شى جىنپىڭ ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيە پائالىيىتىنى خۇلاسىلەش يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلدى

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 9-ئۆكتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:
پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيەسىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتىنى خۇلاسىلەش يىغىنى 8-ئۆكتەبىر بېيجىڭدا ئېچىلدى، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش سېكرېتارى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: تەربىيەنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتى-پارتىيەنىڭ ئامما ئارىسىدىكى ئابرۇيى ۋە ئوبرازىنى يەنىمۇ تۇرغۇزۇپ، پارتىيە بىلەن خەلقنىڭ رايىنى يەنىمۇ مۇجەسسەملەپ، ئىسلاھات، تەرەققىياتقا تۈرتكە بولىدىغان كۈچلۈك ئىجابىي كۈچنى شەكىللەندۈردى.

ئەمەلىيەت-پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدا چىقىرىلغان پۈتۈن پارتىيەدە پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيەسىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇشنىڭ توغرىلىقى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى يۈرۈشلۈك ئورۇنلاشتۇرۇشىنىڭ پۈتۈنلەي توغرىلىقىنى ئىسپاتلىدى. بۇ قېتىمقى پائالىيەت-بىزنىڭ نۇرغۇن يېڭى تارىخىي ئالاھىدىلىككە ئىگە ئۇلۇغ كۈرىشىمىزنى قانات يايدۇرۇشىمىزغا ئىدىيە، تەشكىللەش، ئىستىل جەھەتتىن مۇھىم تەييارلىق بولدى، ئۇنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتى ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ئۆزلۈكسىز نامايان بولغۇسى.

 


شى جىنپىڭ سۆزىدە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: پۈتۈن پارتىيەدە خەلق ئۈچۈن ئەمەلىي، پاك ئىش بېجىرىشنى ئاساسلىق مەزمۇن قىلغان پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيەسىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش-پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدا چىقىرىلغان بىر ئىستراتېگىيەلىك ھەل قىلغۇچ تەدبىر. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى ۋە ئەتراپلىق تەييارلىق قىلدى. 2013-يىلى 6-ئايدىن باشلاپ، پائالىيەت يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ئىككى تۈركۈمدە قانات يايدۇرۇلۇپ، ھازىر ئاساسەن ئاياغلاشتى.

ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ چاقىرىقىغا پائال ئاۋاز قوشۇپ، يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئاكتىپ قاتناشتى، خەلق ئاممىسى قىزغىن ئاۋاز قوشۇپ، قىزغىن قوللىدى، بۇنىڭ بىلەن بىلەن پۈتكۈل پائالىيەت تەرتىپلىك، پۇختا، چوڭقۇر قانات يايدۇرۇلۇپ، كۆزلەنگەن نىشانغا يېتىپ، مۇھىم نەتىجە قولغا كەلتۈرۈلدى.

پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ماركسىزملىق ئامما قارىشى جەھەتتە چوڭقۇر تەربىيەگە ئىگە بولۇپ، پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەنىنى ئىزچىللاشتۇرۇشتىكى ئاڭلىقلىقى ۋە قەتئىيلىكى كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى؛ شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق، راھەتپەرەسلىك، ھەشەمەتچىلىك شامىلى كۈچلۈك تۈزەلدى، ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك گەۋدىلىك مەسىلىلەر ئۈنۈملۈك ھەل قىلىندى؛ تەنقىد ۋە ئۆز-ئۆزىنى تەنقىد قىلىشتىن ئىبارەت ئېسىل ئەنئەنە ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ ۋە جارى قىلدۇرۇلۇپ، يېڭى ۋەزىيەتتە، پارتىيەنىڭ ئىچكى سىياسىي تۇرمۇشىنى چىڭ تۇتۇشنىڭ ئۈنۈملۈك يولى ئۈستىدە ئىزدىنىلدى؛ ئىستىل ئۆزگەرتىش، ئىستىلنى ياخشىلاشنى مۇھىم نۇقتا قىلغان تۈزۈم سىستېمىسى تېخىمۇ مۇكەممەللىشىپ، تۈزۈمنىڭ ئىجرا كۈچى ۋە چەكلىمە كۈچى كۈچەيتىلدى؛ ئاممىنىڭ جانىجان مەنپەئەتىگە تەسىر يەتكۈزىدىغان مەسىلىلەر ھەل قىلىنىپ، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسىي تېخىمۇ پۇختىلاندى.

 


شى جىنپىڭ يېڭى ۋەزىيەتتە پارتىيەنى قاتتىق ئىدارە قىلىش ھەققىدە مۇنداق سەككىز تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويدى: 1-پارتىيەنى قاتتىق ئىدارە قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش؛ 2-ئىدىيەلىك پارتىيە قۇرۇش بىلەن تۈزۈم ئارقىلىق پارتىيەنى ئىدارە قىلىشنى زىچ بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش، تۈزۈم ئالدىدا ھەممە ئادەم باراۋەر بولۇشتا چىڭ تۇرۇش؛ 3-پارتىيەنىڭ ئىچكى سىياسىي تۇرمۇشىنى چىڭ تۇتۇش؛ 4-كادىرلارنى قاتتىق باشقۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش؛ 5-ئىستىلنى داۋاملىق، چوڭقۇر ياخشىلاش؛ 6-پارتىيە ئىنتىزامىنى چىڭىتىش؛ 7-خەلقنىڭ نازارەت رولىنى جارى قىلدۇرۇش؛ 8-پارتىيەنى قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ قانۇنىيىتىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، ئاساسىي قاتلام، ئەمەلىيەتكە چوڭقۇر چۆكۈپ، پارتىيەنىڭ ئىلغارلىقى ۋە ساپلىقىنى ساقلاش ھەم راۋاجلاندۇرۇش.



خەتكۈچلەر:
09-10-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
03-05-2016
    2008- يىلىدىكىگە ئوخشاش، ئامېرىكا بەك كۆپ خەجلىۋەتتى ھەمدە بەك كۆپ قەرز ئالدى؛ ئىشلەپچىقىرىلمىلار تولىمۇ ئاز، ئامانەت پۇلىمۇ ئاز. ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادى 2009- يىلى ئەڭ پەسكويغا چۈشۈپ قالغاندىن كېيىن، ئامېرىكا ئىلگىرى يار...
02-05-2016
    ئېكۋادوردا يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگىنىگە ئىككى ھەپتىدىن ئېشىپ، قاپسىلىپ قالغانلارنىڭ ھايات قېلىش ئېھتىماللىقى بارغانسېرى تۆۋەنلىگەن بولسىمۇ، بىراق 4- ئاينىڭ 29- كۈنى قۇتقۇزغۇچى خادىملار خارابىلىك ئاستىدىن 72 ياشقا كىر...
01-05-2016
    ئىشچىلار موسكۋادىكى مەشھۇر رۇسىيە مېھمانسارىيىنى ئۆزگەرتىۋاتقاندا، مېھمانساراينىڭ شەرقىي بىناسى بىلەن شىمالىي بىناسىنىڭ ئارا بۇلۇڭىدىكى ئۇلىدا قۇرۇلۇش قىلىۋېتىپ، تەخمىنەن 4000 نەچچە ئادەم سىغىدىغان بىر چوڭ يەر ئاستى سار...
30-04-2016
    ئامېرىكا «ۋاشىنگىتون كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 30-چېسلا خەۋەر قىلىشىچە، كېنىيە قىزىل كىرىسىت جەمئىيىتىنىڭ 29-چېسلا ئاشكارىلىشىچە، پايتەخىت نايروبىدا شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن تۇيۇقسىز قاتتىق يامغۇر يېغىپ، شەھەرنىڭ شەرقىي قى...
30-04-2016
شېنجىندا نىمكەش ئۆي باھاسى ئۇدا 18 ئاي ئۆسكەندىن كېيىن چۈشۈشكە باشلىدى. 4-ئاينىڭ 28-كۈنىگىچە، پۈتۈن شەھەردىكى يېڭى ئۆي پۈتۈشۈش مىقدارى پەقەت 2259 يۈرۈش بولۇپ، 3-ئايدىكىگە قارىغاندا %49 تۆۋەنلەپ كەتتى، پۈتۈشۈش ئوتتۇرىچە باھاسى ھەر كىۋ...
29-04-2016
     جىڭخۇا ۋاقىت گېزىتى خەۋىرى، باج تاپشۇرغۇچىلار ئەمدى «نىكاھ ئىسپاتى» تاپشۇرمىسىمۇ بولىدۇ. 28-چېسلا مۇخبىرنىڭ خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، باج تاپشۇرغۇچىلارنىڭ ئۆي-ج...
29-04-2016
4-ئاينىڭ 27-كۈنى ساياھەتچىلەر جىنلۇڭ كەنتىدىكى بىر پارچە 3D سترېئولۇق رەسىم ئالدىدا خاتىرە رەسىمگە چۈشمەكتە. 2015-يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن بۇيان، يۈننەن ئۆلكىسى لىجياڭ شەھىرىدىكى جىنلۇڭ كەنتى بىر تۇتاش پىلانلاش ئارقىلىق، 442 كورپۇ...
28-04-2016
     4-ئاينىڭ 27-كۈنى، شېنجېن شەھىرى لۇڭگاڭ ئەيليەن لوڭتېڭ سانائەت رايونىدىكى جوڭتۇڭ ئەشيا ئوبوروتىنىڭ يېنىدىكى ئامبارغا ئوت كەتكەن. ئوت ئۆچۈرۈش تارمىقى تېزلىكتە دايۈنچېڭ، لوڭدۇڭ، لوڭگاڭ، پىڭخۇ، خېڭگاڭ ئوت ئۆچۈرۈش ئوت...
27-04-2016
2016-يىل 4-ئاينىڭ 25-كۈنى لياۋنىڭ ئۆلكىسى شېنياڭ شەھىرى رۇڭشىڭ ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونىدىكى بىر ئېگىز قەۋەتلىك بىنانىڭ سىرتقى تام گەۋدىسىدىكى تام چاپلاقلىرى  چۈشۈپ كېتىپ ئولتۇراق رايون ئاھالىلىرىنى ئەندىشىگە سېلىپ قويدى. ...
26-04-2016
    شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 26-ئاپرېل، ئۇكرائىنانىڭ سىلاۋۇتىچې شەھىرىدە خەلق ئاممىسى تەزىيە بىلدۈرۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، چىرنوبىلدا يادرو ۋەقەسىدە قاز قىلغانلارنى خاتىرىلىگەن. 1986-يىلى 26-ئاپرېل، كىيېۋ شەھىرىنىڭ شىمالىغا 13...
Powered by Leglek