بۇ ۋەقە قەھرىتان سوغۇقتا يۈز بەرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئادەمنىڭ كۆڭلىنى ئىللىتىدۇ. چوڭ كوچىدا، بىر ھامىلىدار ئايال تۇيۇقسىز يەڭگىمەكچى بولغاندا، كۆپچىلىك قەدەملىرىنى توختىتىپ ئايالغا دالدا بولۇپ بەرگەن. يەنە بىر كىشى چاپىنىنى سېلىپ ئايالنى سوغۇقتىن مۇداپىئە قىلغان.
كوچىنى جىمجىتلىق قاپلىغان بولۇپ، بالا تۇغۇلۇپ يىغلىغان ئاۋازى ئاڭلانغاندىن كېيىن، كىشىلەر ئاندىن خاتىرجەم بولغان ھەمدە ئانا-بالىنى كەلگەن جىددىي قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلىغا چىقىرىپ قويغان.
تۈنۈگۈن، چىيەنجاڭ كەچلىك گېزىتىنىڭ مۇخبىرى، تۇغۇلغىنىغا ئەمدىلا ئۈچ كۈن بولغان قىز بوۋاقنىڭ ناھايىتى ساغلام ئىكەنلىكىنى، ئېغىرلىقىنىڭ 5 جىڭ 4 سەر بولۇپ، ئازغىنە ۋاقىتتىن كېيىن دوختۇرخانىدىن چىقسا بولىدىغانلىقىنى ئىگىلىگەن. قىز بوۋاقنىڭ دادىسى: ياردەم قىلغان كىشىلەرگە بىرمۇ-بىر رەھمەت ئېيتىپ بولالمايمىز، ئەمما بۇ تەسىرلىك ئىشنى مەڭگۈ ئۇنتۇپ قالمايمىز دېگەن.
ھامىلىدار ئايال تۇيۇقسىز تۇغماقچى بولغاندا، ئاياللار يۈگۈرۈپ كېلىپ ياردەم قىلغان
ۋەقە يۈز بەرگەن ئورۇن ۋېنجۇ شەھىرى ساڭنەن ناھىيەسى لىنشى بازىرىدىكى غالىبىيەت يولى بولۇپ، بۇ ئورۇن شۇ يەردىكى ئەڭ قايناق، ئاۋات كوچا ھېسابلىنىدىكەن.
1-ئاينىڭ 4-كۈنى كەچ سائەت 6 دىن ئاشقاندا، يەنى «ئاياللار بويۇملىرى كوچىسى» ئەڭ قايناق بولىدىغان بولۇپ كېتىدىغان ۋاقىتتا، غالىبىيەت يولى 60-نومۇرلۇق دۇكاننىڭ خىزمەتچىسى شاۋسەي، دۇكان خوجايىنى بىلەن خېرىدار كۈتۈۋاتقان ئىكەن. بىر ھامىلىدار ئايال ئۇنىڭ دىققىتىنى تارتقان بولۇپ، بۇ ئايال دۇكان ئالدىدىكى ئىستولبىدىن ئۆتكەندە، ئاستا يەردە ئولتۇرغان. كىمدۇ؟ بىرسى تۇغىدىغان بولدى دەپ ۋاقىرىغاندا ئادەملەر توپلىشىپ ئايالنى بىردەمدىلا ئورىۋالغان.
ھامىلىدار ئايالنىڭ يولدىشى جاۋ ئەپەندى، ئەينى ۋاقىتتا ئايالىنىڭ يېنىدا ئىكەنلىكىنى، ئەر-خوتۇن ئىككەيلەن ساڭنەنلىك بولۇپ، غالىبىيەت يولى يېنىدىكى بىر ئولتۇراق رايونىدا تۇرىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ھەمدە شۇ كەچ سائەت 5 بولغاندا، ئايالى ئىككىسى تاماق يەپ بولۇپ تۇرۇشىغا، ئايالىنىڭ « باش سۈيى يېرىلىپ كەتتى ،تۇغىدىغان بولدۇم» دەپ ۋاقىرىغانلىقىنى سۆزلەپ بەرگەن.
يولدىشى ئۇنى يۆلەپ بىنادىن چۈشۈپ تاكسى توسۇپ دوختۇرخانىغا ئاپارماقچى بولغان، ئەينى ۋاقىتتا ئۇنىڭ تۇغۇت ۋاقتىنىڭ توشۇشىغا يەنە 10 كۈن بار ئىكەن.
يولدىشى، ئۇلارنىڭ ئەمدىلا بىنادىن چۈشۈپ تۇرۇشىغا، ئايالىنىڭ مەن بولالمىدىم دېگىنىچە يەردە ئولتۇرۇپ قالغانلىقىنى، بۇ ۋاقىتتا بالىنىڭ بېشىنى كۆرگەنلىكىنى، ھەمدە نېمە قېلىشىنى بىلەلمەي قالغانلىقىنى ئېيتقان.
دەل شۇ ۋاقىتتا، ياندىكى دۇكاندىن قولىدا پاختىلىق چاپان كۆتۈرىۋالغان بىر كىشى چىقىپ ئۇ ئايالىنىڭ ئاستىغا سېلىپ بەرگەن.
بىردەمنىڭ ئىچىدىلا بىر توپ ئادەم كەلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى بىرەيلەن «تۇغۇت تەجىربىسى بار ئاياللارنىڭ ھەممىسى كېلىڭلار» دەپ ۋاقىرىغان. ناھايىتى كۆپ ئاياللار كېلىپ ئۇنىڭغا تەسەللىي بېرىپ، ئازراق بەرداشلىق بېرىشىنى، دوختۇرخانىغا بېرىپ ئاندىن تۇغۇشىنى ئېيتقان، ئەمما ئەينى چاغدا ئۈلگۈرەلمىگەن.
بەزىلەر دالدا بولغان، بەزىلەر يوتقان ئېلىپ كەلگەن، بىر دۇكاننىڭ ئايال خوجايىنى ياردەم قېلىپ تۇغدۇرغان.
تۇغدۇرۇشقا مەسئۇل بولغىنى غالىبىيەت يولىدىكى 67- نومۇرلۇق دۇكاننىڭ باشلىقى لى خانىم بولۇپ، شۇ كېچە ئۇ پول سۈرتكۈچ سېتىۋېلىپ قايتاشىدا، بىرەيلەننىڭ يەرگە يىقىلغانلىقىنى كۆرگەن. ئۇ يىقىلغان كىشىنىڭ ھامىلدار ئايال ئىكەنلىكىنى ئېنىق كۆرگەندە دەرھال يۈگۈرۈپ كېلىپ ياردەملەشكەن.
دۇكان خوجايىنى لى خانىم: مەن ئىككى ئوغۇل تۇغقان، بىرسى 20 ياش، يەنە بىرسى ئەمدى 5 ياشقا كىردى، ئىككىلىسىنى ئۆزۈم ئوڭۇشلۇق تۇغقان دېگەن. ھەمدە كىچىك ئوغلىنىڭ ياستۇقىنى ۋە يوتقىنىنى ئېلىپ كېلىپ ھامىلىدار ئايالغا ئىشلەتكەن. يەنە ئاياللارغا بۇ ۋاقىتتا سوغۇق ئۆتۈپ قالسا بولمايدۇ دەپ ، ئىككى قولى بىلەن بوۋاقنى ئالغان ۋە بوۋاق بالا بۇنداق مۇزدەك سوغۇق يەرگە تەگسە بولمايدۇ دېگەن.
بۇ ۋاقىتتا، ئادەتتە قاينام-تاشقىنلىققا چۆمۈپ كېتىدىغان كوچا تىپتىنچ بولۇپ كەتكەن. نەچچە مىنۇتتىن كېيىن، قىز بوۋاق لى خانىمنىڭ قولىدا يىغلاشقا باشلىغان، بۇ ۋاقىتتا كىشىلەر ئاندىن خاتىرجەم بولغان.
لى خانىم، بۇ ھامىلىدار ئايالنىڭ ئىنتايىن غەيرەتلىك ئىكەنلىكىنى، پۈتۈن تۇغۇت جەريانىدا يىغلاپ باقمىغانلىقىنى، قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلى كەلگەندىن كېيىن ئۇلارنىڭ ئانا-بالىنى ئاپتوموبىلغا چېقىرىپ قويغانلىقىنى ئەسلەپ بەرگەن.
دوختۇرخانىدا قىز بوۋاقنىڭ كىندىك بېغىنى كېسىپ، ئېغىرلىقىنى ئۆلچىگەندە 5 جىڭ 4 سەر كەلگەن.
تۈنۈگۈن جاۋ ئەپەندى، قىزىنىڭ ئىسسىق ساقلاش ئۆيىدە ئىكەنلىكىنى، بىراق ھەممە ئىش نورمال بولۇپ، ھەپتە ئاخىرىدا دوختۇرخانىدىن چىقسا بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
جاۋ ئەپەندى، ئايالىنىڭ يېنىك دەرىجىدە باكتېرىيەدىن يۇقۇملانغانلىقىنى، لېكىن ئەھۋالىنىڭ ئېغىر ئەمەسلىكىنى ئېيتقان. ھەمدە، ياخشى نىيەتلىك كىشىلەر ياردەم قىلمىغان بولسا قانداق خەتەرگە يولۇقاتتۇق، مەن قىزىمغا «شېڭلى» دەپ ئىسىم قويماقچى، غالىبىيەت يولىدا تۇغۇلغان دېگەن مەنىدە.
جاۋ ئەپەندىم بىلەن ئايالنىڭ بىر ياشتىن ئاشقان بىر ئوغلى بار ئىكەن.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى، ھىندىستان يېڭى دېھلى. 74 ياشلىق Guinness Rishi كۆپ تۈرلۈك دۇنيا رېكورتىنى ساقلىغۇچى بولۇپ، بەدىنىگە ئەڭ كۆپ بايراقنى چەكمە قىلىپ چېكىش رېكورتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved