ۋاڭيى تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى .يەر شارى ۋاقىت گېزىتى تورىنىڭ 30-ماي چېسلا بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا ،ئامېرىكا ۋالىستىرىت كوچىسى گېزىتىدە ،27-ماي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خەۋەرچىسىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ ئامېرىكا كورىيە چېگرىسى ئىچىگە بىر يۈرۈش ئىلغار يۇقىرى ئىقتىدارلىق مۇداپىئە سېسېتىمىسى ئورۇنلاشتۇرماقچى بولىۋاتىدۇ دېدى .ئامېرىكا ئىزچىل كورىيەنى ئامېرىكا يېتەكچىلىكىدىكى رايون بومبا مۇداپىئە سىستېمىسىغا باشلاپ كىرىشكە ئۇرۇنۇپ كەلدى .
ئەمما باشتىن ئاخىرى بۇ ئارزۇسىغا يېتەلمىدى .ۋالىستىرىت كوچىسى گېزىتىدە ، يېقىنقى بىر مەزگىلدە ئامېرىكا بۇ نىشانغا يېتىش ئۈچۈن يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھۇجۇمنى باشلىدى دېيىلدى .فېرمىناز يۇقىرى بوشلۇق مۇداپىئە سېسېتىمىسى ئىنتايىن ئىلغار بۇلۇپ ،ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە ئەمەلدارىنىڭ ئېيتىشىچە ئامېرىكا كورىيەدىكى ئورۇنلاشتۇرۇلۇش مۇمكىنچىلىكى بولغان جايدا نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغان .ئەمما بۇ سېستىمىنى ئورۇنلاشتۇرۇش توغرىسىدا تېخى ئاخىرقى قارارنى چىقارمىغان .
فېرمىناز يۇقىرى بوشلۇق رايونى مۇداپىئە سېسېتىمىسى سۈپىتىدە ئۇنى ئىزچىل تەشكىل قىلغۇچى دۆلەتلەر ئاپتوموبىلغا سەپلەنگەن باشقۇرۇلدىغان بومبىنى توسۇپ قۇيۇپ بېرىش قۇرۇلمىسى ، باشقۇرۇلدىغان بومبىنى توسۇپ تۇرۇش ،ئىز قوغلاش رادارى ،ھەمدە يىغىنىدا ئوت كونترول سېستىمىسىدىن تەشكىل قىلىغان قىلىپ لايىھىلىگەن .بۇ سىستېمىنىڭ ئەڭ چوڭ ئەۋزەللىكى ئۇنىڭدا يۇقىرى ئۈنۈملۈك قرىش كۈچىگە ئىگە ھەرىكەت ئېنېرگىيىلىك ئوق بېشى ئىشلىتىلگەن بۇلۇپ ،ئوخشاش بىر نىشاننى ئىككى قېتىم توسۇش ئىقتىدارىغا ئىگە .
توسۇش ئارىلىقى بىر قەدەر يىراق بولغاچقا ،بۇ سىستېما كۆپ قىسىم ئەھۋاللاردا نىشاننى توسۇپ قېلىشقا يېتەرلىك ۋاقىتنىڭ بۇلىشىغا كاپەلەتلىك قىلىدۇ ،شۇنداقلا توسۇپ قېلىشنىڭ مۇۋاپپىقەتلىك بولغان بولمىغانلىقىنى باھالاپ ،يۇقىرى بولغاندا ئىككى باشقۇرۇلدىغان بومبىنى قۇيۇپ بېرىدۇ .
شۇنىڭدىن قارىغاندا ئۇ كەڭ كۆلەملىك ۋەيران قىلغۇچى ئوق بېشىنىڭ يەر يۈزىگە بولغان بۇزغۇنچىلىق دەرىجىسىنى ئەڭ تۆۋەن دەرىجىگە چۈشۈرۈپ قويالايدۇ .ئامېرىكا ئىزچىل كورىيەنى ئامېرىكا يېتەكچىلىكىدىكى رايون ،باشقۇرۇلدىغان بومبا مۇداپىئە سېستىمىسغا باشلاپ كىرىشكە ئۇرۇنۇپ كەلدى .ئىلگىرى بىر قېتىم كورىيە ئامېرىكىغا ئۈچ ئۆلچەملىك باشقۇرۇلدىغان بومبىسىنى كىرگۈزدى دېيىلدى .ئەمما كورىيە نۇرغۇن قېتىم ئامېرىكىنىڭ باشقۇرۇلدىغان بومبىغا قارشى سىستېمىسىغا قويۇلمايدىغانلىقى ،ئۆزلىرىنىڭ مۇداپىئە سىستېمىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يۈزلىندىغانلىقىنى تەكىتلىدى ، بەلكىم بۇ ئامېرىكىنىڭ ئۆز ئارزۇسى بۇلىشى مۇمكىن .
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ،ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK
لەگلەك تور تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
Copyright ©2013-2014 by www.leglek.com all rights reserved