رۇسىيە ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ سۆزلىرىگە ئىنكاس قايتۇردى
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 30-ئىيۇل بېيجىڭ خەۋىرى:
رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 30-ئىيۇل مۇنداق دېدى: رۇسىيە چەتئەل ئورگانلىرىنىڭ رۇسىيەنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشغا قاراپ تۇرمايدۇ. رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ سۆزلىرىگە باھا بەرگەندە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رۇسىيە چەتئەل ئورگانلىرىنىڭ رۇسىيەنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئارىلىشىشغا قاراپ تۇرمايدۇ. ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى ئامېرىكىدىكى ھۆكۈمەتسىز تەشكىلات بولغان «دۆلەت دېموكراتىك فوند جەمئىيىتى» قارشى ئېلىنمايدىغان تەشكىلات دەپ بېكىتىلگەندىن كېيىن رۇسىيە پۇقرالىرى جەمئىيىتىدىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بۇ فوند جەمئىيەتنىڭ كونكرېت تۈرلىرىدىكى ئانالىزىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئۇلارنىڭ نۇرغۇن پائالىيەتلىرى تۈرلۈك شەكىللەر ئارقىلىق ئۆز دۆلىتىنىڭ مەنپەئەتىگە ئاساسەن مۇستەقىل فاڭجېننى يولغا قويغان دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ۋەزىيىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا ئۇرۇنۇشنى مەقسەت قىلىدۇ، بۇ دۆلەتلەر ۋاشىنگتوننىڭ يوليورۇقى بويىچە ئىش قىلمىغان.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved