يەر شارى خەۋەر تورى 13-ماي خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: شىمالى ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى «NATO» باش كاتىبى Jens Stoltenberg ، «روسىيەنىڭ قىرىمغا قاراتقان ھەرىكىتىنى ئەيبلەيمىز، قىرىمنى قوشۇۋالغانلىقىنى ئېتىراپ قىلمايمىز» دېدى. ستولتىنبېرگ، ش ئا ئە ت تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنى رامكىسىدا ، ش ئا ئە ت- ئۇكرائىنيە كومىتىتى سۆھبىتىدىن كېيىن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى. ستولتىنبېرگ، ش ئا ئە ت نىڭ ئۇكرائىنىيەنىڭ مۇستەقىللىقى، زېمىن پۈتۈنلىكى ۋە تاشقى مۇداخىلىدىن مۇستەقىل ھالەتتە ئۆز كەلگۈسىنى بەلگىلەش ھۇقۇقىنى قوغدايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، «روسىيەنىڭ ھۇجۇم ھەرىكىتىنى قاتتىق ئەيبلەيمىز ۋە روسىيەنى خەلقئارا قانۇنغا رىئايە قىلشىقا چاقىرىق قىلىمىز. قىرىمنى قوشۇۋالغانلىقى قانۇنسىز بىر ھەرىكەتتۇر، بىز بۇنى ئېتىراپ قىلمايمىز» دېدى. ستولىنتىنبېرگ، روسىيەنىڭ قارا دېڭىز رايۇنىدا ھەربىي تۈركۈم رايۇنى كىڭەيتىشىنىڭ رايۇن مۇقىملىقىغا ئېغىر تەسىر يەتكۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ستولتىنبېرىگ، بارلىق تەرەپلەرنى ئۆز مەسئۇليتىنى ئادا قىلشىقا چاقىرىق قىلىپ، روسىيەنىڭ ئۇكرائىنىيە شەرقىدىكى مۇقىمسىزلىقنى ئاخىرلاشتۇرۇشى، مۇستەقىللىق تەلەپ قىلغۇچىلارنى قوللىماسلىقى، ۋە ئۇكرائىنىيەدىكى ھەربىي لازىمەتلىكلەرنى چېكىندۈرۈپ سىياسىي ھەل قىلىش يولىنى قوللىشى كىرەكلىكىنى تەكىتلىدى. ستولتىنبېرگ، ئۇكرائىنىيەنى مۇداپىئە قابىلىيتىنى تەرەققى قىلدۇرۇش، قۇماندانلىق، ئارقا سەپ تەمىناتى، تور بىخەتەرلىكى ۋە يارىدار ئەسكەرلەرنى داۋالاش قاتارلىق جەھەتلەردە قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ستولتىنبېرگ، ئامېرىكا، كانادا ۋە ئەنگلىيەنىڭ ئۇكرائىنيەگە ئەسكەر مەشىقلەندۈرۈشتە ياردەم قىلىدىغانلىقىنى، ئۇكرائىنيە مۇداپىئە مىنىستىرلىكىگە مەسلىھەتچىلىك ياردىمى قىلىدىغانلىقىنى ۋە يېقىندا ش ئا ئە ت رەھبەرلىكىدىكى ئاپەتكە قارشى تۇرۇش مانىۋېرىنىڭ ئۇكرائىنيەدە ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved