جاھان ئاگېنتلىقى 8-مارت خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمسىى: گوللاندىيەنىڭ شىمالى برابانت ۋىلايىتىگە قاراشلىق ئەتىن لۇر مەھەللىسىدە ياشاۋاتقان 3 نەپەر تۈرك ئۆيىدە ئۆلۈك ھالەتتە بايقالدى، گوللاندىيە ساقچى تەرەپ بۇ جىنايەتنى تەكشۈرۈشكە باشلىدى.
بۇ دىلوغا ئالاقىدار بايانات ئىلان قىلغان ساقچى تەرەپ، بۇ ئائىلىنىڭ تۈرك ئائىلىسى ئىكەنلىكىگە دائىر ھېچقانداق مەلۇمات بەرمىدى، ئۆلگەنلەردىن بىرىنىڭ 41 ياشتىكى ئەر كىشى، يەنە بىرىنىڭ 9 ياشلىق قىز بالا ئىكەنلىكنى ئېيتتى، ئەمما ئۈچىنجى كىشىنىڭ كىملىكىنىڭ تېخىچە ئېنىقلانمىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مەزكۇر ۋەقە يۈز بەرگەن ئۆينىڭ تۈرك قوشنىلىرى بولسا، ئۆلگەن ئۈچ كىشىنىڭ بىر ئائىلىدىن ۋە تۈرك ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ، مەزكۇر جىنايەتنىڭ زور ئىھتىمالدا ئائىلە ئىچىدىكى جىدەلدىن كىلىپ چىققانلىقىنى ئېيتتى.
بۇ ئائىلىنى يېقىندىن تۇنۇيدىغان بىر قوشنىسى، بۇ ئائىلىدىكى ئەر ۋە ئايالنىڭ يېقىندا جىدەللىشىپ قېلىپ ئايرىلىپ كەتكەنلىكىنى ئېيتتى.
ساقچىلار ۋەقە يۈز بەرگەن مەيداندىكى تەكشۈرۈشلەردىن كېيىن جەسەتلەرنى يۆتكىدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved