مەھەللە كۆكتات ۋە قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنى بىۋاستە سېتىش نۇقتىسى ــ ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى دېھقانچىلىق قوشۇمچە يېمەكلىكلىرىنىڭ ئوبوروتىنى راۋانلاشتۇرۇش ھەمدە سېتىلىش باھاسىنى تەڭشەپ كونترول قىلىش سىستېمىسىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دېھقانلارنىڭ كۆكتاتلىقىنى بىۋاستە شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ‹‹سېۋەت››گە تۇتاشتۇرغان بىۋاستە سېتىش ئەندىزىسى بولۇپ، مەملىكەت بويىچە ئۈرۈمچىدە ئەڭ ئاۋۋال يولغا قويۇلغان. مەھەللە كۆكتات ۋە قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنى بىۋاستە سېتىش نۇقتىسى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە كەڭ شەھەر ئاھالىلىرىنى ئەرزان، يېڭى، ئىشەنچىلىك كۆكتات سېتىۋېلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ يۈكىنى يېنىكلەتكەن.
2012-يىلدىن 2015-يىلغىچە، پۈتۈن شەھەردە ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 527 كۆكتات ۋە قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنى بىۋاستە سېتىش نۇقتىسى ۋە 100 دى ئارتۇق قوي، كالا گۆشىنى بىۋاستە سېتىش نۇقتىسى قۇرۇلۇپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن. ھازىرغا قەدەر، كۆكتات ۋە قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنى بىۋاستە سېتىش نۇقتىسىنىڭ تىجارەت كۆلىمى 45 مىڭ كۋادرات مېتىرغا يېتىپ، 2 مىليوندىن ئارتۇق ئامما نەپكە ئېرىشكەن.
ئۈرۈمچىدە 500 مىڭ توننا كۆكتاتنى يېڭى پېتى سوغۇق ساقلاش ئىسكىلاتى قۇرۇلۇپ، ئاسان ساقلىغىلى بولمايدىغان كۆكتات تۈرلىرىنىڭ زاپاس ساقلاش مىقدارى ئاشۇرۇلىدىكەن.
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئۇكرائىنا كىيىۋ، شۇ كۈنى ئوقۇغۇچىلار كىيىۋ شەھەر مەركىزىدىكى مۇستەقىللىق مەيدانىغا جايلاشقان فونتاندا سۇ چېچىشىپ ئويناپ، ئوقۇش مەۋسۈمىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى تەبرىكلىدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved