Ericssonشىركىتى 40 دۆلەتتىكى 100 مىڭدىن ئارتۇق ئىستېمالچىلارغا قارىتا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە %50 ئادەم كەلگۈسى بەش يىل ئىچىدە ئەقلىيفونلار يوقىلىپ، تارىخقا ئايلىنىدۇ دەپ قارىغان. كەلگۈسىدە ئەقلىيفونلارنىڭ ئورنىنى سۈنئىي ئەقىل (AI) ئىگىلەيدىغان بولۇپ، سۈنئىي ئەقىل ئەقلىيفون ئېكرانى بولمىغان ئەھۋالدىمۇ ماددىلار ئارىسىدا ئالاقە ئېلىپ بارالايدىكەن. زىيارەتنى قوبۇل قىلغان %85 كىشىنىڭ قارىشىچە، تاقاپ يۈرگىلى بولىدىغان ئېلېكتىرونلۇق ياردەمچىلەر ئاستا-ئاستا ئومۇملىشىدىكەن. زىيارەتنى قوبۇل قىلغان كىشىلەرنىڭ يېرىمى كەلگۈسىدە ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى بىلەن خۇددى ئادەمگە ئوخشاش پاراڭلاشقىلى بولىدۇ دەپ قارىغان. %44 كىشى سۈنئىي ئەقىل سىستېمىسى بىر ياخشى ئوقۇتقۇچى بولالايدۇ دەپ قارىغان. ئۈچتىن بىر قىسىم كىشى سۈنئىي ئەقىل ئۈسكۈنىسىنىڭ ھەمراھ بولۇشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. %29 كىشى سۈنئىي ئەقىل سىستېمىسى بىلەن كېسەللىك ئەھۋالى توغرىسىدا پاراڭلاشقاندا دوختۇر بىلەن پاراڭلاشقاندىن راھەت ھېس قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئامېرىكا كارخانىلىرىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى خادىملار ئۆتكەن ئايدا 7.6 مىليارد دوللارلىق پاي چېكىنى سېتىۋەتتى
پاي چېكى تەتقىقات شىركىتى TrimTabs توپلىغان سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، 10-ئايدىكى چوڭ ئۆسۈشتىن كېيىن، ئامېرىكىدىكى پېيى بازارغا سېلىنغان شىركەتلەرنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى خادىملار 11-ئايدا ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق شىركەتنىڭ 7.6 مىليارد دوللار قىممىتىدىكى پاي چېكىنى سېتىۋەتكەن. بۇ، بۇ يىل ئىچىدىكى ئىككىنچى قېتىملىق يۇقىرى پەللە، شۇنداقلا ئۆتكەن ئۈچ يىلدىكى تۆتىنچى يۇقىرى پەللە ئىكەن. كارخانا ئىچكى قىسمىدىكى كىشىلەرنىڭ ئۆزى تۇرۇشلۇق شىركەتنىڭ پاي چېكىنى سېتىۋېتىشى كاسات بازارنىڭ سىگنالى دەپ قارىلىدىغان بولۇپ، بۇ يىل 5-ئايدا ئىچكى قىسىمدىكى كىشىلەر زور مىقداردا پاي چېكىنى سېتىۋېتىپ، ئۆلچەملىك پور 500 كۆرسەتكۈچىنىڭ كېيىنكى ئۈچ ئايدا %6.4 چۈشۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
ۋال كوچىسى گېزىتى
جۇڭگودىكى چوڭ تىپتىكى دۆلەت كارخانىلىرىنى قوشۇۋېتىش تالاش-تارتىش قوزغىدى
جۇڭگو رەڭلىك مېتال گۇرۇھى بىلەن جۇڭگو بەشىنچى كانچىلىق گۇرۇھى قوشۇۋېتىلىدۇ.
جۇڭگو ھۆكۈمىتى نۆۋەتتە بىر قىسىم ئەڭ چوڭ دۆلەت كارخانىلىرىنى قوشۇۋېتىپ، ئىقتىسادنىڭ ئاچقۇچلۇق قىسمىنى كونترول قىلىشنى ئويلاشماقتا ئىكەن. جۇڭگو جەنۇب پاراۋۇز زاۋۇتى بىلەن جۇڭگو شىمال پاراۋۇز زاۋۇتى، جۇڭگو يادرو سانائىتى گۇرۇھى شىركىتى بىلەن جۇڭگو گۇاڭخې گۇرۇھى شىركىتى قوشۇۋېتىلگەندىن كېيىن، سەيشەنبە كۈنى، جۇڭگو رەڭلىك مېتال گۇرۇھى بىلەن جۇڭگو بەشىنچى كانچىلىق گۇرۇھىنىڭ قوشۇۋېتىلىدىغانلىقى ئېلان قىلىندى. جۇڭگودىكى ئەڭ چوڭ ئىككى دېڭىز ترانسپورت شىركىتى جۇڭگو يىراق ئوكيان ترانسپورت گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى بىلەن جۇڭگو دېڭىز ترانسپورت گۇرۇھى باش شىركىتىنىڭ بىرلەشتۈرۈش خىزمىتى نۆۋەتتە ئېلىپ بېرىلماقتا. ھۆكۈمەت يەنە تېلېگرافتىن تارتىپ ئاۋىياتسىيەگىچە بولغان تېخىمۇ كۆپ كارخانىلارنى قوشۇۋېتىشنى ئويلىشىۋاتقان بولۇپ، يېقىنقى بىر نەچچە ھەپتىدىن بىرى، جۇڭگو بىرلەشمە خەۋەرلىشىش شىركىتى بىلەن جۇڭگو تېلېگرافى شىركىتى، جۇڭگو جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى بىلەن جۇڭگو ئاۋىياتسىيەنىڭ كېيىنكى تۈركۈمدە قوشۇۋېتىلىش ئېھتىماللىقى سەۋەبىدىن، پاي چېكى ئۆسۈپ كەتكەن. بېيجىڭ ھۆكۈمىتى دۆلەت چېمپيون كوماندىسى تەشكىللەپ، چەتئەل كارخانىلىرى بىلەن رىقابەتلىشىشنى ئارزۇ قىلماقتا. ھالبۇكى، بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەر بۇ دۆلەت ئىچىدىكى رىقابەتنى ئازلىتىپ، باھانى ئۆستۈرۈۋېتىشى مۇمكىن دەپ قارىماقتا.
ياخۇ ئالى بابانىڭ پېيىنى بۆلۈش ئىشىنى ۋاقتىنچە قويۇپ تۇردى
چارشەنبە كۈنى، ياخۇ شىركىتى مۇدىرىيىتى يىغىن ئېچىپ، ئالى بابانىڭ پېيىنى بۆلۈشنى قويۇپ تۇرۇپ، تەتۈر يۆنىلىشتە ئانالىز قىلىپ، يادرولۇق ئىنتېرنېت كەسپى بىلەن ياخۇنىڭ ياپونىيەدىكى شىركىتىنىڭ پېيىنى ئايرىپ، پېيى بازارغا سېلىنغان مۇستەقىل شىركەت قىلىپ قۇرۇشنى ئويلاشقان. ھالبۇكى، بۇ پىلاننىڭ ئىجرا قىلىنىشى ئۈچۈن بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت كېتىشى مۇمكىن بولۇپ، شۇ سەۋەبتىن، رادىكال مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ خىرىسىغا دۇچ كېلىشى مۇمكىن ئىكەن.
ئەنگلىيە ‹‹پۇل مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى››: Dow خىمىيەلىك مەھسۇلاتلار شىركىتى بىلەن DuPont شىركىتى بىرلىشىش ئۈستىدە سۆھبەتلەشمەكتە
ئامېرىكىدىكى ئىككى چوڭ خىمىيەلىك مەھسۇلاتلار شىركىتى Dow بىلەن DuPont نۆۋەتتە بىرلىشىش ئۈستىدە سۆھبەتلەشمەكتە. سەيشەنبە كۈنىدىكى پاي باھاسى بويىچە ھېسابلىغاندا، Dow شىركىتىنىڭ بازار قىممىتى 60 مىليارد دوللار بولۇپ، DuPont نىڭ بازار قىممىتى 59 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى بولغان. ئەگەر بۇ سودا پۈتسە، ئىككى شىركەت بىرلەشكەندىن كېيىنكى شىركەتنىڭ بازار قىممىتى 120 مىليارد دوللارغا يېتىپ، ھازىرغا قەدەر، سانائەت كەسىپى ساھەسىدىكى ئەڭ چوڭ قوشۇۋېتىش سودىسى بولۇپ قالىدۇ. ھالبۇكى، ئەھۋالدىن خەۋەردار ئەربابلارنىڭ ئېيتىشىچە، بىرلەشكەندىن كېيىنكى شىركەت يەنە ئۈچ يېڭى شىركەتكە بۆلۈنۈشى مۇمكىن ئىكەن.
بلۇمبېرگ ئاگېنتلىقى
يار شارى بويىچە تۇنجى دېنگې قىزىتمىسى ۋاكسىنىسى تەستىقلاندى
20 يىللىق تەتقىقاتتىن كېيىن، Senofi شىركىتىنىڭ دېنگې قىزىتمىسى ۋاكسىنىسى Dengvaxia چارشەنبە كۈنى مېكسىكىدا تەستىقلانغان بولۇپ، بارلىق تۆت خىل دېنگې قىزىتمىسى ۋىرۇسنىڭ ئالدىنى ئالالايدىكەن. مۆلچەرلىنىشىچە، بۇ ۋاكسىنا كەلگۈسى بىر نەچچە ھەپتە ئىچىدە، لاتىن ئامېرىكىسى ۋە ئاسىيادىكى تېخىمۇ كۆپ دۆلەتلەرنىڭ تەستىقىغا ئېرىشىدىكەن. دېنگې قىزىتمىسى پۈتۈن دۇنيا نوپۇسىنىڭ يېرىمىغا يېقىن كىشىگە تەھدىت سېلىۋاتقان بولۇپ، ئۇنىڭ يۈز بېرىشى ئېشىشقا قاراپ يۈزلەنگەن. بەزگەك بىلەن ئوخشىمايدىغىنى، بۇ خىل كېسەللىك ئافرىقىدىكى نامرات دۆلەتلەرگە تەسىر كۆرسىتىپلا قالماي، لاتىن ئامېرىكىسى ۋە ئاسىيادىكى ئوتتۇرا كىرىملىك دۆلەتلەردىكى نىسبەتەن باي شەھەرلەردىكى كىشىلەرگىمۇ تەسىر كۆرسەتكەن. Senofi: ‹‹بىز دېنگې قىزىتمىسىنى ئالدىنى ئالغىلى بولىدىغان كېسەللىككە ئايلاندۇردۇق، بىز بۇنىڭدىن چەكسىز پەخىرلىنىمىز›› دېگەن.
Pep Boys شىركىتى ئۈچ كۈن ئىچىدە Bridgestone نىڭ سېتىۋېلىش باھاسىنى ئۆستۈرۈشىنى تەلەپ قىلدى
ئامېرىكىنىڭ ماشىنا زاپچاسلىرىنى پارچە سېتىش سودىگىرى Pep Boys چارشەنبە كۈنى مۇدىرىيەت يىغىنىنىڭ ياپونىيەنىڭ Bridgestone شىركىتى تەرىپىدىن سېتىۋېلىنىش سودىسىنى توختىتىشنى قارا قىلىپ، رادىكال مەبلەغ سالغۇچى Carl Celian نىڭ 863 مىليونلۇق سېتىۋېلىش باھاسىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى ھەمدە Bridgestone شىركىتىگە ئۈچ كۈن ۋاقىت بېرىپ، سېتىۋېلىش باھاسىنى ئۆستۈرۈشنى تەلەپ قىلىپ، ئەگەر Carl Celian قويغان باھادىن ئاشسا، قايتا ئويلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
رېيتېر ئاگېنتلىقى
ئاممىباب شىركىتى پەقەت 36 مىڭ ئاپتوموبىلنىڭ كاربون تۆت ئوكسىد ساختىلىقىغا چېتىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى
ئاممىباب شىركىتى چارشەنبە كۈنى ئەڭ ئاخىرىقى تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئېلان قىلىپ، تەخمىنەن 36 مىڭ ئاپتوموبىلنىڭ بۇ قېتىمقى مەسىلىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ سان بۇندىن بۇرۇن مۆلچەرلەنگەن 800 مىڭغا قارىغاندا جىق تۆۋەن. شۇ سەۋەبتىن، ئاممىباب شىركىتى بۇ مەسىلىگە قارىتا بۇندىن بۇرۇن مۆلچەرلىگەن 2 مىليارد ياۋرو چىقىم قىلىشىنىڭ ھاجىتى يوق ئىكەن.
تۈرلۈك ماللار ماگناتى J.C. Penney نىڭ ساختا ئېلانى ئەيىبلەندى
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى چارشەنبە كۈنى تۈرلۈك ماللار ماگناتى J.C. Penney شىركىتى ئۈستىدىن ئەرز قىلىپ، بۇ شىركەتنىڭ ساختا ئېلان ئارقىلىق ئىستېمالچىلارنى ئالدىغانلىقىنى ئەيىبلىدى ھەمدە ھەق تەلەپ جەرىمانىسى تەلەپ قىلدى. ئامېرىكا ئەدلىيە تارماقلىرى ۋە فېدېراتسىيە سودا كومىتېتى (FTC) تاپشۇرغان ئەيىبنامىدە كۆرسىتىلىشىچە، J.C. Penney ‹‹سانسىز قېتىم›› ئەرلەر پايپىقى، ياستۇق قېپى ۋە مۇنچا سېلىنچىسى قاتارلىق ماللار ئۈچۈن ساختا ئېلان ئىشلەپ، بۇ توقۇلما ماللارنىڭ تەركىبىدە بامبۇك تالاسى بارلىقىنى ئېلان قىلغان، ئەمەلىيەتتە بولسا سۈنئىي يىپەك ئىشلەتكەن.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما تىك ئۇچارغا ئولتۇرۇپ ياپونىيە خىروشىما تىنچلىق باغچىسىغا يېتىپ بېرىپ، تىنچلىق باغچىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە گۈل چەمبىرەك تەقدىم قىلدى.
|
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن گىرېتسىيەدە زىيارەتتە بولدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved