خەۋەر قىلىنىشىچە ، ئامېرىكىدىكى مەلۇم تور بېتىدە رەڭلىك ئۈزۈمنىڭ سۈرىتى ئاشكارلانغان . سۈرەتتىكى ئۈزۈم ھەرخىل رەڭدە بولۇپ ، بۇ خىل ئۈزۈمنىڭ راست-يالغانلىقى كىشىلەرنى ئويغا سالغان . بەزىلەر بۇ خىل سۈرەتنى سۈرەت ياسايدىغان يۇمشاق دېتالدا ياسالغان سۈرەت دېسە ، بەزىلەر يېڭى خىل سورت بولۇشى مۇمكىن دەپ پەرەز قىلغان .
ئىگىلىنىشىچە ، بۇ خىل ئۈزۈم ئالاھىدە سورتلۇق ئۈزۈم بولماستىن ، بەلكى ئادەتتىكى سورتلۇق ئۈزۈم ئىكەن . بۇ سۈرەتلەر پەقەت ئۈزۈمنىڭ رەڭ ئۆزگىرىش مەزگىلىدە تارتىلغان بولۇپ ، ئۈزۈم يېتىلىش مەزگىلىدە قېنىق يېشىل رەڭدە بولۇپ ، رەڭ ئۆزگىرەش مەزگىلىگە كەلگەندە ، ئاق ئۈزۈمنىڭ پوستى تەدرىجىي ھالدا قېنىق يېشىلدىن سۇز سېرىق رەڭگە ، قىزىل ئۈزۈم تەدرىجىي ھالدا قېنىق يېشىلدىن قىزىل رەڭگە ئۆزگىرىدىكەن . ئۈزۈم گەرچە پىششىشتىن بۇرۇن ھەرخىل رەڭدە بولسىمۇ، ئەمما تولۇق پىشقاندىن كېيىن ، بىر خىل رەڭدە بولىدىكەن .
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved