ئۈرۈمچىدىكى شەخسىلەر ئاچقان پۇقراۋى يەسلىخانىلار ئىقتىسادىي ياردەمگە ئېرىشەلەيدۇ
20-03-2015
0
275
يازغۇچى: لەگلەكچى
thumb

«ئۈرۈمچى مالىيەسى ئارقىلىق شەخسىلەر ئاچقان پۇقراۋى يەسلىلەرنىڭ تەرەققىياتىنى يۆلەش مۇكاپات تولۇقلىما مەبلىغىنى باشقۇرۇش چارىسى (ۋاقىتلىق)» 18-مارت ئېلان قىلىنغان بولۇپ، بۇنىڭدىن كېيىن ماددىي بۇيۇم بىلەن يۆلەش تولۇقلىمىسى مۇكاپات تولۇقلىما مەبلىغى بىلەن يۆلەشكە ئۆزگەرتىلىپ، شەخسىلەر ئاچقان پۇقراۋى يەسلىلەرنىڭ تۆۋەن ھەق ئېلىشنى ساقلاپ قېلىش بىلەن بىرگە، يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا يەسلىخانىلارنىڭ يۇمشاق، قاتتىق دېتال دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە ئىلھام بېرىلىدىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، مۇكاپات تولۇقلىما مەبلىغى ئىككى تۈرگە بۆلۈپ تارقىتىلىدىغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە، ئاممىغا نەپ يەتكۈزۈش تۈرىدىكى شەخسىلەر ئاچقان پۇقراۋى يەسلىخانىلارنىڭ ھەر بىر بالىنى بېقىپ تەربىيەلەش ھەققى ئېيىغا 500 يۈەنگە يەتمىسە، ئېيىغا ھەر بىر بالا ئۈچۈن 600 يۈەنگىچە تولۇقلىما بېرىلىدىكەن. شەخىسلەر ئاچقان ئاممىغا نەپ يەتكۈزۈش تۈرىگە تەۋە بولمىغان پۇقراۋى يەسلىخانىلارنىڭ ھەر بىر بالىنى بېقىپ تەربىيەلەش ھەققى ئېيىغا 600 يۈەندىن تۆۋەن بولسا، ھەر ئايدا ھەر بىر بالا ئۈچۈن 100 يۈەن تولۇقلىما بېرىلىدىكەن. تەييارلىق مائارىپى مەزگىلىدە، ھەر بىر ئوقۇغۇچى ئەڭ كۆپ بولغاندا ئۈچ يىل مالىيە تولۇقلىما مۇكاپات مەبلىغىدىن بەھىرلىنەلەيدىكەن، ھەر بىر ئوقۇش يىلى 10 ئاي بولۇپ، مۇكاپات تولۇقلىما مەبلىغى پەقەت يەسلىخاننىڭ ئىجارە ھەققى، ئويۇنچۇق ۋە ئوقۇش ماتېرىيالىرىنى تولۇقلاش ھەققى ھەمدە ئامانلىق ساقلاش ھەققى، مۇئەللىملەرنى تەربىيەلەش خىراجىتى قاتارلىقلار يەسلىلەرنىڭ يۇمشاق، قاتتىق دېتاللىرىنىڭ دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش تۈرىگە ئىشلىتىلىدىكەن.
مۇكاپات تولۇقلىما مەبلىغىدىن بەھرىمەن بولىدىغان يەسلىلەردە ئائىلە باشلىقلىرى تەربىيەلەش ھەققىدىن سىرت، يەسلىخانىغا ئالدۇرۇشتا تاپشۇرىدىغان قۇرۇلۇش ھەققى، پۇل ئىئانە قىلىپ مەكتەپلەرگە ياردەم بېرىش ھەققى ۋە قاتارلىق ھەقلەرنى تۆلىمەيدىكەن. بالىلارنىڭ تاماق ھەققى يەسلىلەرنىڭ تەننەرخ ئۆلچىمى بويىچە ئېلىنىدىكەن.


 


خەتكۈچلەر:
20-03-2015
0
275
يازغۇچى: لەگلەكچى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
26-05-2015
2
540
thumb
ئېلىمىزدىكى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاز سانلىق مىللەتلەر ئۇزۇندىن يىللاردىن بۇيان ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە مۇسۇلمانچە يېمەكلىكلەر مەدەنىيىتىنى ياراتتى، بولۇپمۇ ئېلىمىز ئىقتىسادىنىڭ تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، مۇسۇلمانچ...
26-05-2015
0
116
thumb
 ئاپتونوم رايونلۇق يېمەكلىك - دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى يېقىندا 2014 - يىلى تەكشۈرۈپ چارە كۆرگەن يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە ئائىت قانۇنغا خىلاپ 11 تىپىك دېلونى ئاشكارىلىدى. بۇ دېلولارنىڭ دېلو ئەھۋالى مۇرەككەپ، چېتىشلىق پۇل سوممىسى بى...
25-05-2015
0
134
thumb
چەتئەل تاراتقۇلىرى مۇنداق دېدى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئاشلىق يېزا ئىگىلىكى تەشكىلاتى ۋە دۇنيا سۇ كېڭىشى مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: ئىنسانلار سۇ بايلىقىنى ھەددىدىن ئارتۇق ئىشلەتكەنلىكتىن، سۇ كەمچىل بولۇش مەسىلىسى دۇنيادىكى 40 پىرسەنت نوپۇس...
25-05-2015
0
112
thumb
ياپونىيە ئاخبارات تورىنىڭ 20-مايدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا ياپونىيەنىڭ فۇكوكا شەھىرىدىكى دېھقان ئۆستۈرگەن بىر بۆلجۈرگەننىڭ ئېغىرلىقى 250 گىرامغا يېتىپ، دۇنيا جېننىس رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلىغان. بۇ گېگانت بۆلجۈرگەننىڭ ئېگىزلىكى 8 سانتىمې...
23-05-2015
0
290
thumb
ئۈزۈمنىڭ ئۈچەينى سىلىقلاش خۇسۇسىيىتى بولۇپ، ئۈزۈم يەپ بولۇپلا سۇ ئىچكەندە ئاشقازان تېخى ھەزىم قىلىشقا ئۈلگۈرەلمىگەن ئەھۋالدا سۇ ئاشقازان كىسلاتاسىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ قويىدۇ–دە ئۈزۈم بىلەن سۇ ئاشقازان كىسلاتاسىدا تېزدىن ئوكسىدلىنىپ ۋە ئېچ...
22-05-2015
0
112
thumb
تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقى دۆلەت تەرەققىيات - ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ تەستىقىنى ئېلىپ، سەككىز ئۆلكە، شەھەرنى تاللاپ، دۆلەتنىڭ سۇ بىلەن تەمىنلەشتە جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش - ياردەم بېرىش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشى تۈرىنى يولغا ق...
21-05-2015
0
223
thumb
مىقدارىنى كونترول قىلىپ، زىيادە يېيىشتىن ساقلىنىش. ئۇششاق–چۈششەك يېمەكلىكلەرنى كۆپ يېيىشكە بولمايدۇ. كۆپ يېگەندە، ‹‹تويۇنۇپ›› قېلىپ، كەينىدىن باشقا يېمەكلىك يېگىلى بولمايدۇ. بۇ ئۆسۈپ يېتىلىشكە بىۋاستە يارد...
20-05-2015
0
96
thumb
(ماتېرىيال سۈرەت) شىنجاڭ شەھەر گېزىتى خەۋىرى: ئۈرۈمچى سۇچىلىق گۇرۇھىنىڭ 19-مايدىكى ئۇچۇرىدا كۆرسىتىلىشىچە، نۆۋەتتە ئالتاي يولىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان كۆتۈرمە كۆۋرۈك قۇرۇلۇشى سەۋەبلىك ئالتاي يولىدىكى (تېببىي ئۇنىۋېرسىتېت يولىدىن ۋېنجۇ كوچىسىغى...
20-05-2015
0
438
thumb
بۇلتۇر ئەتىيازدىن باشلاپ ئاپتونوم رايونىمىزدا كالا، قوي گۆشىنىڭ باھاسى بىر ئاز مۇقىم بولغانىدى، ئەمما بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان كالا، قوي گۆشى ۋە سۈتنىڭ باھاسىدا كۆرۈنەرلىك داۋالغۇش بولدى، باھا خېلىلا تۆۋەنلىدى. مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ ئىستات...
Powered by Leglek