4-نۆۋەتلىك جۇڭگو ئاسىيا–ياۋروپا كۆرگەزمىسىدە ، مىسىرنىڭ 4000 يىللىق تارىخقا ئىگە پاپىروس ئوتى قەغىزىگە سىزىلغان رەسىملىرى نۇرغۇن كىشىلەرنى ئۆزىگە جەلپ قىلدى .
مىسىر كۆرگەزمە سارىيىنىڭ مەسئۇلى مۇھەممەد ناھايىتى ئالدىراش بولۇپ ، ئازىراق ۋاقىتىنى چىقىرىپ مۇخبىرغا مىسىرنىڭ سىرلىق قەغىزى — پاپىروس ئوتى قەغىزىگە سىزىلغان رەسىملەر توغرىسىدا چۈشەنچە بەردى . ئۇنىڭ ئېيتىشىچە ، مىسىر پاپىروس ئوتى قەغىزىگە سىزىلغان رەسىملەر دۇنيادىكى ئەڭ قەدىمكى رەسىملەر بولۇپ ، بۇ قەغەز نىل دەرياسى بويىدا ئۆسىدىغان پاپىروس ئوتىدىن ياسىلىدىكەن .
بۇ مۇھەممەدنىڭ تۇنجى قېتىم جۇڭگو ئاسىيا–ياۋروپا كۆرگەزمىسىگە قاتنىشىشى ، شۇنداقلا پاپىروس ئوتى قەغىزىگە سىزىلغان رەسىملەرنى تۇنجى قېتىم شىنجاڭغا ئېلىپ كېلىشى ئىكەن . ئۇ: ‹‹ پاپىروس ئوتى قەغىزىگە سىزىلغان رەسىملەرنىڭ بۇنداق ئالقىشقا ئېرىشىشىنى ئويلاپمۇ باقماپتىمەن ›› ، دېدى . ئۇنىڭ ئېيتىشىچە ، پاپىروس ئوتى قەغىزىگە سىزىلغان بىر پارچە رەسىمنى سەنئەتكارلار بىر ئاي ۋاقىت ئىچىدە ئاندىن تاماملايدىكەن ، بۇنىڭ ئىچىدە قەغەز ياساش ئۈچۈن كېتىدىغان يېرىم ئاي ۋاقىتمۇ بار . پاپىروس ئوتى قەغىزىگە سىزىلغان رەسىملەرگە ئىشىلتىلگەن بوياقلار خىلمۇ خىل بولۇپ ، يېشىل رەڭ تۇركۋويس ( بىر خىل قاشتېشى ماتېرىيالى ، ئادەتتە يېشىل رەڭدە بولىدۇ ) تىن ، كۆك رەڭ مالاخىت ( تاشنىڭ بىر تۈرى بولۇپ ، توز تاش دەپ ئاتىلىدۇ ) تىن ، سېرىق رەڭ گارسىنىيە دەرىخى (بىر خىل يىلىم دەرەخى ) دىن ، قىزىل رەڭ قىزىل مىستىن ، قارا رەڭ كۆمۈر گۆھىرىدىن ياسالغان .
مۇھەممەدنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە ، ئۇ مىسىردىن 1000 پارچىغا يېقىن پاپىروس ئوتى قەغىزىگە سىزىلغان رەسىمنى ئېلىپ كەلگەن ، نۆۋەتتە بۇنىڭ 3 /1 سېتىلغان . ئۇ يەنە ، پاپىروس ئوتى قەغىزىنى قۇرغاق ھاۋا كىلىماتى شارائىتىدا ناھايىتى ياخشى ساقلىغىلى بولىدىغانلىقىنى ، لېكىن نەم مۇھىتتا ئاسانلا چىرىپ ، بۇزۇلۇپ كېتىدىغانلىقىنى ، پاپىروس ئوتى قەغىزىگە سىزىلغان رەسىمنى سېتىۋالغۇچى دوستلارنىڭ رەسىمنى قۇرغاق جايلاردا قويۇپ ساقلىشىنى ئەسكەرتتى .
![]() |
2016-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 28-كۈنىگىچە شىنجاڭ يەرمەنكە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن 3-نۆۋەتلىك يىپەك يولى خەلقئارا يېمەك-ئىچمەك كۆرگەزمىسىدىكى يارقىن نوقتا- شىنجاڭ ئۇيغۇر نان مەدەنىيتى
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved