رۇسىيە زۇڭتۇڭى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ئىۋانوف 24-سىنتەبىر رۇسىيە بىلەن ياپونىيە تالاش تارتىش قىلىۋاتقان ئىتۇرۇپ ئارىلىنى كۆزدىن كەچۈردى.ئىۋانوف مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى كۆزدىن كەچۈرۈشتىكى مەقسىتىم ئارالنىڭ ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئەھۋالىنى ئۇقۇش.
رۇسىيە فېدىراتسىيەسى ھۆكۈمىتى كۇرېل تاقىم ئاراللىرنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە ئېكىلوگىيەلىك ئەھۋالىغا دىققەت قىلىپ كەلدى، 2016-يىلىدىن 2025-يىلىغىچە كۇرېل تاقىم ئاراللىرىنىڭ تەرەققىياتىغا مەدەت بېرىدىغان مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كۆلىمى 64 مىليارد رۇبلىغا يېتىدۇ.
رۇسىيە ئەمەلدارىنىڭ ئىتۇرۇپ ئارىلىنى كۆزدىن كەچۈرگەنلىكى ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ قارشىلىقىنى قوزغىدى. ياپونىيە كابېنتىنىڭ ئىشخانا مۇدىرى شۇ كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، رۇسىيەنىڭ بۇ ئىشى ياپونىيە خەلقىنىڭ كۆڭلىگە ئازار بەردى، ياپونىيە بۇنىڭدىن ئىنتايىن ئەپسۇسلىنىدۇ، دېدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved