ۋاڭيى تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى .
فىلىپپىن ساقچىلىرى نۆۋەتتە دۆلىتىمىزنىڭ 11 بېلىقچىسىنى فىلىپپىن جەنۇبىي قىسمىدىكى پالاۋان ئۆلكىسىنىڭ مەلىكە پورتىغا يۆتكەپ ئېلىپ كەلدى ،فىلىپپىن ساقچى مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى 8-ماي جۇڭگولۇق 11 بېلىقچى ئۈستىدىن ئەرز سۇنىدىغانلىقىنى ئېيتتى ،جىنايەت نامى بولسا ئاتالمىش قانۇنسىز چېگرىغا كىرىش ئىدى . ئۇ مۇنداق دېدى : ‹ مۇشۇ سەيشەنبە كۈنى يەنى 6-ماي بىز فىلىپپىننىڭ غەربىي قىسىم دېڭىز تەۋەلىكىدىكى بەنيۆ خادا تېشىدا بىر چەتئەل پاراخوتى بىلەن بېلىقچىلارنى تۇتىۋالدۇق ،ئۇلار نەسلى قۇرۇش گىردابىغا بېرىپ قالغان ياۋايى جانلىقلارنى قانۇنسىز تۇتۇشقا چېتىلىدۇ ،.
شۇ جاي تاراتقۇلىرى فىلىپپىن ساقچىلىرى 8-ماي بىر بېلىقچىلار پاراخوتىدا قانۇنسىز تۇتۇلغان ياۋايى جانلىق بار دېگەن مەلۇماتنى تاپسۇرۋالغاندىن كېيىن ،بەش كۈن رازۋېدكا قىلىش ئارقىلىق گۇمانلىق پاراخوتنى بېكىتكەن ، شۇ ۋاقىتتا ئۇلار بۇنىڭ جۇڭگونىڭ بېلىقچىلار پاراخوتى ئىكەنلىكىنى بىلمىگەن دەپ خەۋەر بەردى . فىلىپپىن تەرەپتە سىلەر بېلىقچىلارنى قۇيۇپ بېرەمسىلەر دەپ سورالغان ، ئۇلار جاۋابەن : ‹ بۇ جۇڭگونىڭ تەشەببۇسى ،بىزنىڭ تەشەببۇسىمىز بولسا بەنيۆ خادا تېشى بىزنىڭ يەنى ، فىلىپپىننىڭ زېمىنى ،گەرچە تالاش -تارتىش بولىۋاتقان بولسىمۇ ،ئەمما تەرتىپ بويىچە ئىش قىلىمىز ، بىز قانۇنسىز چېگرىغا كىرىش كومىتېتىغا ئەرز سۇنۇپ ، تەرتىپ بويىچە ئىش كۆرىمىز ›.
دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىز بۇ ۋەقەگە قارىتا ، 7-ماي ئۆتكۈزۈلگەن قەرەللىك مۇخبىرلار يىغىنىدا ، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ : ‹ جۇڭگو فىلىپپىننىڭ دەرھال ئادەم ۋە پاراخوتنى قۇيۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىدۇ ،جۇڭگو بەنيۆ خادا تېشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نەنشا تاقىم ئارىلى ھەمدە ئەتراپتىكى دېڭىز تەۋەلىكىگە قارىتا مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئىگە› دېدى .
فىلىپپىن دېڭىز ساقچىلىرى ۋە فىلىپپىن دېڭىز ئارمىيىسى 7-ماي ، فىلىپپىن دېڭىز ساقچىلىرىنىڭ بەنيۆ خادا تاشلىرى ئەتراپىدا ،ئېلىمىزنىڭ بىر بېلىقچىلىق كېمىسىنى كونترول قىلىۋالغانلىقىنى ھەم كېمىنى فىلىپپىننىڭ غەربىي جەنۇبىي قىسمىدىكى پالاۋان ئۆلكىسىگە ئاپارغانلىقىنى دەلىللىدى ،بەنيۆ خادا تاشلىرى ئېلىمىزنىڭ نەنشا تاقىم ئارىلىدىكى خادا تاشلارنىڭ بىرى بۇلۇپ ، نەنخۇا سۇ يولى بىلەن نەنشا دېڭىز قېنىنىڭ كېسىشكەن يېرىدە ، بۇ يەرنىڭ بېلىقچىلىق بايلىقى مول بۇلۇپ ، ئىزچىل ئېلىمىز بېلىقچىلىرىنىڭ بېلىقلىق مەيدانى بۇلۇپ كەلگەن .
نەنيۈەن خادا تاشلىرىنىڭ ئەتراپىدا مول بايلىق مەنبەسى ساقلانغانلىقتىن ،فىلىپپىن ئۇزۇندىن بېرى بۇ يەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى تارتىۋېلىشنى كۆزلەپ كەلگەن . 1995-يىلى ئارالغا ئەسكەر ئەۋەتىپ ،ئېلىمىز ئورناتقان بەلگىنى بۇزۇۋەتكەن . ئېلىمىز ئېتىراز بىلدۈرگەن بولسىمۇ نىيىتىدىن يانماي ،200دېڭىز مېلى دائىرىسىدىكى قەدىمدىن ئېلىمىزغا تەۋە بولغان خادا تاشلار رايونىغا ئىقتىسادىي رايون دەپ نام بەرگەن .
بۇلتۇر مايدا جۇڭگو تەيۋەنلىك بېلىقچى خۇڭ شىچىڭ شەرقىي جەنۇبىي دېڭىز تەۋەلىكىدە مەشغۇلات قىلىۋاتقاندا فىلىپپىن دېڭىز چارلىغۇچىلىرى ئوققا تۇتۇپ ئۆلتۈرەتتى . فىلىپپىن ئەدىلىيە مىنىستىرلىقى بۇيىل 18-مارت خۇڭ شىچىڭنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن فىلىپپىن دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت ئەترىتىنىڭ سەككىز زئەزاسىنى قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەيدىغانلىقىنى جاكارلىدى . ئەمما يېڭى خەۋەردە بۇ دېڭىز قىرغىقىنىڭ سەككىز ئەزاسى 7-ماي سوت مەھكىمىسىگە كېپىللىك پۇلى تاپشۇرغاندىن كېيىن تۇتۇپ تۇرۇلمايدىغانلىقى ئېيتىلدى .
فىلىپپىن يېڭى گېزىتى 8-ماي خەۋەر قىلىپ بۇلتۇر 9-ماي چۈشتىن بۇرۇن يۈز بەرگەن فىلىپپىن ھۆكۈمەت پاراخوتىنىڭ ، تەيۋەن بېلىقچىلىق پاراخوتى گۇاڭ داشىن 28 ناملىق پاراخوتنى ئوققا تۇتۇش ۋەقەسىدىكى قاتىللىق دىلوسىغا چېتىشلىق ،فىلىپپىن دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى7-ماي كېپىللىك پۇلى تاپشۇرغاندىن كېيىن ،قاماقتا ياتمايدىغان بولدى دېدى . جاۋابكار تەرەپنىڭ ئادۇۋكاتى فىلىپپىن يېڭى گېزىتىگە ،بۇ سەككىز زئادەم قاتىللىق جىنايى بىلەن مانىلا يەرلىك سوت مەھكىمىسىنىڭ 37-شۆبە سوت مەھكىمىسىگە ، ھەر بىرى 40مىڭ پىسو ، يەنى 5600يۈەندىن ئارتۇق كۆپ پۇل تاپشۇردى ،ئۇنىڭ ئىچىدىكى ئىككىسى ئەدلىيە ئادىللىقىغا توسقۇنلۇق قىلىش جىنايىتى بىلەن ھەر بىر مانىلا شەھەرلىك سوت مەھكىمىسىگە 12 مىڭ پىسو يەنى 1700 يۈەن تاپشۇرغاندىن كېيىن كېپىللىككە قۇيۇپ بېرىش رۇخسىتىنى ئالدى دېدى .
2013-يىلى 9-ماي ، تەيۋەننىڭ گۇاڭ داشىن 28ناملىق بېلىقچىلار پاراخوتى شەرقىي جەنۇبىي دېڭىز رايونىدا مەشغۇلات قىلىۋاتقاندا ،فىلىپپىن دېڭىز چارلىغۇچىلىرىنىڭ ئوققا تۇتۇشىغا ئۇچرىغان ، ۋەقەدە خۇڭ شىچىڭغا ئوق تېگىپ قازا قىلغان .
نۇرغۇن كىشىلەر ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوبامنىڭ يېقىندا فىلىپپىنغا زىيارەتكە كەلگەندە جۇڭگونى تىلغا ئالغان ئالمىغانلىقىغا قىزىقتى .شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ تېلېگراممىسىغا قارىغاندا ، فىلىپپىندا زىيارەتتە بولۇۋاتقان ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما 28-ئاپرېل مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن : ئامېرىكا بىلەن جۇڭگو نۇرغۇن خەلقئارالىق مەسىلىلەردە بىر خىل ‹‹ قۇرۇلۇش خاراكتېرلىك مۇناسىۋەت ››نى ساقلاپ كەلدى .ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما فىلىپپىن زۇڭتۇڭى ئاچىينو III بىلەن سۆھبەتلىشىپ بولغاندىن كېيىن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا ، فىلىپپىن مۇخبىرلىرىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېگەن :
بىز جۇڭگو بىلەن بىر خىل قۇرۇلۇش خاراكتېرلىك مۇناسىۋەتنى ساقلاپ كېلىۋاتىمىز . بىزنىڭ نىشانىمىز جۇڭگوغا قارشى تۇرۇش ئەمەس ، جۇڭگونى چەكلەشمۇ ئەمەس . بىزنىڭ نىشانىمىز خەلقئارا پىرىنسىپلار ۋە ئۆلچەملەرنىڭ ئىززىتىگە كاپالەتلىك قىلىشتىن ئىبارەت .
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ،ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 6-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، شۇ كۈنى گىرېتسىيە پۇقرالىرى 48 سائەت ئىش تاشلاپ پېنسىيە مائاشى ئىسلاھاتىغا قارشى ئېتىراز بىلدۈردى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved