ئىرانغا يۈرگۈزۈلگەن جازا بىكار قىلىنىپ، نېفىت باھاسى تۆۋەن نۇقتىنى كۆرسەتتى

         دۈشەنبە خەلقئارا نېفىت باھاسى ئاسىيا بازىرىدا 1 دوللار تۆۋەنلەپ، 13 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن نۇقتىنى كۆرسەتتە، بۇنىڭ ئىچىدە ئامېرىكا نېفىت چۈشۈش دائىرسى 3% تىن ئاشقان، برېنىت قەرەللىك نېفىت چۈشۈش دائىرسى 4% كە يەتكەن، سەۋەبى ھەپتە ئاخىرى ئىرانغا يۈرگۈزۈلگەن جازا بىكار قىلىنغاندىن كېيىن، بازار ئىراننىڭ تېخىمۇ كۆپ بولغان نېفىت ئېكىسپورتىنى كۈتىۋېلىشقا تەييارلىق قىلماقتا.

دۈشەنبە ئاسىيا بازىرىدا برېنىت قەرەللىك نېفىت باھاسى 1.14 دوللار تۆۋەنلەپ، چۈشۈش دائىرسى 4% تىن ئېشىپ، ھەر باكى 27.70 دوللار بولۇپ، 2003- يىل 11- ئاينىڭ25- كۈنىدىن بۇيانقى تۆۋەن نۇقتىنى كۆرسەتكەن؛ ئامېرىكا (WTI) قەرەللىك نېفىت باھاسى 1 دوللار تۆۋەنلەپ، چۈشۈش دائىرسى 3% تىن ئېشىپ، ھەر باكى 28.36 دوللار بولۇپ، ئوخشاشلا 2003 يىل10-ئاينىڭ30- كۈنىدىن بۇيانقى تۆۋەن نۇقتىنى كۆرسەتكەن.

         ئالدىنقى شەنبە كۈنى خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنى كەچتە ئېلان قىلغان، ئىراننىڭ 7- ئايلىق كېلىشىمى يادرو ماتىرىيالى ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى يوققا چىقارغان. كېلىشىمنىڭ ئىجرا بولۇشى ئىران نېفىت شىركىتى ئېكىسپورت چەكلىمىسى بىكار قىلىنغان.

ئىران بولسا دۇنيادىكى ئاساسلىق نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەتلەرنىڭ بىرى، لېكىن ئۆتكەن 5 يىل ئىچىدە ئاساس جەھەتتىن خەلقئارا بازارنىڭ يەكلىشىگە ئۇچرىغان. ئىراننىڭ ئاللىقاچان تەمىنلەش ئېشىپ كەتكەن نېفىت بازىرىغا قايتىپ كېلىشى، خەلقئارا نېفىت باھاسىنىڭ چوڭ دائىرىدە چۈشۈپ كېتىشىدىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرى. يېقىنقى بىر ھەپتىدە نېفىت باھاسى ھەر باكى 30 دوللاردىن تۆۋەنلەپ، 12 يىلدىكى تۆۋەن نۇقتىنى كۆرسەتتى.

      جۈمە كۈنى ئامېرىكا بازىرى چوڭ دائىرىدە چۈشۈپ، ئۆلچەملىك پور 500 كۆرسەتكۈچى 2014- يىل10- ئايدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن نۇقتىنى كۆرسەتتى، سەۋەبى نېفىت باھاسىنىڭ ھەر باكى 30 دوللاردىن تۆۋەنلەپ كەتكەن، ھەمدە بازارنىڭ جۇڭگو ئىقتىساد مەسلىسىگە بولغان ئەندىشىسى كۈچەيگەن.

     دۇبەي نېفىت مەسلىھەت بېرىش ئورگىنى  amar EnergyدىنRobin Mills نىڭ ئېيتىشىچە، ئىران نېفىت ئېكىسپورت مىقدارىنى ئاشۇرسا نېفىت باھاسىنىڭ تۆۋەنلىشىگە تۈرتكە بولىدۇ، چۈنكى بازاردا ئاللىقاچان تەمىنلەش ئېشىپ كەتكەن.



خەتكۈچلەر:
18-01-2016
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: نۇر تورى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
07-03-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 7- مارت خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە پەن-تېخنىكا ئۇچۇر تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇسىيەنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى روگوزىن فېدېراتسىيە كومىتېت ئەزالىرى يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن:...
07-03-2016
ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ 2-ئىيۇل ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇلتۇر 12-ئايغىچە، ياپونىيەدە مەملىكەت بويىچە ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئالىدىغان ئائىلە سانى 1 مىليون 634 مىڭ ئائىلىدىن ئېشىپ، تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى قىممەتنى يارا...
07-03-2016
شىنخۇا تورى 7- مارت خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى ئىراقنىڭ ئوتتۇرا قىسىمىدىكى بابىلۇن ئۆلكىسىنىڭ ئۆلكە مەركىزى شىلا شەھىرىدىكى بىر تەكشۈرۈش پونكىتى شۇ جاي ۋاقتى 6- مارت چۈشتىن كېيىن ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىش خاراكتېرلىك پارت...
02-03-2016
ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى ئاساسي قانۇن مەھكىمىسى 1-مارت پايتەخت بانگىدا، ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىنىڭ سابىق زۇڭلىسى، مۇستەقىل سايلام نامزاتى تۇۋادرانىڭ 2-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭ سايلىمىدا %62.69 ئاۋازغا ئېرىشىپ، ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇريىتىنىڭ...
02-03-2016
فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى،موسكىۋا،27-فېۋرال تېلىگىراممىسى:روسىيە دېپلوماتىيە مىنىستىرلىقى27-فېۋرال مۇنۇلارنى بىلدۈردى:روسىيەنىڭ دېپلوماتىيە مىنىستىرى سېرگىي لاۋروف ۋە ئامېرىكىنىڭ دۆلەت كاتىپى جون كېررى سۈرىيەدە ئۇرۇش توختىتىلغانلىقىد...
22-02-2016
سىنا تورى خەۋىرى، باغداش تورى تەرجىمىسى: چاۋشيەن مەركىزىي ئاگېنتلىقىنىڭ 21 - فېۋرال تەمىنلىگەن سۈرەتلىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، چاۋشيەننىڭ ئالىي رەھبىرى كىم جوڭئېن يېقىندا چاۋشيەن خەلق ئارمىيەسى ئاۋىئاتسىيەسىنىڭ ئۇچۇش مەشىقىنى كۆزدىن كەچ...
12-02-2016
   فىرانسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، فرانسىيىنىڭ غەربىدىكى چاررىنت ئۆلكىسىدە 11 -فېۋرال چۈشتىن بۇرۇن مەكتەپ ئاپتوبۇسى بىلەن يۈك ئاپتوموبىلى سوقۇلۇپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقەدە ئالتە ئادەم قازا قىلىپ، ئۈ...
12-02-2016
   مېكسىكىنىڭ شىمالىي قىسىمىدىكى بىر تۈرمىدە شۇ جاي ۋاقتى 11- فىۋرال زور كۆلەملىك قالايمىقانچىلىق كۆرۈلۈپ، ئاز دېگەندە 52 ئادەم قازا قىلىپ، 12 ئادەم يارىلانغان. يەرلىك دائىرلەرنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قېتىمقى قالايمىقانچىلىق ئىككى قار...
12-02-2016
پۇل-مۇئامىلە كىرىزىسى مەزگىلىدە، ياۋروپا رايونىنىڭ شىمالىدىكى ئەزا دۆلەتلەر غايەت زور سوممىدا ياردەم تەمىنلەپ، ياۋروپا مەركىزىي بانكىسىنىڭ بارلىق بەدەل تۆلەشتىن باش تارتماي ياۋرونى قۇتقۇزۇش ۋەدىسىنى قوللاپ، جەنۇبتىكى قوشنىلىرىنى قۇتقۇزۇپ...
12-02-2016
    شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىبى سىتولتىنبېرىگ 11- فىۋرال شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش شىتابىدا مۇنداق دېگەن: شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى دېڭىز ئۈستى ھەربىي كۈچلىرىنى ئەۋەتىپ، ياۋروپا ئ...
Powered by Leglek