سەئۇدىي ئەرەبىستاننىڭ بىرىنچى دىنىي داھىيسى شەيخ ئابدۇلئەزىز بايانات ئېلان قىلىپ، ئىسلام دۇنياسىدىكىلەرنىڭ ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، رادىكال تەشكىلات «ئىسلام دۆلىتى» (IS) گە قارشى تۇرۇشىنى مۇراجىئەت قىلدى. ئۇ IS ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ بىر قىسىمى، دېدى. رۇسىيە سۈنئىي ھەمراھ تورىدا، «ئىسلام دۆلىتى» 26-دىكابىر ئۆزىنى مۇشۇ تەشكىلاتنىڭ رەھبىرى دەپ ئاتىغان ئەبۇبەكرى باغدادىنىڭ ئۈن لېنتىسىنى ئاشكارىلىدى، دېيىلدى. 24 مىنۇتلۇق بۇ ئۈن لېنتىسىدا، باغدادى يېڭىدىن تەشكىللەنگەن سەئۇدىي ئەرەبىستان بىرلەشمە ئارمىيەسىنى ئامېرىكىنىڭ «يالاقچىسى» دېگەن ھەمدە ئىسرائىلىيەنى «قەبرىستانلىق»قا ئايلاندۇرۇۋېتىمىز، IS پەلەستىننى بىر دەقىقىمۇ ئېسىدىن چىقىرىپ قويمىدى، دېگەن.
شەيخ «سەئۇدىي ئەرەبىستانى خەۋەرلىرى»نىڭ تېلېفون زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئىسلام تېررورلۇققا قارشى ھەربىي ئىتتىپاقداشلىقنىڭ قۇرۇلۇشىنى قوللايدىغانلىقىنى، رادىكال ئۇنسۇرلارنى مەغلۇب قىلىشقا قەسەم ئىچكەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇ يەنە مەزكۇر زوراۋان دىنىي تەشكىلاتتىكىلەر بىدئەتچىلەردۇر، ھەرگىزمۇ ئىسلامغا تەۋە ئەمەس دېدى. شەيىخ IS نىڭ ئىسرائىلىيەگە ھۇجۇم قىلىدىغانلىقى توغرىلىق توختىلىپ: «بۇ بىر يالغانچىلىق، چۈنكى IS نىڭ ئۆزى ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ بىر قىسمى» دېدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved