شۇ جاينىڭ ۋاقتى 2-ئىيۇل، ھىندىستان ئامېرىكىنىڭ ھىندىستاندا تۇرۇشلۇق يۇقىرى دەرىجىلىك دىپلوماتىنى چاقىرتىپ، نۆۋەتتە ئاشكارىلانغان ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ ھىندىستان خەلق پارتىيەسىنى نازارەت قىلىش ۋەقەسىگە كۈچلۈك نارازىلىق بىلدۈردى.
مۇشۇ ھەپتىنىڭ ياشلىرىدا، ئامېرىكىدا چىقىدىغان ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتىنىڭ بىر خەۋىرىدە، ئامېرىكا مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ سابىق خىزمەتچىسى سىنوۋدىن ئاشكارىلىغان ھۆججەتكە ئاساسەن، ئامېرىكا دۆلەتلىك بىخەتەرلىك ئىدارىسى 2010-يىلى ئامېرىكىنىڭ چەتئەللەرنىڭ ئاخباراتىنى نازارەت قىلىش سوت مەھكىمىسىنىڭ ھوقۇق بېرىشى ئارقىسىدا، ئوخشاش بولمىغان دۆلەتلەردىكى ئالتە پارتىيەنى نازارەت قىلغان، بۇ نۆۋەتتە ھىندىستاندا ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان ھىندىستان خەلق پارتىيەسىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، دېيىلگەن. بۇ خەۋەر ھىندىستان ھۆكۈمىتىنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىنى قوزغىغان.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved