ۋاڭيى تورى خەۋىرى، لەگلەك تورى تەرجىمىسى
جۇڭگو ئاخبارات تورى 3- ئاينىڭ 12- كۈنىدىكى تېلېگراممىسى، ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكىدا ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان تۈرمىدە يېتىش ۋاقتى ئەڭ ئۇزۇن جىنايەتچى گلېن فورد شۇ يەر ۋاقتى 12- كۈنى بارلىق ئەيىبلەشتىن كەچۈرۈم قىلىنىپ، گۇناھسىز دەپ قويۇۋېتىلگەن.
خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكىلىق ئەر گلېن فورد 30 يىل ئىلگىرى قەستلەپ ئۆلتۈرۈش جىنايىتى سەۋەبلىك ئامېرىكا ئاق تەنلىكلەر زاسېداتېللار ئۆمىكى تەرىپىدىن ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان، ئەمما يېقىندا ئامېرىكا ساقچى تەرەپ ئۇنىڭ گۇناھسىز ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان يېڭى ئىسپاتلارنى تاپقان. 12- مارت ئۇ بارلىق ئەيىبلەشتىن كەچۈرۈم قىلىنىپ لويىزاننا شىتاتىدا قويۇۋېتىلگەن.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، گلېن فورد ئامېرىكىدا ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان تۈرمىدە يېتىش ۋاقتى ئەڭ ئۇزۇن جىنايەتچى ئىكەن. بۇ يىل 64 ياشقا كىرگەن فوردنىڭ دېيىشىچە، ئۇ ناھايىتى غەزەپلەنگەن، چۈنكى ئۇنىڭ 30 يىللىق ئۆمرى بىكاردىن - بىكار تارتىۋېلىنغان.
فورد ئەمدى ۋاقىتنى كەينىگە ياندۇرغىلى بولمايدىغانلىقىنى، ھازىر ئۇنىڭ بالىلىرىنىڭ ئاللىقاچان چوڭ بولغانلىقىنى، نېمە ئىش قىلىشنى بىلمەيۋاتقانلىقىنى ئېيتقان. ئۇ يەنە گەرچە ھازىرقى ھېسسىياتى ئىنتايىن مۇرەككەپ بولسىمۇ يەنىلا گۇناھسىز دەپ قويۇپ بېرىلگەندىكى ھېسسىياتىنىڭ يەنىلا ياخشى ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.
مەنبەسى جۇڭگو خەۋەر تورى
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قوشىۋېلىڭ ـــــــــــــــــــ ئىزدەش نامى LEGLEK
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما تىك ئۇچارغا ئولتۇرۇپ ياپونىيە خىروشىما تىنچلىق باغچىسىغا يېتىپ بېرىپ، تىنچلىق باغچىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە گۈل چەمبىرەك تەقدىم قىلدى.
|
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن گىرېتسىيەدە زىيارەتتە بولدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved