سۈرەتتە باربېر قىز دوستىنىڭ پاسپورتىنى كۆرسەتمەكتە
جۇڭگو ئاخبارات تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى
ئەنگلىيە «ئەينەك گېزىتى» تورىنىڭ 5- ئاپرېلدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئەنگلىيىلىك بىر تاقىر باش ھەم ساقال قويۇۋالغان ئەر كىشى قىز دوستىنىڭ پاسپورتىنى ئىشلىتىپ، ئەنگلىيە پادىشاھ ئاۋىئاتسىيە ترانسپورت شىركىتىنىڭ نۆۋەتچى ئايروپىلانىغا چىقىپلا قالماي، تېخى غەلبىلىك ھالدا ئىسپانىيىگە كىرگەن.
شۇ ئىشتىن كېيىن، باربېر ئەنگلىيە ۋە ئىسپانىيىنىڭ چېگرا مۇداپىئە ئامانلىقىنى ساقلاش ئىشلىرىدىن گۇمانلانغان. ئۇ « مالايسىيە ئايروپىلان ۋەقەسىدىن كېيىنمۇ بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش ئىشلىرىنىڭ قاتتىق بولماسلىقىدەك ئىشلار يەنە يۈز بېرىۋاتىدۇ، بۇ ئادەمنىڭ ئەقلىگە سىغمايدۇ» دېدى.
تەپسىلاتلارغا قارىغاندا، 50 ياشلىق باربېر ۋە قىز دوستى كارېل ئالدىنقى ئايدا پادىشاھ ئاۋىئاتسىيە ترانسپورت شىركىتىنىڭ ئايروپىلانىغا ئولتۇرۇپ بىرمىڭخامدىن ئىسپانىيىگە كارېلنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى ئۆتكۈزگىلى بارغان. باربېرنىڭ دېيىشىچە، ئىش يۈز بەرگەندە ئۇ ئۇقۇشماسلىقتىن قىز دوستىنىڭ پاسپورتىنى ئىشلەتكەن، پاسپورت سۈرىتىدىكى قىز دوستى بولسا ئالتۇن چاچ قويۇۋالغان ئىكەن، ئەمما چېگرا مۇداپىئە خادىملىرى باربېرنى ئۆتكىلى قويغان. باربېر ئىسپانىيىگە بېرىپ شۇ يەردىكى چېگرا مۇداپىئەسى ئارقىلىق يەرلىك چېگرا مۇداپىئە ئىدارىسىغا ئۆزىنىڭ خاتا پاسپورت ئىشلەتكەنلىكىنى خەۋەر قىلغان، ئەنگلىيىگە قايتىپ كەلگەندە پادىشاھ ئاۋىئاتسىيە ترانسپورت شىركىتى رەھبەرلىرى ئۇنىڭدىن ئەھۋال ئىگىلىگەن.
باربېر « ئۇلار زادى نېمە ئىش يۈز بەرگەنلىكىنى بىلمەكچى ئىكەن، ئۇلار مېنىڭ مېنى ئۆتكۈزگەن ئايال خىزمەتچىنى كۆرسىتىپ بېرىشىمنى خالايدىغان – خالىمايدىغانلىقىمنى سورىدى، چۈنكى بۇ ئىش چوڭ بىخەتەرلىك مەسىلىسىگە چېتىلىدۇ. ئەمما مەن رەت قىلدىم، بۇ ئىشتىن كېيىن ئۇلارنىڭ جاۋابىنى ئاڭلىمىدىم» دېدى.
پادىشاھ ئاۋىئاتسىيە ترانسپورت شىركىتى مەزكۇر شىركەتنىڭ بۇ ئىشقا كەڭ كۆلەملىك تەكشۈرۈشنى باشلىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مەنبەسى جۇڭگو گېزىتى تورى
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved