رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 24-سېنتەبىر، «ئامېرىكىنىڭ سۇرىيەدىكى تېررورچىلارنىڭ نىشانلىرىغا ھاۋادىن زەربە بېرىش ھەرىكىتى قانۇنسىز» دېدى. رۇسىيە خەلقئارا جەمئىيەتتىكى بارلىق مەسئۇلىيەتچان ئەزا دۆلەتلەرنىڭ تېررورلۇققا بىرلىكتە قارشى تۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى بېكىتىشكە قاتنىشىشنى مۇراجەت قىلدى.
رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 24-سېنتەبىر تور بېكىتىدە ئوبزور ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: تېررورلۇققا زەربە بېرىشكە پرىنسىپ جەھەتتىن ئىجابىي باھا بېرىش كېرەك ، بىراق كونكرېت ئەھۋاللار يەنىلا ئېغىر مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بىرىنچىدىن، ئەسەبىي تەشكىلات بولغان ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى سۇرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيەسى بىلەن ئۇرۇش قىلىۋاتقان ۋاقىتتا، ئامېرىكا ھەتتا پۈتكۈل غەرب ئەللىرى نېمىشقا ئۇنىڭ تېررورلۇق خاراكتېرنى كۆرمەسلىككە سالىدۇ؟. ئىككىنچىدىن، ھاۋادىن ھۇجۇمنىڭ قانۇنلۇقى گۇمان پەيدا قىلدى. چۈنكى بۇ خىلدىكى ھەرىكەت بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ تەستىقلىشىدىن ئۆتكەن ۋە سۇرىيە ھۆكۈمىتى قوشۇلغان ئەھۋالدا ئاندىن يولغا قويۇلۇشى كېرەك.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved