Facebook نىڭ 2015-يىلى ئاكتىپ ئابونتى 1 مىليارد 400 مىليوندىن ئاشتى

يەر شارى خەۋەر تورى 23-ئاپرېل خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: Facebook نىڭ 2015-يىلى دەسلەپكى ئۈچ ئايدا ئاكتىپ ئىشلەتكۈچى ئابونتلىرىنىڭ سانى 1 مىليارد 400 مىليوندىن ئېشىپ كەتتى. سېلىشتۇرغاندا Facebook نىڭ ئابونت سانى جۇڭگونىڭ نۇپۇس سانىدىن ئېشپ كەتكەن. شىركەتنىڭ بۇ يىل دەسلەپكى ئۈچ ئ‍ايدىكى كىرىمى 3.54 مىليارد دوللارغا يەتتى.
ئىنتېرنىتتىكى «ئەركىن ئىمپرىيە» دەپ ئاتالغان دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئىجتىمائى ئالاقە تورى Facebook، كومپىيۇتېر ۋەياكى كۆچمە ئۈسكىنىلەر ئارقىلىق ھەر ئايدا ئاز دىگەندە بىر قېتىم تور بەتكە كىرگەن ئىشلەتكۈچى سانىنى 1 مىليارد 440 مىليونغا يەتكۈزدى. Facebook مۇنداقچە سېلىشتۇرغاندا 1 مىليارد 390 مىليون نۇپۇسقا ئىگە دۇنيادىكى ئادەم سانى ئەڭ كۆپ بولغان جۇڭگودىن ئېشىپ كەتتى.
Facebook ئېلان قىلغان ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، Facebook ئابونتلىرى شىمالى ئامېرىكىدا 210 مىليون، ياۋرۇپادا 310 مىليون، ئاسىيا رايۇنىدا 417 مىليون ۋە دۇنيانىڭ باشقا رايۇنلىرىدىكى ئۇمۇمى ئىشلەتكۈچى ئابونتى 453 مىليون ئىكەن. Facebook كۆچمە ئۈسكىنىلەردىكى كۈچىنى ئاشۇرۇپ 2014-يىلىدىكى 526 مىليون كۆچمە ئۈسكىنە ئابونتى بۇ يىل 581 مىليونغا يەتتى. 2015-يىلى مارتتا Facebook نىڭ كۈنلۈك ئاكتىپ ئابونت سانى يۈزدە 17% نىسبەتتە كۆپىيىپ 936 مىليونغا يەتكەن، ئايلىق ئاكتىپ ئابونت سانى يۈزدە 13% نىسبەتتە كۆپەيگەن. Facebook ئامېرىكىدىكى ھەر بىر ئىشلەتكۈچى ئابونتنىڭ ھەر بەش مىنۇت ۋاقىتنىڭ بىر مىنۇتىنى Facebook ئۈچۈن سەرپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، ئىجتىمائى ئالاقە قۇرالى Instagram نىڭ كۈندىلىك ئاكتىپ ئابونت سانى 22 مىليون بولۇپ، ئىشلەتكۈچى ئابونتلار رەسىم يوللاش ۋە بەھرىلىنىش ئۈچۈن ئوتتۇرا نىسبەتتە 21 مىنۇت ۋاقتىنى سەرپ قىلىدىكەن.



23-04-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
06-05-2016
    گەرچە Galaxy J تۈرىدىكى ۋە Galaxy A يۈرۈشلۈكىدىكى يانفونلار ئوتتۇرا ۋە تۆۋەن دەرىجىلىك بازارلاردا ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن بولسىمۇ، ئەمما جۇڭگو بازىرىدا ئەھۋال بۇنداق ئەمەس، سامسۇڭنىڭ شىياۋمى ۋە مېيزۇ شىركەتلىرىنىڭ م...
06-05-2016
    چەت ئەل تارتقۇلىرىنىڭ تۈنۈگۈنكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكىدىكى بىر ئالاقە تورى فىنلاندىيەلىك 10 ياشلىق ئوغۇل بالىنىڭ تور سېستىمىسىدىكى نۇقساننى بايقىغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭغا 10 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى بەرگەن.  &...
06-05-2016
    جۇڭگو نۇسخىسىدىكى HTC 10 يەنى LifeStyle سىنەپدراگون 652 نى ئالماشتۇرۇپ ئىشلەتكەندىن كېيىن كۆپلىگەن تەنقىدكە ئۇچرىدى، چەتئەللىك تورداشلارمۇ بۇ نۇقتىغا دىققەت قىلدى، بۈگۈن كۆپلىگەن چەتئەل تاراتقۇلىرى بۇ ئىشنى خەۋەر قىلدى...
06-05-2016
    جۇڭگو ئاۋازى «مەركىزى رادىيو ئىستانسىسى خەۋەرلىرى» نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، جۇڭگو-فىرانسىيە يادرو بىرىكىش رېئاكسىيەسى ھەمكارلىق ھەپتىلىكى بۇ ھەپتە ئەنخۇينىڭ خېفېي شەھىرىدىكى جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى پىلازما فىز...
06-05-2016
    بىلومبېرىگ ئاگېنتلىقى تور بېكىتى 19-ئاپرېل مۇنداق خەۋەر بەردى: تويۇنۇپ كەتكەن جۇڭگونىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق يان تېلېفون بازىرى نۆۋەتتە كەسكىن رىقابەتكە دۇچ كەلمەكتە.     «چوڭ كولا» يان تېلېفون شىركىت...
06-05-2016
تېخنىكىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشى ۋە تەننەرخنىڭ تۆۋەنلىشىگە ئەگىشىپ، ئەقلىيفون ئىنتايىن ئومۇملاشتى، ئەمما كۇنۇپكىلىق تېلېفون يەنىلا مەلۇم بازارغا ئىگە. مىكروسوفىت ئالدىنقى يىلى چىقارغان NOKIA 230 ئەمەلىي بولغان باھاسى ۋە دەرىجىدىن تاش...
05-05-2016
     6-ئايدىكى ئالما WWDC ئاچقۇچىلار يىغىنىنىڭ يېقىنلاپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، iOS 10 غا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرمۇ كۆپىيىشكە باشلىدى. ھازىر چەتئەل تاراتقۇلىرى چىقارغان ئەڭ يېڭى خەۋەردە دېيىلىشىچە، ئالما iOS 10 دا بىر مۇھىم تەڭشە...
05-05-2016
    ئەنگىلىيەدىكى كۆپلىگەن تاراتقۇلار 3- ماي گۇگولنىڭ قارمىقىدىكى بىر شىركەتنىڭ بىمارلار ھېچنىمىنى بىلمىگەن ئەھۋال ئاستىدا ئەنگىلىيەدىكى ئۈچ دوختۇرخانىدىن 1 مىليون 600 مىڭ بىمارنىڭ ساغلاملىق ئۇچۇرىنى ئىگىلىگەن.  ...
05-05-2016
    خوڭجى (Acer) بۇ ھەپتە دەرىجىسى ئاشۇرۇلغان نۇسخىدىكى Aspire V17 Nitro Black خاتىرە كومپيۇتېرىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇ كومپيۇتېرغا Win10 سىستېمىسى قاچىلانغان، سېتىلىش باھاسى 1069.99 دوللار (خەلق پۇلىغا 6935 يۈەن) دىن با...
05-05-2016
     Apple Watch بازارغا سېلىنغىنىغا بىر يىلدىن ئاشتى، كىشىلەرنىڭ بۇ مەھسۇلاتقا بەرگەن تەنقىدى بىلەن ماختىشى ئوخشاش كۆپ بولدى. Apple Watch تېخى مۇۋەپپەقىيەتلىك مەھسۇلات ھېسابلانماسلىقى مۇمكىن، ئەمما ئۇنىڭ ئىستىقبالى بار....
Powered by Leglek