ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭ خىزمىتى يىغىنى ئېچىلغاندىن كېيىن، ئونسۇ ناھىيەسىدىكى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلىگەن ھەم كىچىك، مىكرو كارخانىلارغا ئىشقا ئورۇنلاشقانلار يىغىننىڭ روھىدىن روھلاندى. ئونسۇ ناھىيەسىدىكى نۇرمۇھەممەد تۇرسۇن 2013 – يىلى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن بازارنى كۆزىتىش ئارقىلىق ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەش نىيىتىگە كېلىپ نەۋرە ئاكىسى بىلەن شېرىكلىشىپ، ناھىيە بازىرىدا ‹‹زەمۇران›› چاي تائاملىرى ئاشخانىسىنى ئاچتى. ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى يېمەك – ئىچمەكلىرى، جۇڭگوچە قورۇمىلار ۋە غەربچە تاماقلارنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، ئۆزگىچە خاسلىققا ئىگە يېمەك – ئىچمەكلەرنى خېرىدارلارغا سۇنۇپ، شۇ ئەتراپتا تېزلا تونۇلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئۆزۈمگە ئوخشاش ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ياشلار بىلەن تەڭ تەرەققىي قىلىش مەقسىتىدە ئاشخانىمىزغا ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ ئىش كۈتۈپ تۇرغان ياشلارنى ئاساسلىق قوبۇل قىلدىم. بۇ قېتىمقى جەنۇبىي شىنجاڭ خىزمىتى يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان كەسىپ ئارقىلىق يېتەكلەش، ئەمگەك كۈچى زىچ كۆجۈملەشكەن كەسىپلەر، مۇلازىمەت كەسپى، ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلار ۋە خۇسۇسىي كارخانىلارنى راۋاجلاندۇرۇش سىياسىتى ماڭا ئۈمىد بېغىشلىدى.
ئۇقۇشىمىزچە، بۇ ناھىيەنىڭ ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ياشلارنى ئىگىلىك تىكلەش بويىچە تەربىيەلەش، يېتەكچىلىك قىلىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشىگە ياردەم بېرىش، باجدا ئېتىبار بېرىش قاتارلىق ئېتىبار سىياسەتلەرنىڭ ئىزچىللاشتۇرۇلۇشىغا ئەگىشىپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ياشلار ئىشقا ئورۇنلىشىش بىلەنلا قانائەتلىنىپ قالماي، ئىگىلىك تىكلەش سېپىگە ئاتلانغان. بۇ يىل ناھىيە ئالىي ۋە ئوتتۇرا تېخنىكومنى پۈتكۈزگەن توققۇز ياشنىڭ ئىگىلىك تىكلىشى ئۈچۈن ئاز سوممىلىق كېپىللىك قەرز پۇل ھەل قىلىپ بەرگەن، ئۇلار ئىگىلىك تىكلەپ 50 نەچچە ياشنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغان.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved