسقارتىلىدۇ.
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئۇكرائىنا كىيىۋ، شۇ كۈنى ئوقۇغۇچىلار كىيىۋ شەھەر مەركىزىدىكى مۇستەقىللىق مەيدانىغا جايلاشقان فونتاندا سۇ چېچىشىپ ئويناپ، ئوقۇش مەۋسۈمىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى تەبرىكلىدى.
|
![]() |
تاڭ ۋېي (كورىيە)
لياڭ يۇڭچى (ئىسپانىيە)
مو ۋېنۋېي (گېرمانىيە)
لى ۋېن (ئامېرىكا)
ما ياشۇ (ئاۋىستىرالىيە)
چى ۋېي (كورىيە)
يۈەن لى (ئامېرىكا)
...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved