27-ئۆكتەبىر ھەربى تەپتىش مەھكىمىسى مەركىزىي ھەربىى ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئسى شۈ سەيخۇنىڭ پارىخورلۇق جىنايىتى دېلوسىنى تەھقىقلاشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، تەكشۈرۈپ شىكايەت قىلىشقا ئۆتكۈزۈپ بەردى، شۈ شەيخۇ ئۆزىنىڭ پارخورلۇق جىنايىتىنى ئىقرار قىلدى، ئۇنىڭ قانۇن بويىچە تەكشۈرۈلۈپ شىكايەت قىلىشقا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىشى پارتىيەمىزنىڭ دۆلەتنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش ئىرادىسىنى يەنە بىر قېتىم ئىپادىلىدى.
شۈ سەيخۇنى قانۇن ئارقىلىق تەكشۈرۈش پارتىيە نىڭ ئۆسمىنى يىلتىزىدىن ئېلىش جاسارىتى ۋە شىجائىتىنىڭ بارلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى، ئاممىغا تېخىمۇ بىر ئېنىق سىگنالنى يەنى ھەرقانداق كىشى ۋە تەشكىلاتنىڭ ئۆزىنى قانۇننىڭ ئۈستىگە قويسا بولمايدىغانلىقى، پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ باشلامچىلىق بىلەن قانۇنغا رائىيە قىلىپ، ئۆزى ئۈلگە بولۇشى كېرەكلىكىدەك بىر سىگنالنى بەردى.
ئۇلۇغ ئىشلارنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چوقۇم پارتيەنى قانۇن بويىچە قاتتىق باشقۇرۇش، دۆلەتنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش كېرەك، بو شىلەينى قانۇن ئارقىلىق سوت قىلشىتىن شۈ شەيخۇنى قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشقىچە ھەممىسى پارتىيەنىڭ ھەر مىللەت خەلقىنى باشلاپ قانۇن بويىچە باشقۇرۇش ھەققىدە بەرگەن ۋەدىسىنىڭ ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىلىشى.
دۆلەتنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش ھەم ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى، ھەم پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئورنىنى مۇستەھكەملەش، دۆلەتنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ئەمىنلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنىڭ تۈپ كاپالىتى، قانۇن ئالدىدا ھەممە باراۋەر بولۇشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرغاندىلا ئاندىن قانۇننىڭ ئىززەت ئابرويى ۋە نوپۇزىنى قوغداپ، ھەر بىر پۇقراغا ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى ھىس قىلدۇرغىلى بولىدۇ.
![]() |
ئۈرۈمچى شەھىرىدە 1 – يانۋاردىن باشلاپ، تۇرالغۇ جامائەت فوندى ئارقىلىق ئۆي سېتىۋالغانلار تۇرالغۇ جامائەت فوندى يېڭى قەرز ئۆسۈم نىسبىتى بويىچە قەرز قايتۇرىدۇ.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك تۇرالغۇ جامائ...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved