تاجىكىستان پرېزىدېنتىنىڭ باياناتچىسى 27-يانۋار بايانات ئېلان قىلىپ:«پرېزىدېنت راخمان ئۆزىنىڭ قىزى ئوزادەنى پرېزىدېنت مەمۇرىيەت ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرلىقىغا تەيىنلىدى» دېدى.
تاجىكىستان «ياۋروئاسىيا گېزىتى» 27-يانۋار دېيىشىچە، 1978-يىلى تۇغۇلغان ئوزادە دۈشەنبىدىكى تاجىكىستان دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ئامېرىكىغا بېرىپ جورج تائۇن ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە مارىلاند ئۇنىۋېرسىتېتىدا تىل ئۆگەنگەن، مەكتەپ پۈتتۈرگەندىن كېيىن تاجىكىستاننىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىدا مائارىپ ۋە مەدەنىيەت مەسلىھەتچىلىكىگە تەيىنلەنگەن، 2009-يىلدىن 2014-يىلغىچە تاجىكىستاننىڭ مۇئاۋىن دىپلوماتىيە مىنىستىرى بولغان، كېيىن بىرىنچى مۇئاۋىن دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكىگە ئۆستۈرۈلگەن. ئۇنىڭ ئېرى جامالىدىن نۇرئەلىيېۋ تاجىكىستان دۆلەتلىك بانكىسىنىڭ بىرىنچى مۇئاۋىن بانكا باشلىقلىقىغا تەيىنلەنگەن.
رۇىيە ئاخبارات تورى 27-يانۋار دېيىشىچە، پرېزىدېنت راخمان ئىزچىل ئۆزىنىڭ ئائىلىسىدىن پەخىرلىنىدىغان بولۇپ، ئىككى ئوغۇل، 7 قىزى بار ئىكەن. ئۇنىڭ كۆپ قىسىم بالىسىنى ئامما چۈشەنمەيدۇ. كىشىلەرگە نىسبەتەن تونۇش بولغىنى قىزى ئوزادە ۋە ئوغلى رۇستەم. رۇستەم پۇتبول تەنھەرىكەتچىسى، كېيىن تاجىكىستان ئەسكەتچىلىككە قارشى تۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋە پۇتبول جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى بولغان، ھازىر دۆلەت پۇل-مۇئامىلىسىنى كونترول قىلىش ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ئورگىنىغا رەھبەرلىك قىلىدۇ. ئۇ ئىزچىل راخماننىڭ ۋارىسى دەپ قارىلىدۇ. راخماننىڭ يەنە بىر قىزى زارىنا 16 يېشىدا تاجىكىستان تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ بىرىنچى قانىلىدا نامايەن بولۇپ، ئىنگلىزچە خەۋەرلەر دىكتورلىقىن قىلىپ بىر مەھەل ئاممىنىڭ دىققىتىنى تارتقان.
63 ياشلىق پرېزىدېنت راخمان بۇلتۇر «مىللىي داھىي»لىق ئورنىغا ئېرىشتى، ئۇ 1992-يىلدىن باشلاپ تاجىكىستانغا پرېزىدېنت بولغان، 1994-يىلى قايتا پرېزىدېنت بولغاندىن بۇيان ھازىرغىچە تەختتە ئولتۇرماقتا. تاجىكىستان پارلامېنتى 1-ئاينىڭ 15-كۈنى ئاساسىي قانۇننى ئۆزگەرتىش لايىھەسىنى مۇزاكىرە قىلىپ، پرېزىدېنت راخماننىڭ ئورنىنى يەنىمۇ كۈچەيتمەكچى، ئۇنىڭ ئۆمۈرلۈك دۆلەت رەھبىرى بولۇشقا رۇخسەت قىلماقچى بولدى.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما تىك ئۇچارغا ئولتۇرۇپ ياپونىيە خىروشىما تىنچلىق باغچىسىغا يېتىپ بېرىپ، تىنچلىق باغچىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە گۈل چەمبىرەك تەقدىم قىلدى.
|
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن گىرېتسىيەدە زىيارەتتە بولدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved