ھىندونېزىيە ئاساسىي قانۇن سوتى تۈنۈگۈن كەچتە سايلامدا مەغلۇب بولغان پىرېزىدېنت نامزاتى پرابوۋو سۇبىئەنتونىڭ بارلىق دەۋا تەلىپىنى رەت قىلىپ، پىرېزىدېنتلىققا سايلانغان جوكو ۋىدودونىڭ يېڭى ھۆكۈمەت قۇرۇشىغا يول ئېچىپ بەردى.
ھىندونېزىيە 9-ئىيۇل پىرېزىدېنت سايلىمى ئۆتكۈزدى، سايلام كومىتېتى 22-ئىيۇل پىرېزىدېنت نامزاتى جوكو ۋىدودونىڭ 53.1 پىرسەنت ئاۋاز بىلەن سايلامدا غەلىبە قىلغانلىقىنى جاكارلىدى. لېكىن ئۇنىڭ سايلام رىقابەتچىسى پروبوۋو سايلامدا كۆز بويامچىلىق قىلمىشى مەۋجۇت دېگەننى باھانە قىلىپ، ئاساسىي قانۇن سوتىدىن سايلام نەتىجىسىنى ئىناۋەتسىز دەپ ھۆكۈم قىلىشنى تەلەپ قىلدى. ھىندونېزىيە ئاساسىي قانۇن سوتى تۈنۈگۈن كەچتە توققۇز سوتچىنىڭ پرابوۋونىڭ بارلىق دەۋا تەلىپىنى بىدەك رەت قىلغانلىقىنى جاكارلىدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved