يۆلەپ تۇرمىسىمۇ يىقىلىپ كەتمەيدىغان يېڭى تىپتىكى ۋېلىسىپىت

بەيدۇ تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى ،نۇرغۇن كىشىلەر ۋېلىسىپىت مىنىشنى ئۆگەنگەن چاغدا يىقىلىپ چۈشۈپ يارلانماي قالمايدۇ ،يېقىندا ئامېرىكىنىڭ بىر شىركىتى يۆلەپ تۇرمىسىمۇ ،قۇشۇمچە چاق ئورناتمىسىمۇ ۋېلىسىپىت مىنىشنى ئۆگەنگۈچى يىقىلمايدىغان بىر خىل ۋېلىسىپىتنى تەتقىق قىلىپ چىقتى ،بۇ ۋېلىسىپىتنى تەتقىق قىلىپ چىققان شىركەتنىڭ ئېيتىشىچە بۇنىڭ بىلەن ھەرقانداق ئادەم بىر كۈن ئىچىدە ۋېلىسىپىت مىنىشنى ئۆگىنىپ بولالايدىكەن .

 


سەككىز ياشلىق بىر قىزنىڭ ۋېلىسىپىت مىنىشنى ئۆگىنىۋاتقىنىغا بەش يىل بولغان بولسىمۇ ھازىرغىچە مىنىشنى ئۆگىنەلمىگەن ئىدى ،بىراق بۇ تەڭشەكلىك ۋېلىسىپىت ئۇنىڭ ۋېلىسىپىت مىنىش تېخنىكىسىنى خېلى ئۆستۈردى ،ئون مىنوت ئىچىدىلا بۇ قىز باشقىلارنىڭ ياردىمىسىز ئۆزى خېلى ئۇزۇنغىچە ۋېلىسىپىت مىنەلەيدىغان بولدى ،بۇ ئۆزىنىڭ تەڭپۇڭلۇقنى ساقلايدىغان ۋېلىسىپىت قارىماققا ئادەتتىكى ۋېلىسىپىت بىلەن ئانچە پەرقلىنىپ كەتمەيدۇ ،لېكىن ئۇنىڭ ئالدى چاقى ئۇيۇل بۇلۇپ ۋېلىسىپىتنىڭ ئۆرۈلۈپ چۈشمەسلىكىدىكى سىر مانا مۇشۇ يەردە .


بۇ ۋېلىسىپىتنىڭ ئالدى چاقى بىر كونترول قىلىش مەركىزى بۇلۇپ ،پىرقىرىغۇچ ئۈنۈمىنى پەيدا قىلىپ ،ۋېلىسىپىتنىڭ تەڭپۇڭلۇقنى ساقلايدۇ ، شۇڭا كىچىك بالىلار مىنىپ ئوڭ سولغا مىدىرلاتسىمۇ ئالدى چاقى ۋېلىسىپىتنى تىك تۇرغان ھالەتتە ساقلاپ بېرىدۇ .

 

كونترول مەركىزىگە USBئېغىزى ئارقىلىق توك زەرەتلىگىلى بولىدۇ .بىر قېتىم توك زەرەتلىسە ئۈچ سائەت يېتىدۇ ،بۇ كىچىك دوستلارنىڭ ۋېلىسىپىت مىنىشنى ئۆگىنىش ئىشەنچىسىنى ئاشۇرىدۇ .بالىلارنىڭ تېخنىكىسى ئۆسكەندە چوڭلار ئۇنى ئېلىۋېتىپ ،تەڭشەكلىك ۋېلىسىپىتنى ئادەتتىكى ۋېلىسىپىت قىلىپ بەرسە بولىدۇ ،كونترول قىلىش مەركىزىنى ئايرىم سېتىۋېلىپ ئادەتتىكى ۋېلىسىپىتكە ئورناتسىمۇ بولىدۇ .تېزگىنەكتىن بىرنى سېتىۋېلىپ بالىلار ۋېلىسىپىت ئۆگەنگەندە چوڭلار تىزگىنەك ئارقىلىق تەڭپۇڭلاشتۇرغۇچنى ئۆزگەرتسە بۇ تېخىمۇ قولاي .

 


لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK



خەتكۈچلەر:
09-06-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
13-05-2016
       ئەلئېھرام گېزىتىنىڭ 5- ئاينىڭ 8- كۈنىدىكى ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، مىسىر ئالاقە ۋە ئۇچۇر تېخنىكا مىنىستىرى ياسىر دۆلەتلىك تېلېگراف ئورگانلىرىنى باشقۇرۇش ھەيئىتىنىڭ بۈگۈن 4G ئىجازەتنامىسى مەسىلىسى توغرىسىد...
13-05-2016
       nubia يانفونلىرى بۇرۇندىنلا چوڭ ئېكرانلىق ۋە كىچىك ئېكرانلىقتىن ىئىبارەت ئىككى خىل ئۆلچەمدە ئوتتۇرىغا چىقىدىغان ئەنەئىگە ئىگە ئىدى، يېقىندا بازارغا سېلىنغان كىچىك ئېكرانلىق بايراقدار دەرىجىلىك يانفون Z11 Mini ئ...
13-05-2016
       ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنىتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نوكىيا 5-ئاينىڭ 10-كۈنى تۇنجى پەسىللىك مالىيە دوكلاتىنى ئېلان قىلغان، كۆچمە تور ئېھتىياجى تۆۋەنلەپ كېتىشنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، بۇ پەسىلدە نوكىيا 513 مىليون ياۋرو (...
13-05-2016
     كۆپ ساندىكى iOS ۋە OS X  ئەپلىرىنى ئىشلەش سودىگەرلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئالما App Store نىڭ ئەپلەرگە بولغان تەكشۈرۈش ۋاقتىنىڭ ئۇزۇن بولۇشى ھەقىقەتەن كىشنىڭ بېشىنى ئاغرىتىدىغان مەسىلە. تاكى بۇلتۇرغىچە، App Stor...
12-05-2016
    TechWeb تورىنىڭ 12-ماي خەۋىرى، مەۋھۇم رېئاللىق شىركىتى Oculus سامسۇڭ Gear VR قالپىقىنىڭ ئايلىق ئاكتىپ ئابۇنتى 1 مىليوندىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى جاكارلىدى.    Gear VRنى سامسۇڭ بىلەن Oculus شىركىتى بىرلىكتە تەتقى...
12-05-2016
    شۈنلېي شىركىتى يىقىندا 3-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە بولغان 2016-يىلى Q1 پەسىللىك دوكلاتىنى ئېلان قىلغان، بۇ بىر پەسىلدە، شۈنلېي شىركىتىنىڭ ئومۇمىي كىرىمى 38.5 مىليون دوللار بولۇپ، ئالدىنقى يىلى ئوخشاش مەزگىلگە سېلىشتۇرغاندا %27.4 ئ...
12-05-2016
    بۇ يىل 1-ئايدىكى CES كۆرگەزمىسىدە ليەنشياڭ شىركىتى گۇگۇل بىلەن ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقانلىقىنى، شۇنداقلا ئىستېمالچىلارغا Tango تۈرى ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفونىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى. ھازىر ليەنشي...
12-05-2016
    ئەگەر ئىككى يىلدىن كېيىن، ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ سەپەرگە چىقماقچى بولسىڭىز، ئۇزۇن ۋاقىت سەرپ قىلىپ ئايروپورتقا بېرىشىڭىزنىڭ ھاجىتى قالمايدۇ، ئۆيىڭىزنىڭ ئارقا ھويلىسىغا چىقسىڭىزلا، تىك ئۇچۇپ قونالايدىغان ئايروپىلان سىزنى ساقل...
12-05-2016
   IT ئائىلىسى تورىنىڭ 12-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: سامسۇڭ 5-ئاينىڭ 11-كۈنى 2016-يىللىق يېڭى Galaxy Tab 10.1 تاختا كومپيۇتېرىنى رەسمىي ئېلان قىلغان. بۇ تاختا كومپيۇتېر ئېكرانىغا سامسۇڭنىڭ PLS تېخنىكىسى قوللىنىلغ...
12-05-2016
گۇگول ئىزدەش ماتورى يېقىندا ئازراق ئاۋارىچىلىققا يولۇققان، يەنى گۇگولدىكى ئاز سوممىلىق يۇقىرى ئۆسۈملۈك قەرز ئېلانى يىللىق ئۆسۈم نىسبىتى بەك يۇقىرى بولۇپ كەتكەن دەپ قارالغانلىقتىن، ئالاقىدار ئورگانلار تەرىپىدىن ئەرز قىلىنغان، شۇنىڭ بىلەن ...
Powered by Leglek