شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ب د ت، 16 – ئاپرېل تېلېگراممىسى. ب د ت نىڭ باش كاتىپى بان كىمون 16 – ئاپرېل باياناتچىسى ئارقىلىق بايانات ئېلان قىلىپ، نىگېرىيەنىڭ شىمالىدىكى بورنو ئىشتاتىدا 100دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى ئەيىبلىدى ھەم ئوقۇغۇچىلارنى تېزدىن قويۇۋېتىشنى مۇراجەت قىلدى.
نىگېرىيە ساقچى دائىرىلىرىنىڭ 15 – ئاپرېل دەلىللىشىچە، نىگېرىيەنىڭ بورنو ئىشتاتىدىكى بىر قىزلار مەكتىپى 14 – ئاپرېل سالاھىيىتى نامەلۇم قوراللىقلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، 100دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى تۇتقۇن قىلىنىپ، ئىز – دېرىكى بولمىغان.
ھازىرغىچە ھېچقانداق تەشكىلات بۇ قېتىمقى ھۇجۇم قىلىش ۋە تۇتقۇن قىلىش ۋەقەسىگە مەسئۇل بولىدىغانلىقىنى جاكارلىمىغان. ساقچىلار بىلەن يەرلىكتىكى تاراتقۇلار ئىسلام رادىكال تەشكىلاتى جىھادنىڭ بۇ ۋەقە بىلەن چېتىشلىقى ئەڭ چوڭ، دەپ قارىغان.
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ئىزدەش نامى : LEGLEK
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved