لىۋىيە ۋەزىيىتى كونتروللۇقىنى يوقاتتى

تۈنۈگۈنگە قەدەر لىۋىيەدىكى ئىككى گۇرۇھ خەلق ئەسكەرلىرى قوراللىقلىرىنىڭ پايتەخت تېرىپولىدا قوراللىق توقۇنۇشىۋاتقانلىقىغا بىر ئاي بولدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ توقۇنۇش بارغانسېرى كەسكىنلىشىپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بەنغازى، دىلناھ، زاۋىياخ قاتارلىق جايلاردىكى توقۇنۇشمۇ ئۈزۈلۈپ قالمىدى. ھەر قايسى گۇرۇھتىكى قوراللىقلار لىۋىيە ھۆكۈمىتى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دەرھال شەرتسىز ئۇرۇش توختىتىش مۇراجىئىتىگە پىسەنت قىلمىدى، لىۋىيەنىڭ ۋەزىيىتى ئومۇميۈزلۈك كونتروللۇقىنى يوقاتتى.


بىر ئايدىن بۇيان، ئىككى گۇرۇھتىكى خەلق ئەسكەرلىرى قوراللىقلىرى تېرىپولى خەلقئارا ئايرودۇرۇمىنىڭ كونتروللۇق ھوقۇقىنى تالىشىپ توقۇنۇشتى، ھازىرغىچە تېخى ھېچقايسى تەرەپ يېڭەلمىدى. دىنىي كۈچلەرنى قوللايدىغان مىسۇراتا قوراللىقلىرى 9-ئاۋغۇست ئايرودۇرۇم ئەتراپىدىكى %60 رايوننى كونترول قىلىۋالغانلىقىنى جاكارلىغان بولسىمۇ، لېكىن ئايرودۇرۇمنى دىندىن خالىي كۈچلەرنى قوللايدىغان زىنتان قوراللىقلىرى كونترول قىلىۋاتىدۇ. ئىككى گۇرۇھنىڭ توقۇنۇشى شەھەر رايونىغىچە يامرىدى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە تېرىپولىغا 50 كىلومتېر كېلىدىغان زاۋىياخ شەھىرىگىچە كېڭەيدى.


بۇندىن باشقا لىۋىيەنىڭ شەرقىدىكى بەنغازى شەھىرىدە، دىندىن خالىي كۈچلەرنىڭ ۋەكىلى، سەپتىن چېكىنگەن گېنىرال غاپتار كونترول قىلىۋاتقان قوراللىقلار بىلەن ئەنسەر بېرگادىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دىنىي قورالىقلار كۆپ قېتىم كەسكىن ئېتىشتى. دىنىي كۈچلەرنى قوللايدىغان قوراللىقلار 7-ئاينىڭ ئاخىرىدا بەنغازىنى كونترول قىلغانلىقىنى جاكارلىدى، لېكىن غاپتار كونترول قىلغان قوراللىقلارنىڭ كۈچى ئاجىزلىغىنى يوق، ئۇلار ھەر ۋاقىت قايتۇرما زەربە بېرىشى مۇمكىن. بىر قانچە كۈندىن بۇيان، غاپتار كونتېروللىقىدىكى ھاۋا ئارمىيەسى بەنغازى ۋە دىلناھ شەھەرىدىكى ئالاقىدار نىشانلارنى ئارقا-ئارقىدىن بومباردىمان قىلدى.


لىۋىيە خەلق قۇرۇلتىيى، ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى، باش ئىشتابى ئۈزلۈكسىز كەسكىنلىشىپ كېتىۋاتقان توقۇنۇشقا ئامال قىلالمىدى. لىۋىيە خەلق قۇرۇلتىيى تۈنۈگۈن قارار چىقىرىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ياردەم بېرىپ، پۇقرالارنى قوغدىشىنى ئىلتىماس قىلدى. 6-ئاۋغۇست، لىۋىيە خەلق قۇرۇلتىيى ھەر قايسى قوراللىقلاردىن دەرھال شەرتسىز ئۇرۇش توختىتىشنى تەلەپ قىلدى. لىۋىيەنىڭ باش ئىشتاب باشلىقى ئوربىدىمۇ ھەر قايسى قوراللىقلارغا ئۇرۇش توختىتىش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈردى. بۇندىن ئىلگىرى، ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت ئۇرۇش قىلىۋاتقان ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ دەرھال ئۇرۇش توختىتىشىنى كۆپ قېتىم مۇراجىئەت قىلغان ئىدى. لېكىن ھەر قايسى قوراللىقلار بۇلارغا پىسەنت قىلمىدى.


تېرىپولىدا توقۇنۇشىۋاتقان ئىككى گۇرۇھ خەلق ئەسكەرلىرى قوراللىقلىرىنى ئاتاقتا ھۆكۈمەت ئۆتكۈزۈۋېلىپ قايتا تەشكىللىگەن بولسىمۇ، لېكىن 2011-يىلى لىۋىيە ئۇرۇشى ئاياغلاشقاندىن كېيىن، لىۋىيە مۇنتىزىم ئارمىيە سىستېمىسى بەرپا قىلمىغان، مەيلى لىۋىيە ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى بولسۇن ياكى باش ئىشتابى بولسۇن ئۇلارنىڭ خەلق ئەسكەرلىرىگە بولغان تەسىرىنى نۆل دېيىشكە بولىدۇ. 3-ئاۋغۇستىن بۇيان، لىۋىيە ھۆكۈمىتى توقۇنۇشتىكى ئۆلۈم يېتىم ئەھۋالىنى ئېلان قىلمىدى، سەھىيە تارماقلىرى ئىستاتىستىكا قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.


غەرب ئەللىرى لىۋىيە ۋەزىيىتىنىڭ كونتروللۇقىنى يوقۇتۇشتىكى مەسئۇلىيەتتىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ. غەرب ئەللىرى شۇ ۋاقىتتىكى ئۆكتىچىلەرگە ياردەم قىلىپ كازافى ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغاندىن كېيىن، قالغان ئىشلارغا ئارىلاشمىدى، لىۋىيەنىڭ بەلگىلىك كونترول كۈچىگە ئىگە بولغان مەركىزىي ھۆكۈمەت تەشكىللىشىگە، مۇنتىزىم ھەربىي ۋە ساقچى سسىتېمىسى بەرپا قىلىشىغا ياردەم قىلمىدى. ۋەزىيەت ناچارلاشقاندىن كېيىن، ئامېرىكا، فىرانسىيە، ئەنگلىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان غەرب ئەللىرى ياراشتۇرۇش ئېلىپ بارماي، ئۆزلىرىنىڭ ئەلچىخانىلىرىنى تاقىۋەتتى. لىۋىيە كۆپ قېتىم خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قول تىقىشىنى مۇراجىئەت قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئامېرىكا قاتارلىق غەرب ئەللىرى بۇنىڭغا سوغۇق مۇئامىلە قىلدى.

 

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ لىۋىيەگە ياردەم بېرىش ئۆمىكى 12-ئاۋغۇست لىۋىيەدىكى ھەر قايسى قوراللىق گۇرۇھلارنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئۇرۇش توختىتىش تەلىپىگە پىسەنت قىلمايۋاتقانلىقىنى ئەيىبلىدى. بۇندىن ئىلگىرى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ لىۋىيەگە ياردەم بېرىش ئالاھىدە ئۆمىكى لىۋىيەدىكى ھەر قايسى تەرەپلەر بىلەن زوراۋانلىق توقۇنۇشنى توختىتىش توغرىسىدا مەسىلھەتلەشكەن، بىراق نەتىجە بولمىغان.



خەتكۈچلەر:
15-08-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
27-05-2016
 خەلقئارا لىنىيە تورى 26-ماي خەۋىرى،نۇر تورى تەرجىمىسى:   ياپونىيە NHK ئاخبارات تورىنىڭ 26-ماي خەۋەر قىلىشىچە، 26-ماي چۈشتىن بۇرۇن G7 ئىسې شىما باشلىقلار يىغىنى ياپونىيەدە باشلانغان. ياپونىيە باش ۋەزىرى ئابې شىنزو ئىسې مۇ...
27-05-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 5-ئاينىڭ 26-كۈنى، ھىندىستاننىڭ بومباي شەھىرىگە قوشنا دومبىۋالىدىكى مەلۇم خىمىيە-سانائەت زاۋۇتىدا پارتلاش يۈز بېرىپ، ئاز دېگەندىمۇ ئۈچ ئادەم قازا قىلىپ، 40 نەچچە ئادەم يارىلاندى. ...
27-05-2016
         شۇ يەر ۋاقتى 5-ئاينىڭ 25-كۈنى، پېرۇ ساقچىلىرى لالىبېرتاد ئۆلكىسى (La Libertad) سالپو بازىرىدىكى مەلۇم قانۇنسىز ئالتۇن قېزىش كانىنى پارتلىتىۋەتتى. قانۇنسىز ئالتۇن قېزىش ھەرىكىتى سىماب بۇل...
27-05-2016
    شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 26-ماي، نېپالنىڭ كاتماندۇ، قۇتقۇزۇش خادىملىرى گوللاندىيەلىك تاغقا چىققۇچى ئانولدنىڭ جەسىتىنى توشۇماقتا. بۇ تاغقا چىققۇچى 20-ماي چوققىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك چىققاندىن كېيىن، تاغدىن چۈشۈش جەريانىدا بەخ...
27-05-2016
    دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يى 24-ماي رۇسىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى لاۋروف بىلەن تاشكەنتتە سۆھبەتلەشتى. ۋاڭ يى مۇنداق دېدى: جۇڭگو- رۇسىيە بىلەن يېقىندىن ھەمكارلىشىپ، زۇڭتۇڭ پۇتىن جۇڭگودا زىيارەتتە بولغاندا قولغا كەلتۈرگەن مۇھى...
27-05-2016
    25-چېسلاغا قەدەر، لىۋاندا زۇڭتۇڭلۇق ئورنىنىڭ بوش تۇرغىنىغا نەق ئىككى يىل بولدى. لىۋان پارلامېنتى 39 قېتىم زۇڭتۇڭلۇق سايلىمىغا بېلەت تاشلاشنى كېچىكتۈرگەن بولۇپ، مۆلچەرلىنىشىچە، كېلەر قېتىملىق بېلەت تاشلاش 6-ئاينىڭ 2-كۈنى ئۆت...
26-05-2016
    ئەنگلىيە «مۇھاپىزەت گېزىتى» تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، برازىلىيەنىڭ پىلان مىنىستىرلىقىغا يېڭىدىن تەيىنلگەنگەن رومېرو جوكاس ۋەزىپىگە ئولتۇرۇپ 10 كۈندىن كېيىن ئىستېپا بېرىشكە مەجبۇر بولغان. بۇنىڭ سەۋەبى جوكاس زۇڭتۇڭ روس...
26-05-2016
پايدىلىنىش ئۇچۇرلىرى تورى 26- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     رۇسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، تايلاندتىكى يەرلىك تاراتقۇلارنىڭ يەرلىك ساقچىلارنىڭ ئۇچۇرنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر بېرىشىچە، تايلاندىكى ...
26-05-2016
    شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 25-كۈنى، دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ قۇياش ئېنىرگىيەلىك ئايروپىلان «قۇياش نۇرى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى 2-نومۇر» ئامېرىكىنىڭ ئوخايو شىتاتىدىن پېنسىلۋانىيە شىتاتىغا قاراپ ئۇچقان بولۇپ، ئۇچقۇچى پىككارد بېرتىر...
26-05-2016
جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:      ئامېرىكا «ۋاشىنگىتون كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 26-چېسلا خەۋەر قىلىشىچە، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن گىرىتسىيە «كۈندىلىك گېزىت» (Kathimerini) تە...
Powered by Leglek