7 دۆلەت گۇرۇھى شەرقىي دېڭىز، جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىدىكى گەپ سۆزلىرىگە دىققەت قىلىشى كېرەك

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 10-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى:
دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ باياناتچىسى خوڭ لېي 7 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنىدىكى رەھبەرلەر خىتابنامىسىدىكى شەرقىي دېڭىز، جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىگە ئالاقىدار مەزمۇنلارغا قارىتا تۈنۈگۈن قەرەللىك مۇخبىرلار يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو 7 دۆلەت گۇرۇھىنى پاكىتقا ھۆرمەت قىلىپ، يان بېسىشتىن ساقلىنىپ، مەسئۇلىيەتسىز بارلىق گەپ سۆزلىرىنى توختىتىشقا دەۋەت قىلىدۇ.
خوڭ لېي مۇنداق دېدى: شەرقىي دېڭىز، جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىدە جۇڭگو ھۆكۈمىتى پىرىنسىپال مەيدانىنى ئومۇميۈزلۈك شەرھىيلىدى.
ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو دىياۋيۇ ئارىلى ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق ئاراللار، نەنشا تاقىم ئارىلى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى دېڭىز ساھىلىگە مۇرەسسەسىز ئىگىلىك ھوقۇققا ئىگە، جۇڭگونىڭ نەنشا تاقىم ئارىلىدىكى خادا تاشتا قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىشى پۈتۈنلەي ئىگىلىك ھوقۇقلۇق دائىرىسىدىكى ئىش، ھەرقانداق دۆلەتنىڭ ئارىلىشىش ھوقۇقى يوق، ئالاقىدار قۇرۇلۇشلار تاماملانغاندىن كېيىن بەزى مۇداپىئە ئىشلىرىغا ئىشلىتىلگەندىن باشقا تېخىمۇ كۆپرەكى خەلق ئىشلىرىغا ئىشلىتىلىدۇ، بۇنداق قىلىش دېڭىز ئۈستىدە يول باشلاش، قۇتقۇزۇش قاتارلىق خەلقئارا مەجبۇرىيىتىنى تېخىمۇ ياخشى ئادا قىلىش ئۈچۈندۇر.
خوڭ لېي مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو شەرقىي دېڭىز، جەنۇبىي دېڭىزدا قاتناش ۋە ئۇنىڭ ھاۋا تەۋەلىكىدىن ئۇچۇپ ئۆتۈش ئەركىنلىكىنى قوغداشقا ئىزچىل كۈچەپ كەلدى، ئۇزاقتىن بۇيان، ھەرقايسى دۆلەتلەر خەلقئارا قانۇن بويىچە دېڭىز ساھىلىدا قاتناش ۋە ئۇچۇپ ئۆتۈشتە ھېچقانداق تەسىرگە ئۇچرىمىدى، ئەگەر بەزىلەر قەستەن ئىش تېرىپ، دېڭىز ساھىلىدا قاتناش ۋە ئۇنىڭدىن ئۇچۇپ ئۆتۈش ئەركىنلىكىگە تەھدىت سالماقچى بولىدىكەن، جۇڭگو دەس تۇرۇپ قەتئىي قارشى تۇرىدۇ.
خوڭ لېي مۇنداق دېدى: جۇڭگو 7 دۆلەت گۇرۇھىنى پاكىتقا ھۆرمەت قىلىپ، يان بېسىشتىن ساقلىنىپ، مەسئۇلىيەتسىز سۆزلەرنى قىلىشنى توختىتىپ، ماجىرانى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىشقا، رايونىنىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىغا پايدىلىق ئىشلارنى كۆپرەك قىلىشقا دەۋەت قىلىدۇ.



خەتكۈچلەر:
10-06-2015
يازغۇچى: كاككۇك
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
07-03-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 7- مارت خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە پەن-تېخنىكا ئۇچۇر تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇسىيەنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى روگوزىن فېدېراتسىيە كومىتېت ئەزالىرى يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن:...
07-03-2016
ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ 2-ئىيۇل ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇلتۇر 12-ئايغىچە، ياپونىيەدە مەملىكەت بويىچە ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئالىدىغان ئائىلە سانى 1 مىليون 634 مىڭ ئائىلىدىن ئېشىپ، تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى قىممەتنى يارا...
07-03-2016
شىنخۇا تورى 7- مارت خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى ئىراقنىڭ ئوتتۇرا قىسىمىدىكى بابىلۇن ئۆلكىسىنىڭ ئۆلكە مەركىزى شىلا شەھىرىدىكى بىر تەكشۈرۈش پونكىتى شۇ جاي ۋاقتى 6- مارت چۈشتىن كېيىن ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىش خاراكتېرلىك پارت...
02-03-2016
ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى ئاساسي قانۇن مەھكىمىسى 1-مارت پايتەخت بانگىدا، ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىنىڭ سابىق زۇڭلىسى، مۇستەقىل سايلام نامزاتى تۇۋادرانىڭ 2-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭ سايلىمىدا %62.69 ئاۋازغا ئېرىشىپ، ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇريىتىنىڭ...
02-03-2016
فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى،موسكىۋا،27-فېۋرال تېلىگىراممىسى:روسىيە دېپلوماتىيە مىنىستىرلىقى27-فېۋرال مۇنۇلارنى بىلدۈردى:روسىيەنىڭ دېپلوماتىيە مىنىستىرى سېرگىي لاۋروف ۋە ئامېرىكىنىڭ دۆلەت كاتىپى جون كېررى سۈرىيەدە ئۇرۇش توختىتىلغانلىقىد...
22-02-2016
سىنا تورى خەۋىرى، باغداش تورى تەرجىمىسى: چاۋشيەن مەركىزىي ئاگېنتلىقىنىڭ 21 - فېۋرال تەمىنلىگەن سۈرەتلىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، چاۋشيەننىڭ ئالىي رەھبىرى كىم جوڭئېن يېقىندا چاۋشيەن خەلق ئارمىيەسى ئاۋىئاتسىيەسىنىڭ ئۇچۇش مەشىقىنى كۆزدىن كەچ...
12-02-2016
   فىرانسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، فرانسىيىنىڭ غەربىدىكى چاررىنت ئۆلكىسىدە 11 -فېۋرال چۈشتىن بۇرۇن مەكتەپ ئاپتوبۇسى بىلەن يۈك ئاپتوموبىلى سوقۇلۇپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقەدە ئالتە ئادەم قازا قىلىپ، ئۈ...
12-02-2016
   مېكسىكىنىڭ شىمالىي قىسىمىدىكى بىر تۈرمىدە شۇ جاي ۋاقتى 11- فىۋرال زور كۆلەملىك قالايمىقانچىلىق كۆرۈلۈپ، ئاز دېگەندە 52 ئادەم قازا قىلىپ، 12 ئادەم يارىلانغان. يەرلىك دائىرلەرنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قېتىمقى قالايمىقانچىلىق ئىككى قار...
12-02-2016
پۇل-مۇئامىلە كىرىزىسى مەزگىلىدە، ياۋروپا رايونىنىڭ شىمالىدىكى ئەزا دۆلەتلەر غايەت زور سوممىدا ياردەم تەمىنلەپ، ياۋروپا مەركىزىي بانكىسىنىڭ بارلىق بەدەل تۆلەشتىن باش تارتماي ياۋرونى قۇتقۇزۇش ۋەدىسىنى قوللاپ، جەنۇبتىكى قوشنىلىرىنى قۇتقۇزۇپ...
12-02-2016
    شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىبى سىتولتىنبېرىگ 11- فىۋرال شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش شىتابىدا مۇنداق دېگەن: شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى دېڭىز ئۈستى ھەربىي كۈچلىرىنى ئەۋەتىپ، ياۋروپا ئ...
Powered by Leglek