روسىيەنىڭ دىپلوماتىيسۈرىيەدىكى بازىسىغا بىخەتەر قايتىپ كەلدىە مىنىستىرى: سوۋېت-24 ناملىق ئايروپىلاننىڭ ئۇچقۇچىسىنى قۇتقۇزۇش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى، روسىيەنىڭ سۈرىيەدىكى بازىسىغا بىخەتەر قايتىپ كەلدى.
«ئوربىتا تورى خەۋىرى» روسىيە سۈنئىي ھەمراھ تورىنىڭ 25-نويابىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، روسىيەنىڭ دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرى سېرگى شويگونىڭ پەيشەنبە كۈنى بىلدۈرۈشىچە، تۈركىيە سۈرىيە چېگراسىدا ئېتىپ چۈشۈرۈۋەتكەن سوۋېت-24 ناملىق كۈرەشچى ئايروپىلاننىڭ ئۇچقۇسىنى قۇتقۇزۇش خىزمىتى ئوڭۇشلۇق تاماملانغان، ئۇچقۇچى ئاللىبۇرۇن روسىيە سۈرىيەدە تۇرۇشلۇق خىمەيىم ھاۋا ئارمىيە بازىسىغا بىخەتەر قايتىپ كەلگەن.
شويگو دۆلەت مۇداپىيە يىغىنىدا، قۇتقۇزۇش ھەرىكىتى 12 سائەت ئىچىدە مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاندى، ئۇچقۇچى روسىيەنى سۈرىيەدە تۇرۇشلۇق ھاۋا ئارمىيە بازىسىغا بىخەتەر قايتىپ كەلدى، دېگەن. ئۇ يەنە ئەلباش پۇتىننىڭ قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە قاتناشقان خىزمەتچىلەرگە مىننەتدارلىق بىلدۈرگەنلىكىنى يەتكۈزگەن.
بۇندىن بۇرۇنقى خەۋەرلەردە دېيىلىشىچە، روسىيەنىڭ سوۋېت-24 ناملىق كۈرەشچى ئايروپىلانى چۈشۈرۈۋېتىلگەندىن كېيىن، ئىككى نەپەر ئۇچقۇچىنىڭ بىرسى سۈرىيەدىكى ئۆكتىچى قوراللىقلىرىنىڭ ئولجىسىغا ئايلىنىپ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان، يەنە بىرىنىڭ ئىز-دېرىكى ئېنىق ئەمەسكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved