ياۋروپادا مۇساپىرلارغا قارشى كەيپىيات ئەۋجىگە چىقتى

    «يەر شارى تورى خەۋىرى» شىۋىتسىيەنىڭ پايتەختى سىتوكھولىمدا يۈزىگە نىقاب تارتىۋالغا نەچچە يۈزلىگەن ئەر تەشۋىقات ۋەرەقىسى تارقىتىپ، ئاممىنى مۇساپىرلارنىڭ بالىلىرىغا ھۇجۇم قىلىشقا قۇتراتتى؛ ئەنگلىيەنىڭ دوۋېر پورتىدا ئەسەبىي ئوڭچى ئۇنسۇرلار بىلەن ئىرقچىلىققا قارشى تۇرغۇچىلار بىرلا ۋاقىتتا نامايىش قىلىپ، توقۇنۇشۇپ قالغان؛  گېرمانىيەدىكى ئوڭ قاناتچىلارنىڭ سىياسىيونلىرى ساقچىلارغا:«قانۇنسىز چېگرادىن كىرگەن مۇساپىرلارغا چوقۇم ئوق چىقىرىش كېرەك» دەپ داۋراڭ سالدى........ ياۋروپادىكى كۆپ قىسىم دۆلەتلەردە مۇساپىرلارغا قارشى كەيپىيات پەلەككە يەتتى، ياۋروپا ئىتتىپاقى كەلگۈسى بىر قانچە ئاي ئىچىدە ياۋروپا قىتئەسى چېگرا ۋە دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت ئەترىتى قۇرۇپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ چېگراسىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ياۋروپادىكى دۆلەتلەر «كىشىلىك ھوقۇق ۋىۋىسكىسى»نى چۆرۈپ تاشلىغاندەك قىلاتتى، كۆپلىگەن دۆلەتلەر «ماكېدونىيە مۇداپىيە سىزىقى» تەسىس قىلىپ، مۇساپىرلار ماشىنىسىنى «جىددىي تورمۇزلاش»قا مۇراجىئەت قىلدى.

شىۋىتسىيە:«قارا كىيىملىك نىقابلىنىۋالغان كىشىلەر»مەخسۇس مۇساپىرلارنىڭ بالىلىرىغا ھۇجۇم قىلدى

29- يانۋار كەچ،  ئۈستىگە قارا كىيىم كىيىپ، يۈزلىرىگە نىقاب تارتىۋالغان كىشىلەر شىۋىتسىيەنىڭ پايتەختى سىتوكھولىمنىڭ مەركىزىي ئاپتوموبىل بېكىتى رايونىدا نامايىش قىلدى ھەمدە يولدا كېتىۋاتقانلارغا «بولدى بەس، ئۆزىمىزنىڭ ئاممىۋى بوشلۇقىنى قوغدايلى، جىنايەتچىلەرنى كىرگۈزۈشكە قارشى تۇرايلى» دېگەن خەتلەر يېزىلغان تەشۋىقات ۋەرەقىسى تارقاتتى، ئۇلار يەنە:«ئەتراپتا لاغايلاپ يۈرگەن شىمالىي ئافرىقىلىق سەرگەردان بالىلار»نى چوقۇم <ئەدەبلەب> قويىمىز» دەپ، داۋراڭ سالدى. بەزى كۆرگۈچىلەر:«بۇ بىر توپ كىشىلەر يېڭىدىن كەلگەن كۆچمەنلەرنى ئۇرۇپ - دۇمباللىدى، كۆرۈشۈمچە ئۇلار ئۈچ ئادەمنى ئۇرغاندەك قىلدى» دېدى.

ۋەقەدىن كېيىن، يېڭى ناتسىست تەشكىلاتى «شىۋىتسىيەدىكى قارشىلىق بىلدۈرۈش ھەرىكىتى»گە قارىتا بايانات ئېلان قىلىپ:«ساقچىلار بۇلاڭچىلىققا چېتىشلىق بىئەدەب <جىنايەتچى كۆچمەن>لەرگە زەربە بېرىشكە ئامالسىز قالدى، پۇقرالارنىڭ باشقا ئامالى بولمىغاچقا، ئۆز قول سېلىپ<شىمالىي ئافرىقىلىق جىنايەتچى كۆچمەنلەر>نى تازىلاشقا مەجبۇر بولدى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى باشقا رايونلارنىڭمۇ ئاشۇلارنى ئۈلگە قىلىشنى مۇراجىئەت قىلىمىز» دېدى. شىۋىتسىيە ساقچىلىرىنىڭ دەلىللىشىچە، شۇ كۈنى كەچتە نەچچە يۈزلىگەن « پۇتبول لۈكچەكلەر گۇرۇھىنىڭ ئەزالىرى» كوچىغا چىقىپ تەشۋىقات ۋەرەقىسى تارقىتىپ، باشقىلارنى جىنايەت سادىر قىلىشقا قۇتراتقان. ساقچى تەرەپ خېلى كۆپ ئادەمنى قولغا ئالغان، قولغا ئېلىنغانلارنىڭ ئىچىدىكى بىرسى ساقچىلارغا ھۇجۇم قىلدى، دەپ ئەيىبلەنگەن، بەشى «ئاممىۋى سورۇندا يۈزىگە نىقاب تارتىش مەنئى قىلىش بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ پۇقرالارنى پاراكەندە قىلدى» دەپ، ئەيىبلەنگەن. «شىۋىتسىيە كەچلىك گېزىتى» «پۇتبول لۈكچەكلەر گۇروھى»نىڭ ساقچىلار بىلەن توقۇنۇشقان بىر بۆلەك سىنكۆرۈنۈشىنى ئېلان قىلغان. شىۋىتسىيەنىڭ ئىچكى ئىشلار باش ۋەزىرى «ئىرقچى ئۇنسۇرلارنىڭ جەمئىيەتتە ئۆچمەنلىك»نى تەرغىب قىلغانلىقىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن ھەمدە پۇقرالارنى ئىرقچىلىققا قارشى تۇرۇشقا  مۇراجىئەت قىلغان.

شىۋىتسىيە ياۋروپادىكى بارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئىچىدە كىشى بېشىغا قوبۇل قىلغان مۇساپىر سانى ئەڭ كۆپ دۆلەت بولۇپ، گەرچە شىۋىتسىيەنىڭ نوپۇسى 9 مىليون 700 مىڭ نوپۇسى بولسىمۇ، بىراق شىۋىتسىيە 2015- يىلى ئاساسلىقى ئافغانىستان، ئوتتۇرا شەرق ۋە شىمالىي ئافرىقىدىن كەلگەن 163 مىڭ مۇساپىر قوبۇل قىلغان. 25- يانۋار، مۇساپىرلار  مەركىزىدە خىزمەت قىلىدىغان 22 ياشلىق ئايال خىزمەتچىنى 15 ياشلىق مۇساپىر پىچاق تىقىپ ئۆلتۈرۈۋەتكەندىن كېيىن، جەمئىيەتتە مۇساپىرلارغا قارشى كەيپىيات كەسكىنلىشىپ كەتكەن. فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، شىۋىتسىيەدىكى سولچىلار ۋە ئوڭچىلارنىڭ تاراتقۇسى باش ۋەزىرنىڭ مۇساپىرلار كىرىزىسىغا تاقابىل تۇرۇشتىكى مەسئۇلىيىتىنى ئەيىبلىگەن ھەمدە باش ۋەزىر ھەمىشە مۇساپىرلار دولقۇنىنىڭ خىرىسىنى تۆۋەن مۆلچەرلەپ قويىدۇ،دەپ تەنقىد قىلغان. ئوتتۇرا ئوڭچىلارنىڭ بىر تاراتقۇسى ھەتتا ھۆكۈمەتنى «بارلىق جىنايەتچى چەتئەللىكلەرنى قوغلاپ چىقىرىۋېتىشكە» مۇراجىئەت قىلغان.

ئەنگلىيە رادىيو شىركىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكىدىكى تېكساس يېزا ئىگىلىك - سانائەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ شىۋىتىسيە نوپۇسىنى تەكشۈرۈشتىكى ئەڭ يېڭى دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، مۇساپىرلارنىڭ شىۋىتىسىيەگە كىرىشى بىلەن 16 ياشتىن 17 ياشقىچە بولغان ئوغۇل - قىزلارنىڭ نوپۇس نىسبىتى ئېغىر دەرىجىدە تەڭپۇڭلۇقىنى يوقاتقان [ (2014- يىلى 1:1.08)( 1:1.23 مۇساپىرلار كەلگەندىن كېيىنكى نىسبەت)]. شىۋىتسىيەلىك بەزى سىياسونلارنىڭ دېيىشىچە، شىۋىتسىيەدە قورامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ھامىيلىرى ياردەم پۇلىغا ئېرىشىدىغان ھەمدە ئۆيىدىكىلەر بىلەن جەم بولۇشقا ئىلتىماس قىلىشى بىر قەدەر ئاسان بولغاچقا، نۇرغۇنلىغان قورامىغا يەتكەن مۇساپىرلار يېشىنى يالغان مەلۇم قىلغان. شىۋىتسىيە پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى ھانىف بارررىي:« بارلىق مۇساپىرلار ياۋروپانىڭ يۇقىرى دەرىجىدىكى پاراۋانلىق يوچۇقىغا سۇقۇنۇپ كىرىشنى بىلىپ بولدى. ناۋادا سىز قورامىغا يەتمىگەن كىشى (مۇساپىر) بولسىڭىز، سىزگە دەرھال ئۆي تەقسىم قىلىپ بېرىلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ياردەم پۇلىغا ئېرىشەلەيسىز»دېگەن. ئۇ يەنە بۇنىڭدىن باشقا نۇرغۇن ياردەملەرگە ئېرىشەلەيدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان مەسىلەن: يېمەك - ئىچمەك، كىيىم كېچەك قاتارلىقلاردا بىۋاسىتە شۇ جايدىكى ھۆكۈمەتكە ياردەم پۇلى ئىلتىماس قىلسا بولىدىكەن. بارررىينىڭ كۆرسىتىشىچە:«قۇرامىغا يەتمىگەن مۇساپىرلىققا ئىلتىماس قىلغۇچىلار ئىنتايىن تېزلا نۇرغۇنلىغان پاراۋانلىققا ئېرىشكەندىن باشقا، يەنە بىر ياخشى تەرىپى باركەن، يەنى ھازىر 16 ياشتىن 17 ياشقىچە بولغان مۇساپىرلار 18 ياشقا كىرگەندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ ئاتا - ئانىسى ۋە قېرىنداشلىرىنى شىۋىتسىيەگە كېلىپ جەم بولۇشقا تەكلىپ قىلسا بولىدىكەن، بۇ 16 ياشتىن 17 ياشقىچە بولغان ئوغۇللارنىڭ مۇساپىرلىققا ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ ئاساسىي ئېقىمى بولۇپ قېلىشىنىڭ مۇھىم سەۋەبى ئىكەن».

ئەنگلىيە: ئاشقۇن ئوڭچىلار بىلەن ئىرقچىلىققا قارشى تۇرغۇچىلار توقۇنۇشۇپ قالدى

ئەنگلىيەدىكى «يەكشەنبىلىك تېلېگرامما گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 30- يانۋار، مۇساپىرلارقا قارشى تۇرىدىغان ئاشقۇن ئوڭچى ئۇنسۇرلار بىلەن ئىرقچىلىققا قارشى تۇرغۇچىلار دوۋېر پورتىدا توقۇنۇشۇپ قالغان. ساقچى تەرەپ زوراۋانلىقتىن مۇداپىيەلىنىش ساقچىلىرىنى ۋە ئاپشاركىلارنى ئىشقا سېلىپ نەق مەيداننىڭ تەرتىپىنى ساقلىغان، توقۇنۇش بەش سائەت داۋاملاشقاندىن كېيىن تىنچىغان، كەم دېگەندىمۇ ئالتە ئادەم يارىلىنىپ، توققۇز ئادەم قولغا ئېلىنغان.

ئەنگلىيەنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا جايلاشقان دوۋېر پورتى، مۇساپىرلارنىڭ فىرانسىيەدىن ئەنگلىيەگە كىرىدىغان ئاساسلىق دەرۋازىسى. ئەنگلىيەدىكى ئاشقۇن ئوڭچىلار تەشكىلاتىنىڭ «دۆلەت ئالدىنقى سېپى» قوللىغۇچىلارنى نەق مەيدانغا كېلىشكە كۈشكۈرۈتۈپ، مۇساپىرلارنىڭ بۆسۈپ كىرىشىگە قارشى نامايىش قىلغان ھەمدە يېڭى ناتسىست ئۇنسۇرلىرى قاتارلىقلارنىڭ زور كۆلەملىك قوللىشىغا ئېرىشكەن. بىر تۈركۈم ئىرقچىلىققا قارشى تۇرغۇچىلار بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، كۆپ مىقداردىكى ساياھەت ئاپتوبۇسىغا ئولتۇرۇپ نەق مەيدانغا يېتىپ كەلگەن ھەمدە ئاشقۇن ئوڭ قاناتچىلارغا قارشى نامايىش قىلغان. ئىرقچىلىققا قارشى تۇرغۇچىلارنىڭ ئىككى ئاپتوبۇسى ئەمدىلا تاشيول مۇلازىمەت پونكىتىغا يېتىپ كېلىشىگە، ئاشقۇن ئوڭچىلارنىڭ قورشاپ ھۇجۇم قىلىشىغا ئۇچرىغان، ئاشقۇن ئوڭچىلار ئاپتوبۇسقا كېرەكسىز نەرسىلەرنى ۋە ئەخلەت تۇڭلىرىنى ئېتىپ، ئاپتوبۇسنىڭ دېرىزىسىنى چېقىۋەتكەن. ئاشقۇن ئوڭچىلارنىڭ بىر ئۇنسۇرى ھەتتا بەدىنىدىن قان چىقىرىپ ئاپتوبۇسنىڭ ئۈستىگە ناتسىستلارنىڭ بەلگىسىنى سىزىپ قويغان.

دوۋېر شەھەرىنىڭ ئىچىدە، بىر تۈركۈم ئاشقۇن ئوڭچى ئۇنسۇرلار بىلەن مۇساپىرلارنى قوللايدىغان ئىرقچىلىققا قارشى تۇرغۇچىلار توقۇنۇشۇپ قېلىپ، ئۆز ئارا خىش پارچىسى، تاش ۋە ئەينەك بوتۇلكا ئېتىشقان. بەزى ئاشقۇن ئوڭچى ئۇنسۇرلار ناتسىستلارغا ھۆرمەت بىلدۈرىدىغان قول ئىشارىسىنى چىقىرىپ، تۈتەك بومبىسى تاشلىغان، نەق مەيدان تۈتەك بىلەن قاپلانغان. شۇ جايدىكى تاراتقۇلار توقۇنۇشنى سۈپەتلەپ «نەق مەيدان جەڭ مەيدانىغا ئوخشاپ قالدى»دېگەن، ئىككى تەرەپتىن خېلى كۆپ ئادەم يارىلانغان، بەزى ئوڭچى ئۇنسۇرلارنىڭ باشلىرى يېرىلىپ كەتكەن. ساقچىلار زوراۋانلىقتىق مۇداپىيەلىنىش ساقچىلىرىنى ۋە ئاپشاركىلارنى ئىشقا سېلىپ نەق مەيداننىڭ تەرتىپىنى ساقلىغان، توقۇنۇش بەش سائەت داۋاملاشقاندىن كېيىن تىنچىغان. ساقچىلار توقۇنۇشقۇچىلارنى قولغا ئېلىش جەريانىدا، 20 دىن كۆپرەك تىغلىق ئەسۋاب، تۆمۈر بولغا قاتارلىق قوراللارنى قولغا چۈشۈرگەن.

گېرمانىيە بىلەن فىنلاندىيەدىمۇ مۇساپىرلارغا قارشى كەيپىيات ئەۋجىگە چىقماقتا

بۇلتۇر بىر يىلدا گېرمانىيە قوبۇل قىلغان مۇساپىرلارنىڭ سانى 1 مىليون 100 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن. سەلدەك ئېقىپ كېلىۋاتقان مۇساپىرلار دولقۇنىغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن، «مۇساپىرلارغا قارشى تۇرۇش، ياۋروغا قارشى تۇرۇش»بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرگەن گېرمانىيە ئوڭ قانات پارتىيەسىدىكى «تاللاش پارتىيەسى»نىڭ ئاتامانى پېتىر 30- يانۋار:«ئەگەر زۆرۈرىيەت بولۇپ قالسا، ساقچى تەرەپ گېرمانىيەگە قانۇنسىز كىرىشكە ئۇرۇنغان مۇساپىرلارغا ئوق چىقىرىشى كېرەك، قورال كۈچى ئىشلىتىش ئەڭ ئاخىرقى ئىشارەت، قانۇنىمىزدا مۇشۇنداق دېيىلگەن»دېدى.

پېتىرنىڭ قارىشى گېرمانىيەدىكى سول قانات پارتىيەسى ھەمدە ساقچى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى قاتتىق ئەيىبلىشىگە ئۇچرىدى. ئوتتۇرا سولچىلار سوتسىيال دېموكراتىك پارتىيەسىنىڭ تونۇلغان ئەزاسى توماس ئاۋبومەن:« ئالدىنقى قېتىم گېرمانىيەدىكى بەزى مۇساپىرلارغا ئوق چىقىرىش ۋەقەسى سابىق شەرقىي گېرمانىيەنىڭ رەھبىرى ھاننېكېرنىڭ دەۋرىدە يۈز بەرگەن»دېدى. گېرمانىيە ساقچى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى:« ساقچىلار مەڭگۈ مۇساپىرلارغا قارىتىپ ئوق چىقارمايدۇ، پېتىرنىڭ سۆزى ئۇنىڭ رادىكال ۋە ئادەمگەرچىلىكتىن چىقىپ كەتكەن ئەپت - بەشىرىسىنى ئېچىپ بەردى»دېگەن.

مۇساپىرلار كىرىزىسىنىڭ كەسكىنلىشىشىگە ئەگىشىپ، ئوڭ قانات پارتىيەسىدىكى «تاللاش پارتىيەسى»نى قارشى ئالىدىغان ئامما بارغانسېرى كۆپەيگەن، بەزىلەرنىڭ قارىشىچە بۇ پارتىيەنىڭ گېرمانىيەدىكى ئۈچىنچى چوڭ پارتىيە بولۇپ قېلىشىدىن ئۈمىد باركەن. «تاللاش پارتىيەسى» مېركىلنىڭ  مۇساپىرلار سىياسىتىنى تەنقىد قىلغان ھەمدە مېركىلنى «ۋەتەن ساتقۇنى»دېگەن. بۇلتۇر گېرمانىيەدە مۇساپىرلارنىڭ تۇرالغۇسىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى 1005 قېتىمغا يەتكەن بولۇپ، 2014- يىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا بەش ھەسسە كۆپەيگەن.

فىنلاندىيەدىمۇ مۇساپىرلارغا قارشى كەيپىيات كۈنسېرى ئەۋجىگە چىقماقتا. 30- يانۋار، فىنلاندىيەنىڭ پايتەختى خېلسىنكىدا 200 دىن كۆپرەك مۇساپىرلارغا قارشى تۇرغۇچىلار  كوچىغا چىقىپ، مۇساپىرلارنىڭ شۇ جايدىكى ئاياللارنىڭ بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزگەنلىكىگە قارشى نامايىش قىلغان. ئارقىدىن مۇساپىرلارغا قارشى تۇرغۇچىلار بىلەن مۇساپىرلارنى قوللىغۇچىلار  توقۇنۇشۇپ قالغان. ئاخىردا ساقچىلار ئوتتۇرىغا چۈشۈپ توقۇنۇشنى تىنچلاندۇرغان ۋە 20 ئادەمنى قولغا ئالغان. فىنلاندىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ دېيىشىچە، 2015- يىلى فىنلاندىيەگە كىرگەن 32 مىڭ مۇساپىرنىڭ 3\2 قىسمى قايتۇرۇۋېتىلىدىكەن.

بۇ يىل باھاردا ياۋروپا ئىتتپاقىنىڭ «ماكېدونىيە مۇھاپىزەت سىزىقى»تەسىس قىلىدىغانلىقى پەرەز قىلىنماقتا

بەزى تاراتقۇلارنىڭ دېيىشىچە، باھار پەسلىنىڭ يېقىنلاپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، ئېگىي دېڭىزى ئارقىلىق ياۋروپاغا كېلىدىغان مۇساپىرلارنىڭ سانى كۆپىيىشى مۇمكىنكەن. ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان «باھار پەسىللىك مۇساپىرلار دولقۇنى»دىن مۇداپىيەلىنىش ئۈچۈن، جىددىي تاقابىل تۇرۇش پىلانى ئۈستىدە باش قاتتۇرۇشقا باشلىغان، ياۋروپا ئىتتىپاقى بالقان يېرىم ئارىلىدىن كەلگەن مۇساپىرلارنى ۋە كۆچمەنلەرنى تېخىمۇ قاتتىق كونترول قىلماقچى ئىكەن.

گىرتسىيە ياۋروپادىكى كۆچمەنلەر ۋە مۇساپىرلار ئاساسلىق  توپىلىشىدىغان ۋە تارقىلىدىغان دۆلەت. نۆۋەتتە، ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى كۆپ قىسىم دۆلەتلەر چېگرا مۇداپىيە قىسمى، ساقچى ۋە بارماق ئىزىنى تونۇتقۇچ قاتارلىقلارنى ماكېدونىيەگە ئەۋەتكەن بولۇپ، مۇساپىرلارنىڭ گىرتسىيەنىڭ شىمالىدىكى چېگرا ئارقىلىق گېرمانىيەگە كىرىشىنى توسىدىكەن ھەمدە سۈرىيە ۋە ئىراقتىن باشقا دۆلەتلەردىن كەلگەن مۇساپىرلارنىڭ ھەممىسىنى قايتۇرۇۋېتىدىكەن. ماكېدونىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئاگاھلاندۇرۇپ:«ياۋروپا ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى <ب پىلان>نى ئىشقا سېلىشنى ئويلىشىۋاتىدۇ، بەلكىم بۇ يىل 3- ئايدا ماكېدونىيە بىلەن گىرتسىيە چېگراسى تولۇق تاقىلىشى مۇمكىن. ۋېنگىرىيەدىن كەلگەن ساقچى ئاپتوموبىلى <ماكېدونىيە - گىرتسىيە چېگراسى>نى كېچىدە چارلايدۇ ھەمدە قانۇنسىز چېگرادىن ئۆتكۈچىلەرنى ۋە كۆچمەنلەرنى ئىزدەيدۇ» دېگەن. بىراق ئىتالىيە ھۆكۈمىتى، ناۋادا «ماكېدونىيە - گىرتسىيە چېگراسى» تاقالسا، زور مىقداردىكى كۆچمەنلەرنىڭ لىنىيەسىنى ئۆزگەرتىپ گىرتسىيە ياكى ئالبانىيەدىن ئۆتۈپ ئىتالىيەگە كىرىشىدىن ئەنسىرەيدىكەن.

ھالبۇكى، «گېرمانىيە ئاۋازى»نىڭ 31- يانۋاردىكى تەھلىلىدە:«مۇساپىرلار كىرىزىسى كۆرۈلگەندىن كېيىن، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارى ۋە ئىچكى قىسىمدىكى ئىتتىپاقلىقى «گۇمران بولۇش چېگراسى»غا كېلىپ قالدى، دېيىلگەن. بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە «خەلقچىل مەنپەئەتپەرەسلەر» تۆت تەرەپتىن كۆتۈرۈلۈپ چىقتى، كۆپلىگەن دۆلەتلەر ئۆزلۈكىدىن ئۇلارغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ياخشى تەييارلىق قىلدى. شىۋتسىيەنىڭ ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئىگمان رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، گىرتسىيە بىلەن ئىتالىيەنىڭ «قىزىق نۇقتىلىق مەركەز»تەسىس قىلمىغانلىقىنى، ھەقىقىي مۇساپىرلار بىلەن گۇمانلىق تېررورچىلارنى ۋە ئىقتىسادىي مۇساپىرلارنى ئايرىپ چىقمىغانلىقىنى ئەيىبلىگەن. ئەنگلىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا مۇساپىرلار ماشىنىسىنى «جىددىي تورمۇزلاش»نى تەشەببۇس قىلغان. ئەنگلىيە باش ۋەزىرى كامېرون ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن كېڭىشىپ ياۋروپا ئىتتىپاقىنى ئىسلاھ قىلىشى مۇمكىنكەن، كامېرون ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى باشقا دۆلەتلەردىن كەلگەن پۇقرالارغا مۇددىتى تۆت يىل بولغان «ئىجتىمائىي پاراۋانلىقنى توڭلىتىش مەزگىلى»نى ئوتتۇرىغا چىقىرىش ئارقىلىق، مۇساپىرلارغا ئېغىپ كېتىش خاھىشىنى كېمەيتىشنى تەلەپ قىلغان.



خەتكۈچلەر:
03-02-2016
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
30-05-2016
شىنخۇا تورى 23- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى نەچچە كۈن ئىلگىرى يىللىق دوكلات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: 2015- يىلى سەئۇدى ئەرەبسىتان ئاسىيا قىتئەسىدىكى دۆلەتلە...
30-05-2016
     شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 28-كۈنى، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى كىشىلەر كوچىلارغا چىقىپ، <ئاتلانتىك ئوكيان ھالقىغان سودا ۋە مەبلەغ سېلىش شېرىكلىك مۇناسىۋەت كېلىشىمى> (TTIP) شۇنداقلا ھۆكۈمەتنىڭ مالىي...
28-05-2016
    شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما تىك ئۇچارغا ئولتۇرۇپ ياپونىيە خىروشىما تىنچلىق باغچىسىغا يېتىپ بېرىپ، تىنچلىق باغچىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە گۈل چەمبىرەك تەقدىم قىلدى.
28-05-2016
    رۇسىيە NTV تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەنگلىيە، گېرمانىيە، ئىتالىيە، كانادا، ئامېرىكا، فرانسىيە ۋە ياپونىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يەتتە دۆلەت گۇرۇھىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ باشلىقلىرى پەقەت رۇسىيە مىنسكى كېلىشىمىنى تولۇق ئىجرا قى...
28-05-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن گىرېتسىيەدە زىيارەتتە بولدى.
28-05-2016
      شۇ يەر ۋاقتى 27-ماي، ئامېرىكا كالفورنىيە شىتاتى سانتىياگو، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ زۇڭتۇڭ نامزاتى ترامپ سانتىياگودا سايلام يىغىلىشى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، شۇ جايدىكى خەلق ئاممىسى قولىدا تاختىلارنى كۆت...
28-05-2016
شىنخۇا تورى 28- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     چاۋشيەن مەركىزى ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، چاۋشيەن خەلق ئارمىيەسىنىڭ ئەڭ ئالىي قوماندانى مۇنداق دېگەن: شۇ كۈنى كورىيە ئارمىيەسى چاۋشيەننى...
28-05-2016
يەر شارى تورى 28- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     ۋېيتنام تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ۋېيتنام ھۆكۈمىتى نەچچە كۈن ئىلگىرى 22 دۆلەت ۋە رايوندا تۇرۇشلۇق 80 دىن ئارتۇق ۋېيتناملىقىنى نەنشا تاقىم ئارى...
28-05-2016
ۋاڭيى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنىتلىقىنىڭ 27-ماي ئېيتىشىچە، جەنۇبىي ئوسېتىيەنىڭ رەھبىرى تىبىلوۋ ۋە پارلامېنىت رەئىسى بىبىلوۋ 26-ماي جەنۇبىي ئوسېتىيە 2017-يىلى رۇسىيەگە قوشۇلۇشقا ئوم...
27-05-2016
     5-ئاينىڭ 26-كۈنى، گىرېتسىيە بىلەن ماكېدونىيەنىڭ چېگرىسىدىكى كىچىك كەنت ئىدومېنى. مۇساپىرلار بۇ يەردىن ئايرىلىش ئۈچۈن ئاپتوبۇسنىڭ كېلىشىنى كۈتمەكتە. 24-مايدىن باشلاپ، گىرېتسىيە ساقچى تەرەپ، رەسمىي ھالدا گىرېتسىيە-...
Powered by Leglek