دۆلەتلىك راك كېسلى مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، ئاكادېمىك خې جى، مەملىكەتلىك ئۆسمە تىزىملاش مەركىزىنىڭ مۇدىرى چېن ۋەنچىڭ قاتارلىقلار بىرلىكتە تاماملىغان «2015-يىلىدىكى جۇڭگونىڭ راك كېسىلى ئىستاتىستىكىسى» يېقىندا ئېلان قىلىندى. دوكلاتتا مۆلچەرلىنىشىچە، جۇڭگودا 2015-يىلى تۆت مىليون 300 مىڭ راك كېسىلى يېڭىدىن كۆپەيگەن، راك كېسىلى بىلەن قازا قىلغانلار ئىككى مىليون 800 مىڭدىن ئاشقان، بۇنىڭ ئىچىدە ئۆپكە راكى-جۇڭگودىكى راك كېسىلى بىلەن قازا قىلىشنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى بولۇپ قالغان.
مەملىكەتلىك ئۆسمە تىزىملاش مەركىزىنىڭ مۇدىرى چېن ۋەنچىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇرۇنقى يىللار بىلەن ئوخشىمايدىغىنى شۇكى، بۇ يىل ئېلان قىلىنغان سانلىق مەلۇمات پەقەتلا مۆلچەر، ئەمەلىي پەيدا بولغان كېسەل سانى ئەمەس. گەرچە مۆلچەر بولسىمۇ، لېكىن خەلقئارا ئېتىراپ قىلغان بىر قىسىم ئىستاتىستىكا ئۇسۇللىرى ئارقىلىق ئىنكاس قىلىنغان سانلىق مەلۇماتلار ئاساسەن ھەقىقىي. ئەمەلىي سان بىلەن مۆلچەر سان ئاساسەن ئوخشاش.
بۇ دوكلاتتا مۆلچەرلىنىشىچە، جۇڭگودا 2015-يىلى ھەر كۈنى ئوتتۇرىچە 12 مىڭ يېڭى راك كېسىلىگە دىياگنوز قويۇلغان. 2015-يىلى ھەر كۈنى ئوتتۇرىچە 7500 دىن ئارتۇق ئادەم راك كېسىلى بىلەن قازا قىلغان. چېن ۋەنچىڭ مۇنداق دېدى: 2000-يىلىدىن 2011-يىلىغىچە، ئەرلەرنىڭ راك كېسىلى بولۇش نىسبىى مۇقىم بولدى، ئاياللارنىڭ راك كېسىلى بولۇش نىسبىتى بولسا ھەر يىلى %21.1 لىك سۈرئەت بىلەن تېز ئاشتى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved